logo

trugen jacn

قارىقاش پارتكوم ھۇجۇمىدىن كېيىن 22 نەپەر توشقان ئوۋچىسىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان

 

b2f66a6a-161e-488e-a49b-e23e63a12069

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى 28-دىكابىر قارىقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تىنجىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، ۋەقەدىن كېيىن كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇچۇرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مەھەللىلەردە ئاھالىلەرگە تەھدىت سېلىنغانلىقى، شۇ قاتاردا ھۇجۇم گۇماندارلىرى بىلەن بىللە ئىلگىرى توشقان ئوۋلاشقا چىققان 22 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يەنى ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ كۆڭلى تىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 28-دىكابىر كۈنى قارىقاش ناھىيسىنىڭ ياۋا يېزىسىدىن بولغان توختىمەمەت تۇرسۇننىياز، نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز ۋە ئابلېتىپ مەتقۇربان قاتارلىق 4 نەپەر ھۇجۇمچى قارىقاش ناھىيىلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا پارتكوم دەرۋازىسىدىكى خىتاي ساقچىلىرىدىن بىر نەپىرى ئۆلۈپ 3 نەپىرى يارىلانغان؛ ھۇجۇمچىلار نۆۋەتتىكى باشقا ساقچىلاردىن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ئاخباراتى قارىقاشتا ھۇجۇمچىلار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تىنجىغانلىقىنى ۋە ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى يازدى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ۋەزىيەت ۋە ئوپىراتسىيەلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى. ئەمما بىزگە كەلگەن غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلاردا، بولۇپمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەر ۋەقەدىن كېيىن قارىقاش تەۋەىسىدە كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن باشلىغانلىقى، ناھىيە بويىچە ئاز دېگەندە 200چە كىشى تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇمچىلارنىڭ ئولتۇراق ئورنى بولغان ياۋا يېزىسىدىكى ئەمەلدارلارغا تېلېفون قىلدۇق. يېزىلىق پارتكوم خادىمى تۇتقۇنلار ھەققىدە ساقچى ئورۇنلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى؛ يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىمى بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يېزىدىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى يوشۇردى.

يۇرتى قارىقاش ناھىيىسىدىن بولغان مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، 4 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، ۋەقەدىن بۇرۇن بىلىپ-بىلمەي ئالاقە قىلغان كىشىلەر بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۈگۈنگىچە قويۇپ بېرىلمىگەن. ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ مۇھاجىرنىڭ دېيىشىچە، ياۋا يېزا ئاھالىلىرىدە توشقان ئوۋلاش ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر تۈر كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتىدۇر؛ ساقچىلار تۇتقۇن داۋامىدا جۈمە بازار كەنتىدە ئاكا-ئۇكا ھۇجۇمچىلار بىلەن بۇرۇن بىرلىكتە توشقان ئوۋلىغان 22 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. جۈمەبازار ئامانلىق مۇدىرى گەرچە بۇ ساننى دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، توشقان ئوۋچىلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ قارىقاشلىق مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋا قاتارلىق يېزىلاردا تۇتقۇن ئېلىپ بارغان ساقچىلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كېچىلىرى قوراللىق قورشاۋغا ئالغان، بېسىپ كىرگەن، ھەتتا ئادەتتىكى مەلۇمات ئۈچۈن سوراققا ئېلىپ ماڭغانلارنىڭمۇ بېشىغا قارا خالتىلارنى كەيدۈرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ قارىقاش ھۇجۇمىدىن كېيىن تەۋەلىكتىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا كۈچەيگەن ۋە كېڭەيگەن تەھدىتلىرى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qariqash-hojum-01072017000049.html

Share
1148 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.