logo

trugen jacn

قاراقاش ناھىيىسىدە تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدار «پارىخورلۇق» سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان

خوتەن گېزىتى نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 5-ئىيۇل كۈنى قاراقاش ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئابلەت سالامەت قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى «پارىخورلۇق» قىلمىشى تۈپەيلىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تۆت كىشى ھەرقايسى يېزىلاردىكى ساقچىخانىلارنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە «خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلغان» دېگەن جىنايەتنىڭ ئارتىلغانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ مالىيەگە چېتىشلىق ساھەلەردە تولىمۇ چەكلىك ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «ئىقتىسادى» سەۋەب بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىلىك» كە قارشى سىياسىي كۈرەش پائالىيەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭلۇقىنى ئالغا سۈرىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kadir-07182017144233.html

Share
1030 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.