logo

trugen jacn

قاراقاشنىڭ يېڭىشەھەر كەنتىدە ئاز دېگەندە 50 بالا دارىلئېتامغا ئېلىپ كېتىلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن يېتىم بالىلار مەسىلىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. شۇڭا مۇخبىرىمىز «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئىگىلىدى. گەرچە كۆپىنچە خادىملار بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى خادىملار مەسىلە ھەققىدىكى قىسمەن مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، قاراقاشنىڭ چىنىباغ ساقچىخانىسىغا قاراشلىق يېڭىشەھەر كەنتىدە ئاز دېگەندە 50 چە بالا دارىلئېتامغا ئەكېتىلگەن.

ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن، ئائىلىسىدە قارىغۇچىسى بولمىغان بالىلارنىڭ نەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە روھىي ساغلاملىقى مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلىنماقتا. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىغا ئېچىنسا، يەنە بەزىلەر ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، ھەتتا ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرى» غا سولىۋالغانلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىغا ئوخشاشلا بۇ ۋەزىيەتتىن كېلىپ چىققان يېتىم بالىلار مەسىلىسىنىمۇ ئوخشاشلا يوشۇرۇپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدىكى يېڭىشەھەر كەنتىدە ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئائىلىسىدە قارىغۇچىسى بولمىغان ئاز دېگەندە 50 چە بالا يېتىم-يېسىرلار ئورنىغا، يەنى دارىلئېتامغا ئېلىپ كېتىلگەن.

بىز باشقا جايلاردىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار تېمىنىڭ سەزگۈرلۈكى ياكى مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكى ۋە ياكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىدىن بولسا كېرەك، سوئاللىرىمىزغا تېگىشلىك جاۋاب بېرەلمىدى.

ئۆتكەن ئايلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇما ناھىيىسىدە ئاتا-ئانىسى «يېپىق لاگېر» غا ئېلىپ كېتىلگەن ئەسما ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئۆز ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈۋالغانلىقى، ئۈرۈمچىگە دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئاھالىلەردىن پۇل يىغىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئۇچۇر تارقالغان ۋە ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

يەنە جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقى تىلغا ئېلىنسا، يەنە بەزى خەۋەرلەردە بۇ بالىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا.

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى بەزى ساقچى خادىملىرى بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە يېزا ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تازغۇن يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى تازغۇندا دارىلئېتام يوقلۇقىنى، ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ناھىيە ئىچىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدا ئاز دېگەندە ئىككى ئورۇندا دارىلئېتام مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما بۇ دارىلئېتاملارغا جەمئىي قانچىلىك بالىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qaraqash-darlitam-06272018224852.html

Share
2000 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.