logo

trugen jacn

قارىقاش پۇچاقچىدا ئۆلتۈرۈلگەن پىدائىيلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى

dua3

 شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاۋغۇست كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن پىدائىيلار، مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى تەراۋىھدا ئادەم تۇتقان سېكرېتار رەجەپ ئىسلامنى يارىلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەن ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم ۋە ئابدۇخېۋىر ئابدۇخېلىل قاتارلىق پىدائىيلار بولۇپ، بۇلاردىن ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم پۇچاقچى يېزىسىدا ئۇنىڭدىن ئاۋۋال يۈز بەرگەن 27-ماي ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى ئىكەن. ئاشكارىلىنىشىچە، ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆي تەكشۈرۈپ كەلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كەتكەن؛ نەق مەيدانغا ياردەمگە كەلگەن ساقچىلار ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنىڭ دادىسى ئابدۇكېرىم توختىنىيازنى ئېتىپ تاشلىغان.

ئاھالىلەر ۋە كەنت مەسئۇللىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنە شۇ 27-ماي ۋەقەسىدىن كېيىن پۇرچاقچى يېزىسى تىنچىمىغان؛ ساقچىلار ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنى ئىزدەش داۋامىدا تەراۋىھدا ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى پەيدا قىلغان. بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم قاتارلىق پىدائىيلار تەراۋىھدا ئادەم تۇتقان سېكرېتارنى ئۆيىدە يارىلاندۇرغان ۋە ئايالىنى ئۆلتۈرگەن

رادىئومىز 1-ئاۋغۇست كۈنى 9 نەپەر پىدائىينىڭ پۇچاقچىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى خىتاي خەۋەرلىرىدىن ئۇققاندىن كېيىن، مەزكۇر پىدائىيلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. يېزىدىكى ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل بىر خانىم ئېتىۋېتىلگەن گۇماندارلارغا ئائىت قولىدىكى بىر تۇتۇش بۇيرۇقىنى تۆۋەندىكىچە ئوقۇپ بەردى:
-ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم، 23 ياش، تۆۋەن پۇرچاقچى كەنتىدىن، ئابدۇخېۋىر ئابدۇخېلىل، 21 ياش، ئابدۇقاھار تۇرسۇن توختى، 22 ياش؛ تۇردىمەمەت تۇرسۇن، 21 ياش؛ نۇرمەمەت تۇرسۇن، 19 ياش، دۆڭجاي كەنتىدىن….

بىز 1-ئاۋغۇست كۈنى ئېتىۋېتىلگەنلەرنىڭ تەراۋىھدا ئادەم تۇتقان سېكرېتارنى يارىلاندۇرۇپ ئايالىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارلار ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىدۇق. بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 19-ئىيۇل سېكرېتار ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن بۇرۇن، بۇ يېزىدا 27-ماي ۋەقەسى دەپ ئاتالغان يەنە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەدە ئىككى نەپەر ساقچى يارىلانغان ۋە ئابدۇكېرىم توختىنىياز ئىسىملىك بىر كىشى ئېتىۋېتىلگەن

-مېنىڭ قېيىنئىنىم ئابلىكىم ۋە مۇشۇ يېزىدا خىزمەت قىلىدىغان يەنە بىر ساقچى شۇ كۈنى يارىلانغان، ئىنىم ساقايدى، ئەمما تۇرپانلىق ساقچى ھېلھەم ساقايمىدى. ئۇ كۈنى ساقچىلار شۇ ئۆيدىكى بىر كىشىنى ئېتىۋەتكەن، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يېزا تىنچىمايۋاتىدۇ

ئوتتۇرا پۇرچاقچى كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە،، يېزىدا بىر گۇرۇپپا گۇمانلىق كىشىلەر ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى مەسچىتكە بارمىغانلىقى ۋە ئايرىم دىنىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ساقچىلار ئابدۇكېرىم ئابدۇراخماننىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈشكە بارغاندا، ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئىككى نەپەر ساقچىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ قېچىپ كەتكەن. تاياق يەپ يىقىلغان ساقچىلارغا ياردەمگە كەلگەن ساقچىلار، ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنى تۇتالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇكېرىم توختىنىيازنى ئېتىپ تاشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار ئابدۇكېرىم ئابدۇراخماننى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىغان، بۇ سەپەرۋەرلىك تەراۋىھدا ئادەم تۇتۇش قاتارلىق بىر قاتار زەنجىرسىمان ۋەقەلەرگە سەۋەب بولغان

مەلۇم بولۇشىچە پىدائىيلاردىن 23 ياشلىق ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم ئالاھىدە تەلىم كۆرگەن بولۇپ، ئۇ 27-ماي ۋەقەسى كۈنى ئىككى نەپەر قوراللىق ساقچىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، ھوشسىزلاندۇرغاندىن كېيىن، ئارقا ھويلىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئۇزاقلىشىپ ئۆزىنى دالدىنى ئالغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يېزىدا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە خادىملىرى بىلەن تىركىشىش ۋە زەربە بېرىش ۋەقەلىرىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/olgenler-kimliki-08052014154124.html

Share
1219 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.