logo

trugen jacn

قارامايدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى سىرلىق ۋە شىددەتلىك ئوت ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

a6166cca-7a95-4ec8-bde2-5617bce169ee

گۈلچېھرە

2015-u0325-pmg.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

24 – مارت كېچىدىن 25 – مارت تاڭ ئاتقىچە بولغان بۇ كېچە قارامايدىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئىنتايىن تەشۋىشلىك، قورقۇنچلۇق، ئاپەتلىك كېچە بولدى. قارامايدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 25 – مارت رادىيومىزغا يەتكۈزگەن جىددىي ئۇچۇرىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى تېخى تاڭ ئاتماستا – يېرىم كېچە سائەت 1لەر ئەتراپىدا قاراماي داشىگوغا جايلاشقان«قاسساپلار مەھەللىسى» دەپ ئاتالغان كەپىلىك ئۆيلەر مەھەللىسىدە، شىددەتلىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، بەختكە قارشى 9 بال بوراندا ئوت تېز يامراپ ئۆچۈرۈشمۇ پەۋقۇلئاددە مۈشكۈل بولغان. ئوت كېتىپ 5 سائەتكىچە تولۇق ئۆچۈرۈلمىگەن.

قارامايدىكى ئوت ئاپىتى ھەققىدە دائىرىلەر قىسقىچە خەۋەر تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەر ئالماقتا. رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن قارامايدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن بۇ زور ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئاپەتتە ئۆلۈش، ئېغىر يارىلىنىش پاجىئەلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

25 – مارت خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيىسى ۋە باشقا ئاخباراتلارمۇ قارامايدا 20 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقاتتى. دەسلەپكى خەۋەردە ئاپەتنىڭ قارىماي فېڭخۇا ئولتۇراق رايونىغا يېقىن جايدىكى كەپىلىك مەھەللىلەردە يۈز بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق بورانغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئوت ئۈچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭمۇ مۈشكۈل بولغانلىقى تەكىتلەندى. قارىمايدىكى ئاممىغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى تىلغا ئالمايۋاتقان ئاپەتنىڭ خەۋەرلەردىكىدىن ئېغىرلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۆز ئىسمىنى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلماسلىق شەرتى ئاستىدا مەلۇمات بەرگۈچى قارامايدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرى، ئوت ئاپىتىنىڭ ئېغىر بولغانلىقى ھەققىدە ئامما ئارىسىدا ھەر خىل گەپ بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تېخى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، ئاپەت رايونىغا يېقىن جايدىكى بىر مەسچىتتە دەسلەپ 25 – مارت ئەتتىگەندە 6 مېيىتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى:

يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، دائىرىلەر ئۇچۇر تارقىلىشىنى جىددىي كونترول قىلغان بولغاچقا ئىمكان بولمىدى، يارىدارلارنىڭ بىر قىسمى ئاپىرىلغان قاراماي شەھەرلىك مەركىزى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى مەسئۇلى ھەتتا بۇنداق بىر ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن خەۋىرىم يوق دېگەن جاۋابنى بەردى.

قاراماي شەھىرىدىكى يەنە بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئامما قاراماي شەھەرلىك 11 – باشلانغۇچ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان يۇرتداشلىرىغا ياردەم قىلىش ئىستىكىدە بېرىپ كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا لىق ئادەم. ئۇيغۇرنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. يوتقان، كۆرپە، ماددىي بويۇملار، كىيىم – كېچەكلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بوپتۇ. بوۋاق بالىغا زاكا كېرەككەن…. بىرى شۇنداق دېۋىدى، ھەممىسى ماگىزىنغا كىرىپ بەس – بەستە زاكا ئېلىشقا ئالدىرىدى. ئېمىزگسى بارمىكەن ؟ پايپىقىچۇ، پايپىقى ؟ بۇلمىقىچۇ؟…… كۆزلىرىمدىن ياشلار چىقىپ كەتتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرەلمەيۋاتقانلار “ نېمە كېرەككەن؟ “ دەپ دەرۋازا ئىچىگە تەلمۈرمەكتە. ھۆكۈمەت ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. بىر ئائىلىدىن بەش بالا بىلەن ئانىسى قازا قىپتۇ، دادىسى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپتۇ. مەسچىت ئالدىدىمۇ ماشىنا، ئادەملەر كۆپ. پەتىگە كىرىپ تونۇشمايدىغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قۇچاغلىشىپ يىغلاپ كۆرۈشتۇق. ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، ماكانسىز قالغانلارنىڭ مۈشكۈلىنى ئاسان قىلغاي، ئامىن !!»

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 1950 – يىللاردا قارامايدا زور نېفىت زاپىسى بايقالغاندىن كېيىن، قاراماي خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن قاراماينىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىپ، 2008 – يىلىغا كەلگەندە، قاراماينىڭ يىللىق مالىيە كىرىمى 66 مىليارد سومغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن قاراماي كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى، خىتايدىكى 659 شەھەر بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردا مانا بۇ باي – باياشات شەھەردە كۆچمەن خىتايلار نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە چەتكە قېقىلىپ بۇ شەھەرگە سىغماي ھەيدىلىۋاتقانلىقى، ئىشسىز قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار ۋە بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلار رادىيومىزغا يەتكەن ئىدى. قارامايدا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان كەپىلىك ئىككى مەھەللىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئىككى مىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا پىكىر توپلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن بەزى مەھەللىلەرنىڭ ۋاقتىنچە چېقىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

دائىرىلەر مەزكۈر ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەسنادا ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مەزكۈر ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ گۇمانلىق ۋە سىرلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە قىياسلىرىنى بايان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتچىلەر، بۇ پاجىئەلىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ دائىرىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى ئىچىدىكى مەھەللىلەرىنىڭ بىرى بولغان «قاسساپلار مەھەللىسى» ئىكەنلىكى بىلەن باغلاپ قىياس قىلغاندا، تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلىكىگە گۇمان تۇغۈلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/qaramay-ot-03252015222502.html

Share
1524 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.