logo

trugen jacn

قازاقىستاندا قازاقلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 8 ئادەم ئۆلگەن

kazakistan-da-korkutan-yangin-7242046_x_o

قازاقىستاننىڭ ئاقتۆپە رايونىدا 8‏-ئىيۇل، يەرلىك قازاقلار بىلەن كان ئېچىۋاتقان خىتايلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پارتلاپ، ئاز دېگەندە 8 خىتاي ئۆلگەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بەزى خەۋەرلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ 11 ئىكەنلىكى، 3 خىتاينىڭ ئىز ‏-دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈلگەن.

بىراق خەۋەرلەردە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي ئاخباراتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا تىك ئۇچار ئەۋەتىپ، يارىلانغان خىتايلارنى توشىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، تۈركىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە خىتايغا قارشى زور نارازىلىق نامايىشى پارتلىغان مەزگىلدە يۈز بېرىپ، دىققەت قوزغىدى.

ئاقتۆپە مىس كېنى دۇنيادىكى چوڭ مىس كانلىرىنىڭ بىرى. قازاقىستان ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رەڭلىك مېتال شىركىتى 2014‏-يىلى نويابىردا قازاقىستان بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، مەزكۇر مىس كاننى ئېچىشنى ھۆددىگە ئالغان. 2 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق مىس كان 2017‏-يىلى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچى ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qazaqistan-xitay-07132015151019.html

Share
1116 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.