logo

trugen jacn

قاراماي شەھىرىدە ئەرز قىلىشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى

image

ئېھسان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

اراماي شەھىرىگە باشقا شەھەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئاساسلىق قىلىپ شامالباغ مەھەللىسى(پىڭخۇا) ۋە غەربىي تاشلىق جىلغىسى(قاسساپلار)مەھەللىسى بولۇپ ئىككى رايونغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، بۇ رايوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

يەرلىك دائىرىلەر 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىككى رايوندىكى جەمئىي 60 ئائىلىگە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇقتۇرۇش بەرگەن ئۆيلەرنى چاقىدىغانلىقىنى، ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ 15 كۈن ئىچىدە ئەرز قىلىنمىسا قوشۇلدى دەپ قاراپ، ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

غەربىي تاشلىق جىلغىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ئەرز قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقاندا، غالىپ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش شۇ رايونغا قاراشلىق تەڭرىتاغ مەھەللىسى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئادەم توپلىدىڭ دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

بىز قاراماي شەھەردىكى بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار بىر نەپەر شەھەر ئاھالىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە ئۇ مۇنداق دېدى: «3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بىز مەھەللىدىكى نەچچە كىشى تەشكىللىنىپ، بۇ ئەھۋالىمىزنى بالداقمۇ -بالداق ئۆرلەپ ئەرز قىلايلى دەپ كۆپچىلىكنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىمزا توپلاپ ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن يول كىراغا ياردەم يىغقان ئىدۇق. 5-مارت ئەتراپىدا بۇ ئىشنى تەشكىللەپ قىلىۋاتقان ئارىمىزدىكى بىرىنىڭ ئاكىسى غالىپجاننىڭ تەڭرىتاغ مەھەللىسى ساقچىخانىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالدۇق.»

ساقچىلارنىڭ غالىپ ئىسىملىك بۇ بالىغا، سوراق قىلىش جەريانىدا «ئادەم توپلاپ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان» دېگەن جىنايەتنى ئارتقانلىقى، غالىپنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى، پاكىت سۈپىتىدە قولغا چۈشكەن ئەرزنامىگە ئىنىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا ئاكىسى غالىپنىڭ ئىسمى يېزىلىپ قالغاچقا، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

غالىپجانغا ساقچىلار نەق مەيداندا ئىنىسىغا تېلېفون قىلدۇرۇپ، ئەرز قىلىشنى دەرھال توختىشىنى ھەمدە ئەرز قىلىش ئۈچۈن يىغقان پۇللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ساقچىلارنىڭ تەھدىت قىلىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار ئەرز قىلىشتىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.

25-مارت كۈنى شامالباغ مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار، قاراماي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئولتۇراق رايونىغا ئوت كېتىش سەۋەبلىك، شۇ رايوندىكى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئۆي چېقىش ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە كەينىگە سۈرىدىغانلىق پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غەربىي تاشلىق جىلغىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىدا تەخمىنەن 200 گە يېقىن ئاھالە، 1000 غا يېقىن كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ 98% ئى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.

بۇ ئۇيغۇرلار، شەھەر رايونىدىكى بىنا ئۆيلەرنىڭ ئۆي ئىجارىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 سوم ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتتىن بېرىدىغان تۆلەمنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى ئۈچۈن 220 سوم ئىكەنلىكىنى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىمۇ بىر كۈنلۈكى 250 سوم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەردە بۇلار ھازىرقى تۇرالغۇ ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، بېرىلگەن ئاتالمىش تۆلەم ھەققىنىڭمۇ بىنا ئۆيدە 6 ئاي ئىجارىدە ئولتۇرۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك دائىرىلەر بولسا، بۇ ئۇيغۇرلارغا كەلگەن يۇرتىغا قايتىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر شەھەر ئاھالىسى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز يۇرتتىن قارامايغا يەرلەشكىنىمىزگە 20 يىلدىن ئاشتى، بىزنىڭ يۇرتتا ئۆيىمىزمۇ، تېرىيدىغان يېرىمىزمۇ يوق، بۇنداق ئەھۋالدا بىز يۇرتقا بېرىپ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىمىز؟ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۆيىمىزنى مەجبۇرىي چېقىشى سىياسەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ يەرلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ھەر قايسى شەھەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن يۈرگۈزسە بولىدۇ، دەپ بىزنى توسۇۋاتىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qaramay-weziyiti-03312015152201.html

Share
1766 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.