logo

trugen jacn

قاراقاش ناھىيىسى

 

indir

قاراقاش ناھىيىسى تارىختا قاراقاش دەپ ئاتالغان، يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بۇلۇپ 1919يىلى قاراقاش رەسمى ناھىيە بۇلۇپ قۇرۇلغان. قاراقاش ناھىيىسى كۇئىنلۇن تىغىنىڭ شىمالىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، يەر ئورنى شەرىقى ئۇزۇنلىقى 79گىرادۇس 08مىنۇت ـ-80 گىرادۇس 51مىنۇت، شىمالى كەڭلىكى 36گىرادۇس 36مىنۇت ـ-39 گىرادۇس 38مىنۇت. شەرقى قىسىمىدا خۇتەن ناھىيىسى بۇلۇپ دەريا ئايرىپ تۇرىدۇ، غەرىبى قىسمى چۆللۈك بۇلۇپ، گۇما ناھىيىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، جەنۇبى تەرىپىنى قارقۇرۇم كۇئىنلۇن تىغىنىڭ شىمالى ئىتىكى ئۇراپ تۇرىدۇ، شىمالى تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىپكەتكەن بۇلۇپ، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن قۇشنا كىلىدۇ، ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچىگىچە بۇلغان يول مۇساپىسى 1916كىلۇمىتىردىن ئاشىدۇ.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ 2008-يىلى يىل ئاخىرغىچە بۇلغان ئۇمۇمى نۇپۇسى 484700 (بىڭتىۋەن نۇپۇسىنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ). ئاھالىسى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 472100 بۇلۇپ ئۇمۇمى نۇپۇسنىڭ %97.4 تىنى خەنزۇلار 12400بۇلۇپ %2.56 تىنى، باشقا مىللەتلەر %0.04 تىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن ناھىيە قارمىقىدا 1 بازار، 15يىزا، 3كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى(9ئاھالە كومىتىتى)، 364مەمۇرى كەنىت، 1603كەنىت ئاھالىسى بار. ناھىيە چىگىرسى ئىچىدە يەنە 14-دىۋىزىيە 47-224-تۈۋەنلەرمۇ بار.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئۇمۇمى كۈلۈمى 25600كىۋادىرات كىلۇمىتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايۇن %8.5 نى، بۇستانلىق %5.9 نى، قۇملۇق %85.6 نى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن ناھىيىنىڭ شەرىقتىن غەرىپكىچە بۇلغان كەڭلىكى 45—112.5كىلۇمىتىر، جەنۇپتىن شىمالغا بۇلغان ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلۇمىتىر، يەر شارائىتى جەنۇپ تەرىپى ئىگىز شىمالى تەرىپى پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1120 مىتىردىن 3600مىتىرغىچە كىلىدۇ، يەر شەكلى ئۈچخىلغا ئايرىلغان بۇلۇپ، جەنۇبى قىسمى ئىگىز – پەس تاغلىق، ئۇتتۇرا قىسمى كەلكۈن تىنما تۈزلەڭلىكى بۇلۇپ ئاساسى يىزا ئىگىلىك تىرىقچىلىق رايۇنى، غەرىبى شىمال قىسمى قۇملۇق تۈزلەڭلىك بۇلۇپ چۇڭ كۈلەمدە تەبىئى تۇغراق ۋە يۇلغۇنلار يىتىشكەن.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۇتىدىل، قۇرغاق، چۆللۈك ئىقلىمىغا تەۋە بۇلۇپ، تۆت پەسىل ئىنىق ئايرىلغان، ياز پەسلىدە قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاق ھۆل يىغىن كەمچىل بۇلىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ، كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تۈۋەنلىشى تىز بۇلىدۇ، ھۆل يىغىن مىقدارى ئاز قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، قىراۋ چۈشۈش ۋاقتى ئاز، كۈندۈز كىچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرىقى چۇڭ. يىللىق ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرا 11.3سىلسىيەگىرادۇس، 1-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى نۈلدىن تۈۋەن 6.5سىلسىيەگىرادۇس، 7-ئاينىڭ ئۇتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 24.8سىلسىيەگىرادۇس، ئەڭ تۈۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۈۋەن 18.7سىلسىيەگىرادۇس، يىللىق ئۇتتۇرچە ھۆل يىغىن مىقدارى 36-37 مىللىمېتىرغىچە، ھورلىنىش مىقدارى 2239 مىللىمىتىر، پۈتۈن بىر يىلدا قىراۋ چۈشۈش ۋاقتى ئاساسەن يۇقدىيەرلىك بۇلۇپ، 210كۈن ئەتىراپىدا چاڭ تۇزانلىق ھاۋارايى كۈرىلىدۇ، يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2655 سائەتكە يىتىدۇ.

پۈتۈن ناھىيىنىڭ ئۇمۇمى يەر كۈلۈمى 38مىلىيۇن 131900مۇ بۇلۇپ تىرىلغۇ يەر كۈلۈمى 526300مۇ ، ياۋايى دۇرىلىق ئۈسۈملۈكلەر، ھايۋان قۇش تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ، كان مەھسۇلات بايلىقى مۇل. ئاق قارىياغاچ، تىرەك، سۆگەت، ئۈجمە، ئۈرۈك، ئالما قاتارلىق 60خىلدىن ئارتۇق دەرەخ تۈرلىرى يىتىشتۈرلىدۇ، ياۋايى ئۈسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، قۇمۇش، تۇغراق، يۇلغۇن، جىگدە، لوپنور كەندىرى قاتارلىقلار بار، كان مەھسۇلات بايلىقىدىن ئالتۇن، ئالماس، قاش تىشى، كۋارتس، ھاك تېشى، گەج تىشى، تۇز، سىليۇدا، خرۇستال، قوغۇشۇن قاتارلىقلار بار، ئالاقىدار ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ئالتۇن بىلەن گەج زاپىسى بىر قەدەر كۆپ، ئالتۇننىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلىشى بىر قەدەر كەڭىرى بۇلۇپ مۇئەييەن ئىچىش قىممىتىگە ئىگە، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئى گاز زاپىسى 6مىلىيۇن كۇب مېتردىن ئارتۇق، نىفىت زاپىسىمۇ خىلىلا كۈپ.

http://uy.myx.gov.cn/index.htm

 

Share
3848 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.