ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
چەتئەلدە تارقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر نىداسى تور رادىيوسى ئۆتكەن ھەپتە، 27-فېۋرال كۈنى قاغىلىقنىڭ لوق يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش چىققانلىقى، توقۇنۇشقا كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارنىڭ خۇپتەن نامىزىدىن قايتقان جامائەتكە زوراۋانلىق قىلىشى سەۋەب بولغانلىقى، توقۇنۇشتا ساقچى تەرەپنىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن بەلگىلىك ساندا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش بولغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بەردى. مۇخبىرىمىزنىڭ قاغىلىقتىكى ساقچىخانىلارنى زىيارەت قىلىشى داۋامىدا لوقتا 27-ياكى 28-چېسلا كۈنى بىر ۋەقە چىققانلىقى دەلىللەندى. ئەمما، ۋەقەدە ئۆلگەن يارىلانغانلار ھەققىدە مەلۇمات بولمىدى.
ئۇيغۇر نىداسى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە، ۋەقەدىن كېيىن قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئالاقىدار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋەقە سادىر بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، جۈملىدىن ۋەقەدە ئېنىق ھالدا قانچە كىشى ئۆلۈپ قانچە كىشى يارىلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر خەۋەردە پاكىت ۋە مەنبە كۆرسىتىلمىگەن ھالدا ۋەقەدە 20 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-din-03152017164514.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.