logo

trugen jacn

قاراقاشتا بالىسىنى مىسىردا ئوقۇتقانلار بىلەن قوشنىسىدا ئوقۇتقانلار ئوخشاشلا 5 يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسىدا بالىسىنى ئۆز مەھەللىسىدىكى ئاتالمىش «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» كە بىر كۈن بەرگىنى ئۈچۈن 5 يىل ئالتە ئايلىق كېسىلگەن دىنىي زات ئابدۇخەبەر ئەخمەت ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ قوشنىسى ئابدۇللېتىپ ئابدۇراخماننىڭ بىر ئوغلىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن ئوخشاشلا 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرچىدىكى مەزكۇر «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» نى ئاچقان ئەركىن تۇرسۇنمۇ 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن. بۇ ئۇچۇرلار قاراقاشتىكى بۇ ھۆكۈملەرنىڭ سوت ھۆكۈمى ئەمەس، بەلكى سىياسىي ھۆججەتكە ئاساسەن چىقىرىلغان زاكاز ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيە» دولقۇنى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، قەشقەر، خوتەنلەردە ئاتالمىش «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلار» نىڭ دەرھال كېسىلىۋاتقانلىقى، «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئېھتىمالى بولغانلار» نىڭ «يېپىق لاگېر» لارغا قامىلىۋاتقانلىقى شىكايەت قىلىنغان ئىدى. يەنە كېلىپ، كېسىلگەنلەرگە ئەڭ تۆۋەن چەكنىڭ 5 يىل 6 ئاي قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىمۇ دەلىللەنگەن ئىدى. بۇ ھەپتە خوتەن قاراقاشقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر شىكايەتلەرنىڭ توغرىلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى. قاراقاش دۆڭباغ مەسچىتىنىڭ ئىمامى، «بەشتە ياخشى دىنىي زات» ئابدۇخەبەر ئەخمەتنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى ئابدۇللېتىپ ئابدۇراخمان بىر ئوغلىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن.

ئابدۇخەبەر ئەخمەتنىڭ بالىسىنى ئوقۇتقان، مەھەللىسىدە ئاتالمىش «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» ئاچقان ئەركىن تۇرسۇنمۇ ئوخشاشلا بەش يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن. ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا «بەشتە ياخشى دىنىي زات» ئابدۇخەبەر ئەخمەتنىڭ بىر بالىسىنى ئەنە شۇ ئاتالمىش «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» كە بىر كۈن بەرگەنلىكى ئۈچۈن 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كورلادا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇخەبەر ئەخمەت ئائىلىسىدە 8 قېرىنداش بولۇپ، ئۇنىڭ قالغان 7 قېرىندىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تۇتقۇنلارنىڭ سوت ھۆكۈمىگە ئەمەس، بەلكى مەمۇرىي ھۆكۈمگە، يەنى سىياسىي بىر ھۆججەتكە ئاساسەن توپلانغانلىقىنى، توپلانغانلار سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر دېلونى ئېنىقلاشقا مەمۇرىي خادىملارنىڭمۇ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە تۇتقۇنلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ كوللېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، دېلولارنىڭ تەپسىلاتىدا خېلى چوڭ پەرقلىقلەر بولسىمۇ، لېكىن جازا مۇددىتىنىڭ ئوخشاش بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا

Share
1066 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.