logo

trugen jacn

قاغىلىق سايباغدا قول تېلېفونىدا قىرائەت ئاۋازى ساقلىغان ياش ئىككى يىللىق كېسىلگەن

sesli_kuran1

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا بىر يىل داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا 181 تېررورلۇق گۇرۇھىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن رادىئومىز مۇخبىرلىرى رايوندا ئۆتكەن بىر يىلدا جازالانغان كىشىلەرنىڭ كىملىك ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە ئېنىقلاشنى كېڭەيتتى. نەتىجىدە قاغىلىقنىڭ سايباغ يېزا ھويلا كەنتىدە 5 نەپەر ياشنىڭ قول تېلېفوندا چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ياكى يوللىغانلىقى ئۈچۈن 2 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ئاشكارىلىشىچە ساقچىلار قول تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا تۇرسۇنمەمەت مەتنۇر ئىسىملىك كىشىنىڭ قول تېلېفونىدا قىرائەت ئاۋازى تېپىلغان؛ تۇرسۇنمەمەت تېلېفونىنى يېڭىدىن سېتىۋالغانلىقى، مەزكۇر ئاۋازنىڭ تېلېفوننى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنلا بارلىقىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ جازادىن ساقلىنىشىغا سەۋەب بولالمىغان؛ يەنە بىر نەپەر ياش جىلباب كىيگەن ئايالنىڭ رەسىمىنى باشقىلارغا يوللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ ئىككى يىللىق كېسىلگەن.

خىتاي ئۆتكەن بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا 181 تېررور گۇرۇھىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىك ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن؛ خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە تېررور گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ 96% نىڭ پىلان باسقۇچىدا تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا قاغىلىق سايباغ يېزا ھويلا كەنتىدە جازالانغان ئەنە شۇ بەش كىشىنىڭ خىتاي تىلغا ئالغان 181 ئاتالمىش تېررورلۇق گۇرۇھىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. يۇقىرىقىلاردىن يەنە مەلۇمكى خىتاي ساقچىلىرى قول تېلېفونىدا چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەن، ساقلىغان ۋە يوللىغانلارنى تېررورلۇق قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارىغان. خىتاي سوتى مانا بۇ پەرەز ۋە ئېھتىماللىقلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تۇتقۇنلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە جازاغا بۇيرۇغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/telefon-tekshurush-06082015154719.html

Share
3086 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.