logo

trugen jacn

قازاقىستان لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشتە تۈركىيەنى ئۈلگە قىلىدۇ

جانسېيىت تۇيمەبايېۋ «تۈركىيە 1928 – يىلىدىن بۇيان لاتىن ئېلىپبەسىنى غەلىبىلىك ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز تۈركىيەنى ۋە تۈرك تىلىنى ئۈلگە قىلىمىز» دېدى

 جەنۇبىي قازاقىستان ئۆلكىسى ۋالىيسى جانسېيىت تۇيمەبايېۋ قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشتە تۈركىيەنى ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋالىي جانسېيىت تۇيمەبايېۋ مەركىزى ئۇچۇر – ئالاقە خىزمەت بىناسىدا چاقىرغان جەنۇبىي قازاقىستان ئۆلكىسىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىز لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتمەيمىز، بەلكى لاتىن ئېلىپبەسىگە قايتماقچىمىز» دېدى.

جانسېيىت تۇيمەبايېۋ بارلىق تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ 1929 – يىلىدىن 1940 – يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا لاتىن ئېلىپبەسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ ئوخشاش مەزگىلدە لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى، بىراق سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبىرى جوسېف سىتالىننىڭ بىر كۈن ئىچىدىلا لاتىن ئېلىپبەسىنى كىرىل ئېلىپبەسىگە ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۇيمەبايېۋ: «تۈركىيە 1928 – يىلىدىن بۇيان لاتىن ئېلىپبەسىنى غەلىبىلىك ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز تۈركىيەنى ۋە تۈرك تىلىنى ئۈلگە قىلىمىز. تۈركىيەنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىنى نەقەدەر نەتىجىلىك ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ئىش بىزگە نىسبەتەنمۇ قىيىن بولمايدۇ» دېدى.

ۋالىي جانسېيىت تۇيمەبايېۋ يىغىندا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تەرىپىدىن سورالغان تۈركىيە كارخانىچىلىرىنىڭ جەنۇبىي قازاقىستاندىكى سېلىنمىلىرىغا دائىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە ھازىر تۈركىيەدە يۈز مىڭلىغان شىركەتلەرنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇيمەبايېۋ ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە شىركەتلىرىنى مەملىكىتىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز. قازاقىستاندا سودا – سانائەت مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىپ كېىلىۋاتىمىز. تۈنجى نۆۋەتلىك مۇنبەر يىغىنىمىزغا 100 نەپەر تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچى قاتناشقان ئىدى. تۈرك كارخانىچىلار 15 – 20 كىشىلىك ھەيئەت شەكلىدە ھەردائىم ئۆلكىلىرىمىزنى زىيارەت قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرماقتا» دېدى.

تۇيمەبايېۋ مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن بارلىق قانۇنىي ئاساسلارنىڭ ھۇلى سېلىنغانلىقىنى ۋە تۈركىيە كارخانىچىلىرىنىڭ رايوندا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي قازاقىستاندا تۈركىيە كارخانىچىلىرىنىڭ بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ئىشلەپچىقىرىش، پارنىك قۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، رايوندا 10 دىن ئارتۇق تۈركىيە شىركىتى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1246 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.