logo

trugen jacn

قاراقاش ناھىيەلىك دائىرىلەر قاسساپلارنىڭ پىچاقلىرىغا 15 سانتىمېتىرلىق ئۆلچەم بېكىتكەن

1ce3161d-16ad-4045-968c-b9327a5bbd8c

قۇتلان

2015-u0617-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا دائىرىلەرنىڭ پىچاق، قىڭراق، پالتا قاتارلىق تىغلىق سايمانلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پىچاق تۈرىدىكى تىغلىق ئەسۋاپلارنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى بىلەن ئامانلىق خادىملىرىنى قاتتىق تەشۋىشكە سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رايوندىكى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە  خاتىرجەمسىزلەندۈرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تىغلىق ئەسۋاپلارنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىمەنە تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتىكەن.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزىسىدا 6 نەپەر پىدائىينىڭ خىتاي چارلىغۇچى ساقچى ئەترىتىگە ئۆزلىرى ياسىۋالغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشى شۇنداقلا خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدا ۋاڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈشى دائىرىلەرنىڭ تىغلىق سايمانلارغا بولغان سەزگۈرلۈك كېسىلىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن.

يېقىندا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزا بازىرىدا قاسساپچىلىق قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ناھىيەلىك پارتكوم بۇيرۇق چىقىرىپ ئۇيغۇر قاسساپلارنىڭ بىردەك 15 سانتىمېتىردىن قىسقا پىچاق ئىشلىتىشىنى بېكىتكەن. بۇ بەلگىلىمە ھازىر قاراقاش ناھىيە بازىرىدا قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتىكەن.

پىچاق – ئۇيغۇرلار ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان تىغلىق سايمان. تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئەرلىرى يېنىغا پىچاق ئاسىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ بىر تەرەپتىن پىچاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلىتىلىش قىممىتىنىڭ يوقىرىلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەرلەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتىنى نامايەن قىلىدىغان بىر بېزەك بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىدىن بولغان.

ھالبۇكى، 90-يىللاردىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پىچاقلىرىغا بولغان كونتروللۇقى ھەسسىلەپ كۈچىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نەپىس ۋە ئەڭ داڭلىق قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ بىرى ھېسابلانغان پىچاقچىلىق كەسپى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ھەتتا خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان دۇنياغا داڭلىق يېڭىسار پىچاقلىقى ۋە ئۇنىڭ سودىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

يېقىندا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆتكەن يىلى يەكەن بازىرىدا كۆرگەن بىر ئېچىنىشلىق ھېكايىسى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ دەلىللەيدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى يەكەن بازىرىدىكى بىر ئۇيغۇر سامسىپەز پىياز توغراۋاتقان قىڭرىقى بىلەن سامسىخانىدىن ئىككى قەدەم سىرتقا چىقىشىغا ئېتىپ تاشلانغان. بۇ ئەھۋال خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تىغلىق سايمانلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qaraqash-pichaq-06172015212334.html

Share
2587 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.