logo

trugen jacn

قاراقاشتا پەرزەنتىنى يەر ئاستى مەكتەپكە بەرگەن 60 ياشلىق ئايال قاتارلىق 25 كىشى سوتلانغان

timthumb

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي بازىرىدا 15 مىڭ كىشىلىك ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىپ، نەۋرىسىنى ۋە بالىلىرىنى يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇشقا بەرگەن ئاتا-ئانىلار، ئىلىم بەرگەن مۇدەررىسلەر، دىنىي ئوقۇتۇشقا ئۆيىنى بەرگەنلەر ۋە ئوقۇغانلار بولۇپ، جەمئىي 25 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەھكۇملارنىڭ يېشى 17 ياش بىلەن 60 ياش ئارىلىقىدا بولۇپ، بۇلاردىن 6 نەپىرى ئايال. مەھكۇملارنىڭ ھەممىسى يەنى ئىككى نەۋرىسىنى دىنىي ئوقۇتۇشقا بەرگەن 60 ياشلىق ئايالمۇ سوت مەيدانىغا كويزا ۋە كىشەنلەنگەن ھالەتتە يالاپ ئېلىپ چىقىلغان. ھۆكۈمدە بۇلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاشكارا تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

سوتنى ئورۇنلاشتۇرغان قاراقاش ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سوتقا مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلغان 15 مىڭ كىشىلىك ئاممىغا، مەھكۇملارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/diniy-erkinlik-03262015162001.html

Share
1407 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.