logo

trugen jacn

قارامايدىكى ئوت ئاپىتى جەريانىدىكى پىدائىيلارنىڭ ياردىمى، ئىنكاس ۋە مۇنازىرىلەر دائىرىلەرنى ئەنسىرەتكەن

image

مېھرىبان

2015-u0327-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قارامايدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25 – مارت سەھەر سائەت 1 – لەردە يۈز بەرگەن قارامايدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، قاراماي خەلقىنىڭ ئۆزلىكىدىن پىدائىي بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئوت ئاپتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەمدە بولۇشى ۋە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قارامايدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «نامراتلار مەھەللىسى» گە ئوت كېتىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى ئىنكاس ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەنسىرەتكەن. قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە ياردەم خىزمىتىنى ھۆكۈمەت ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، تور بىكەتلىرىدە ۋە تېلېفون ئۇچۇرلىرىدا بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ھەققىدە مۇنازىرە قىلماسلىقنى ئۇقتۇرغان.

چارشەنبە كۈنى قارامايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھۆججەت چىقىرىپ،«ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان 55 ئائىلىلىككە ھۆكۈمەت ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا پىدائىيلارنىڭ تەشكىللىنىشى ھاجەتسىز» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. قارامايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە يەنە «24 – مارت كېچىدىن 25 – مارتقىچە چىققان 8 – 9 بال بوران ئوت ئاپىتىنى ئۇلغايتىۋەتكەن. شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە 25 – مارت سەھەر سائەت بىرلەردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئەھۋالى ھەققىدە شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر تارقىتىشىغا ۋە بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشىغا بولمايدۇ» دېيىلگەن.

قارامايدىن رادىيومىز بىۋاستە ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەت يۈز بەرگەن مەھەللىلەر قارامايدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «قاسساپلار مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدىغان، ياقا يۇرتلاردىن كېلىپ قارامايدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، 1 – ئاپرېل كۈنى چېقىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بۇ مەھەللىدىكى 55 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن. نۆۋەتتە ئۆيلىرى كۆيۈپ كەتكەن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر شەھەرلىك 11 – باشلانغۇچ ۋە 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كېچىدە قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان. ئەمما كۈندىن بۇيان ئاپەت يۈز بەرگەن رايون قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ، بۇ رايونغا ھەرقانداق كىشىنىڭ كىرىشى قاتتىق چەكلەنگەن.

27 – مارت كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قارامايلىق خانىم، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېينكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ئۆزى ياشىنىپ قالغىنى ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارمىغانلىقىنى، شۇ كۈنى قىزلىرى پىدائىي بولۇپ، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان بولسىمۇ، كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى خەلق ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنى قوغداۋاتقىنى ئۈچۈن، پىدائىيلارنىڭ ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ياردەمدە بولۇشى تەسكە توختىغانلىقىنى بىلدۈردى.

27 – مارت كۈنى فىرانسىيە رادىيوسىنىڭ خىتايچە بۆلۈمىمۇ قارامايدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى خەۋىرىدە، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،«ئاپەتتىن كېيىن پىدائىيلارنىڭ ياردەمدە بولۇشى چەكلىنىدىغانلىقى، ھەرقانداق بىر پۇقرانىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە قارامايدىكى ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى خالىغانچە ئېلان قىلىشى چەكلىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فرانسىيە رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 25 – مارت چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدىكى «تۈنۈگۈن كېچە چىققان قاتتىق بوران سەۋەبىدىن داشىگۇ رايونىدىكى مەھەللىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ھەرقايسى دوستلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشىنى ئۇقتۇرىمىز. دوستلار چەمبىرىكى، ۋېچات قاتارلىقلاردا ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئۆز ئالدىغا سىنئالغۇ، رەسىم ۋە خەۋەرلەرنى تارقىتىش چەكلىنىدۇ. نۆۋەتتە قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياردەم ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا» دېگەن بايانلار نەقىل ئېلىنغان.

ئىككى كۈندىن بۇيان ئۈندىدار قاتارلىق تېلېفون ئۇچۇرلىرىدا ۋە سىننا، تېڭشۈن قاتارلىق تور بىكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى يوشۇرۇپ، ئۇچۇرنى قامال قىلىۋاتقانلىقى ۋە 24 – مارت يېرىم كېچىدىن كېيىن يۈز بەرگەن «سىرلىق ئوت ئاپىتى» ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇلاردا «قارامايدا 1 – ئاپرېل كۈنى چېقىلىش بەلگىلەنگەن نامرات ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللە كۆيۈپ كەتتى. 55 ئائىلە پۈتۈن بىساتىدىن ئايرىلدى، بۇ تاسادىپىلىقمۇ؟ ھۆكۈمەت بۇنىڭغا نىمە دەيدۇ؟»، « خەۋەرلەردە ئوتنىڭ ئەخلاتخانىغا چۈشكەن چوغ سەۋەبىدىن بوراندا ئۇلغايغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا، ئۇنداقتا بۇ چوغنى كىم چۈشۈردى؟»، «قاراماي ئەلقمىساقتىن تارتىپ بوران ماكانى، ئەمما 10 يىلدىن بۇيان كۆيمىگەن مەھەللە نېمىشقا بۇ بوراندا كۆيۈپ كېتىدۇ؟»، «ھۆكۈمەت بوران چىقىشقا باشلىغان 24 – مارت كېچىسى سائەت 8لەردە بوران سەۋەبىدىن توك ئۈزۈلۈپ كەتكىنىنى بىلدۈردى، نىمىشقا شۇ كېچىسى توك تەمىنلەش توختايدۇ؟» دېگەندەك سوئاللار قويۇلغان. سىننا، تېڭشۈن قاتارلىق خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا يەنە 1994 – يىلى قارامايدا يۈز بەرگەن 323 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان زور ئوت ئاپىتى تىلغا ئېلىنىپ، ئەينى چاغدىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شۇ قېتىمقى سىرلىق ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنازىرە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qaramay-ot-03272015221111.html

Share
1555 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.