logo

trugen jacn

قاراقاش چىنىباغدا ھەربىر كەنتتە بىردىن جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى قۇرۇلغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا قاراقاشتىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، مەزكۇر ناھىيەدە دەپنە مۇراسىمى ئورنى نامى ئاستىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇرچى قاتارلىق يېزىلاردا 4-5 كەنتتە بىردىن تەسىس قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنىنىڭ قاراقاش بازار ئىچىدىكى چىنىۋاغ ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدە ھەر بىر كەنتتە بىردىن قۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا زور كۆلەملىك جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇۋاتقاندىن باشقا يەنە قەشقەر، خوتەنلەردە دەپنە مۇراسىمى ئورنى ۋە مېيىت ئۇزىتىش ئورنى دېگەندەك ناملاردا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ تاكى كەنتلەرگە قەدەر كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ساقچى خادىملىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ چىنىباغ ساقچىخانىسىغا قاراشلىق 13 كەنت ۋە 2 ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى تەسىس قىلىنغان.

بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاراقاشتىكى بۇ جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 7-ئايدا، يەنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ 4 ئايدىن كېيىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قاراقاشنىڭ ئۇرچى يېزىسىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ۋە شۇ مەزگىلگە قەدەر 4-5 كەنتكە بىردىن جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى قۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۈگۈن يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى تورىدا ئېلان قىلىنغان «بىر شۇملۇقتىن پۇراق كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارادا جامائەتنى دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن» ماۋزۇلۇق بۇ باياناتتا لاگېرلاردا سولىنىپ ياتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تەقدىرى ھەققىدىكى جىددىي ئەندىشىسىنى تىلغا ئالغان.

باياناتىدا ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلار بىلەن ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئارىسىدا بىر سېلىشتۇرما ئېلىپ بارغان رابىيە خانىم، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆز ئەۋلادلىرىنى تانكا بىلەن باستۇرۇلۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۆتكەن ئەسىرىدە ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى، جۈملىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئۈستىدىن دەرھال بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.

 

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/jeset-bir-terep-qilish-06252018164051.html

Share
2270 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.