logo

trugen jacn

قاراقاش پۇرچاقچىدىكى ئاھالىلەر تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان پىدائىيلارنى قوينىغا ئېلىپ ئىككى ئاي قوغدىغان

b2f66a6a-161e-488e-a49b-e23e63a12069
شۆھرەت ھوشۇر

خىتاي مەتبۇئاتلىرى 1-ئاۋغۇست كۈنى قاراقاشنىڭ پۇچاقچى يېزىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 9 گۇماندارنى تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈشتە، ئاھالىلەردىن 30 مىڭ كىشىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر پىدائىيلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شۇنچە داغدۇغىلىق تەكشۈرۈشلىرىگە قارىماي، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەزكۇر پىدائىيلارنى ئىككى ئايغا قەدەر قوينىغا ئېلىپ قوغدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەردىن بىرى بىر قېتىملىق ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا باش گۇماندار ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنى توخۇ كاتىكىدە يوشۇرۇپ قوغداپ قالغان. ئاھالىلەر پىدائىيلارنى، تۇرالغۇ، يېمەكلىك ۋە قاتناش قوراللىرى بىلەنلا تەمىنلەپ قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم پارتلاتقۇچ ماتېرىياللىرىنىمۇ ساقلاپ بەرگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر پىدائىيلارنىڭ ئاقسۇدا يەرئاستى تەلىم كۆرگەنلىكى، قاراقاشتا تەشكىلىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەييارلىق قىلىۋاتقان باسقۇچتا پاش بولۇپ قېلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي مەتبۇئاتى، قاراقاشتا 30 مىڭ كىشىلىك ئاممىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارنى پاش قىلىش ۋە قورشاشتا ئاكتىپ رول ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار، ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، باش گۇماندار ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئىككى نەپەر ساقچى خادىمىغا زەربە بېرىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئاھالىلەردىن 30 غا يېقىن كىشى ئۇنى تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە قاتناش قورالى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتۇلغانلار ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنىڭ نەدىلىكىنى يەنە پاش قىلمىغان.

ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنى قوغدىغان ئاھالىلەردىن بىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋاقتىنچە كېتىپ تۇرۇش ھەققىدە ئاكىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان ساقچىلار، ئۇنىڭ ئۆيىدە پىدائىيلار ياسىغان بومبىنىڭ يوشۇرۇن ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىۋالغان. ساقچىلار مەزكۇر ئۆيدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ئائىلىدىكى خانىم پارتلاتقۇچ دورىنىڭ ئورنىنى يۆتكىۋېتىش ئارقىلىق خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئاقساتقان.

پىدائىيلارغا چېتىشلىق دېلودىن يېقىندىن خەۋىرى بولغان بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم قاتارلىق پىدائىيلار ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا پاختا تېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلىدە بىر دىنىي زاتتىن يەر ئاستى تەلىم ئالغان. ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى مەسچىتلەرگە بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان ۋە پۇچاقچى يېزىسىدا يەرئاستى تەبلىغ ۋە تەلىم تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىقى ھەسسىلەپ ئاشقان، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشكە بەل باغلىغان بۇ پىدائىيلار، تەشكىلىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەييارلىق باسقۇچىدا پاش بولۇپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇنىڭغا، ئۇلارنىڭ ئاقسۇدىكى ئۇستازىنىڭ تۇتۇلۇشى سەۋەب بولغان.

پۇرچاقچىدىكى پىدائىيلارنىڭ 27‏-مايدىن 19-ئىيۇل كۈنىگە قەدەر ئىككى نەپەر ساقچى ۋە بىر نەپەر سېكرېتارنى ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقى، سېكرېتارنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ 1-ئاۋغۇست كۈنى ئېتىلغانغا قەدەر خىتاي ساقچى ۋە خادىملىرىغا يەنە زەربە بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى بىر تېلېۋىزور خەۋىرىدە بولسا، پىدائىيلارنىڭ قورشاۋدا قالغان مەزگىلدە قوللىرىدىكى پارتلاتقۇچ بومبىنى پارتلاتقانلىقى بايان قىلىنغان، ئەمما بۇ پارتلىتىشتا ئادەم ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قارىقاش پۇرچاقچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 9 نەپەر پىدائىينى تۇتۇش داۋامىدا ساقچىلار تەرەپتە ئەمەس، بەلكى پىدائىيلار تەرەپتە تۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ نەق مەيدانغا مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغانلىقى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/puchaqchi-weqesi-08062014153236.html

Share
1841 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.