logo

trugen jacn

قارامايدىكى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئىككى ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

 

ئېھسان

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

اراماي شەھىرىدە 60دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ئائىلىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شامالباغ رايونىدىكى مەھەللىگە 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سىرلىق ئوت كېتىش نەتىجىسىدە 6 ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلغان، 60 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيلىرى ۋە بىساتلىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ، نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىققان ئىدى.

يەرلىك دائىرىلەر ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئوت كېتىش سەۋەبىنى ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت ۋاقىتلىق ئۈچ ئايلىق ئىجارە ئۆي بىلەن تەمىنلىگەن. قالغان ئىشلارنى بولسا ئۈچ ئايدىن كېيىن بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلماسلىقىنى، ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، 9-ئاپرېل كۈنى ئابلىمىتخان ۋە تۇرسۇنئاخۇن ئىسىملىك 50 ياشلار ئەتراپىدىكى ئىككى كىشى قاراماي شەھەرلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئۆيگە قايتىش يولىدا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان، ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا سوئال-سوراقتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابلىمىتخان بىلەن تۇرسۇنئاخۇن ئىككىسى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن شۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىشكە سايلىغان بەش كىشىلىك ھەيئەت ئىچىدە ۋەكىل بولغان. ئابلىمىتخان ھۆكۈمەت بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا، ئۇلارغا ئۈچ ئايدىن كېيىن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۆينىڭ تۆلەم ھەققى قانداق بولىدۇ دېگەندەك سوئاللارنى ۋە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرغان ئىجارە ئۆيلەردە كۆرۈلۈۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئابلىمىتخان بىلەن تۇرسۇنئاخۇن دىنىي كىملىكى ئاشكارا كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ۋەكىللەر ئىچىدە ئېلىۋاتقان رولىنى كۆزدە تۇتقان يەرلىك دائىرىلەر بۇلارنى تۇتقۇن قىلىش نىشانى قىلغان دېگەن پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار شەھەر ئاھالىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابلىمىتخان تۇتۇلۇپ ئىككى كۈنگىچە بالىلىرى دادىسىنىڭ بارىدىغان جايلىرىنى ۋە تونۇشلىرىنى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرگەن، ئەمما خەۋىرىنى ئالالمىغان. ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە، قاراماي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى ئالغان، ئەمما نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان.

قاراماي شەھىرىدە 25-مارت ئوت ئاپىتىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىشىنى چەكلىگەن ھەمدە ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىكىگە توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى.

ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزچە، قاراماي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ يارىلانغان ئابدۇغېنىنى ھەقسىز داۋالاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ھازىرغىچە ياردەم بېرىشنى ئويلاشمىغان، پەقەت دەپنە مۇراسىمىغا كەلگەن تۇغقانلىرىنىڭ قاتناش كىراسىنى تۆلەپ بەرگەن.

يەرلىك دائىرىلەر ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىچىدىكى قولىدا يەر خېتى بارلارغا ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۈچۈن 220 سوم پۇل بېرىپ، قالغانلارنىڭ بولسا ھازىرقى ئۈچ ئايلىق ئىجارىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بولدى قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىغا قارىتا ئاندىن بەش ئايغىچە ئۆي ئىجارىسىنى كۆتۈرۈش پىلانى بارلىقى ئاشكارا بولدى.

يەنە بىر ئۇيغۇر رايونى بولغان غەربىي تاشلىق جىلغىسىدىكى ئۇيغۇرلار 6-مارت كۈنى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغاندا، يەرلىك دائىرىلەر، تەشكىللەنگەن 8 كىشىلىك ھەيئەتكە «ھۆكۈمەتكە قارشى ئادەم توپلىدىڭ» دەپ بوھتان ئارتقان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/qaramay-ot-weqesi-04162015164744.html

Share
1444 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.