logo

trugen jacn

قاراقاشتا «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەن ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللا بىر يىلدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بەزىدە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە، بەزىدە 6 ئاي ئىچىدە ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈلمەكتە. ئەمما يەنە بەزى ئائىلىلەر بىر يىلغا يېقىنلاشقان ياكى بىر يىلدىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالالمىغان. بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان، ئەمما قەيەرگە سولانغانلىقى مەلۇم بولمىغان تۇتقۇنلاردىن بىرى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى 55 ياشلىق ئانا ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللادۇر. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللانىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

قاراقاش ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، قاراقاشتا «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلگەنلەرنىڭ نەدىلىكى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سوراشنىڭمۇ خاتالىق ھېساپلىنىۋاتقانلىقى؛ بەزى كىشىلەرنىڭ «تەربىيىلەش» تىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ياكى يېقىنلىرىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا «ئىدىيىسىدە مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مانا مۇشۇ سەۋەبتىن «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما نەگە سولانغانلىقى ئېنىق بولمايۋاتقان مىڭلارچە كىشىلەردىن بىرى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى 55 ياشلىق ئانا ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللادۇر. بىز ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئاڭلىغۇچىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ماڭلاي يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق.
خۇددى ئىنكاستا بىلدۈرۈلگەندەك، يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى ئوغۇلنىسا غوجىئابدۇللا ھەققىدە ئۆز ئالدىغا مەلۇمات بېرەلمىدى. سورالغان سوئاللار ئوغۇلنىسانىڭ قىلمىشى ياكى گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ھەققىدە بولغان بولسىمۇ، ساقچىخانا باشلىقى مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللانىڭ نەدە تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىز ئىزچىل ھالدا جاۋابسىز قالدۇرۇلدى. بىز ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللانىڭ ئەسلى ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىسى ھەققىدە ئاھالە كومىتېتىدىن مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللانىڭ ماڭلايدىكى دېھقانچى كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاھالىلەردىن بىرى ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللانىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە دورىگەرلىك قىلغان بىر ئىنىسىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللانىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسىنىڭ نۆۋەتتە ئىستانبۇلدا تېبابەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۆمەر غوجىئابدۇللا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. تۈركىيەگە كەلگىلى 3 يىل بولغان ئۆمەر غوجىئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھەدىسى بىلەن بىر يىلدىن بۇيان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، مىڭ تەستە ئۇنىڭ «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ئەمما ئېنىق ئورنى، قانۇنىي سالاھىيىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىز، ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئانىسى بولغان ئوغۇلنىسا غوجائابدۇللانىڭ ئەسلىدە نوپۇسى دېھقانچى كەنتىدە بولۇپ، كېيىن ئاقتام كەنتىگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۆمەر غوجىئابدۇللا ھەدىسىنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك ياكى تەقۋا بىر كىشىلىكى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبنى تەخمىن قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/oghulnisa-ghojaabdulla-03022018191807.html

Share
1571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.