logo

trugen jacn

قاتتىق بېسىم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا :ۋەھىمە ۋە غەزەپ قاينىماقتا

20151227-XINJIANG-slide-F0JT-jumbo

ئارتۇچ بۇغرا ئۇچۇر مەركىزى خەۋىرى: نىيۇرۇك تايمىسنىڭ بۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىدە، «قاتتىق بېسىم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا :ۋەھىمە ۋە غەزەپ قاينىماقتا»ماۋزۇلۇق خەۋەر تارقاتتى. مۇھاسىر ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا 10مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىتقادىغا توسقۇنلۇق ھەركىتى ئېلىپ بارماقتا.ھۆكۈمەت نۇقتىسىدىن بۇ مەسلىگە قارىغان ۋاقىتتا،ئىنچىكە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ،ئىسلامى تۈسكە ئىگە ھەركەتلەر قاتتىق چەكلەنمەكتە.ھەمدە زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنى توسىدىغان ئەڭ ياخشى يول ئىزدىمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردە ئائىلىلەر تۇركۇم -تۇركۇملەپ تۇرمىلەرگە قاماققا ئېلىنىش سەۋەپلىك پارچىلانماقتا

20151227-XINJIANG-slide-JQDW-jumbo

مەسچىتلەردە ئەزاننى ياڭراتقۇدا ئېيتىش چەكلەنگەن.ئەمگەك كۇچلىرىنىڭ يوتكىلىپ ھەركەت قىلىنىشىمۇ چەكلىمىگە ئۇچراش سەۋەپلىك يەرلىكنىڭ يېزا ئىگلىكىگە ئېغىر زىيان سالغان. ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېلىدىغان خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،بەزى بىر ئىنسان يىرگەنگىدەك ئۈسۈللار ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئالاقە ۋاستىلىرىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىن ئۇزاق بولغان شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى بىر قېتىملىق ئون كۈنلۈك ساياھەتتە بۇ رايوننىڭ «غەزەپ ۋە ۋەھىمە قاپلىغان» جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ھۆكۈمەت نەچچە يۈز كىشنىڭ ئۆلىشىنى،ئاستا ئۆزگەرگەن ئىسيان لەرزىگە كەلتۇردى.بۇنىڭ بىلەن دائىرلەر ھەر خىل شەكىلدىكى تەدبىرلەرنى ئېلىپ،خىتايدىكى 10مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىتقادىغا تەسىر قىلماقتا. ئۇيغۇر مىللىتى تۇرك تىل سېستىمىسىغا تەۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت،ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ زىمىنى ھىساپلايدۇ

20151227-XINJIANG-slide-Y4XO-jumbo

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن ئىسلام دىنىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇش ،زوراۋانلىق ھەركەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئەڭ ياخشى چارە دەپ ئويلايدۇ.زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كومۇركاندا نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلىشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ۋەقەلەر ھۆكۈمەتنىڭ توغرا سىياسەت يۈرگىزۋاتقانلىقتەك قارشىنى كۈچكە ئىگە قىلماقتا. خىتاينىڭ بىخەتەرلىكنى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بۇ كۆز يەتكۈزسىز قۇملۇق ۋە قارلىق دالىلاردا ساياھەت قىلىپ ماڭغان پۇقرالارنى ھەر بىر كىرىش چىقىش ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا توختلىپ قاتتىق تەشكۈرۈلمەكتە. پۈتۈن قوراللانغان ئەسكەر ۋە ساقچىلار تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئاپتوموبىللارنىڭ ئارقا ساندۇقىنى،پۇقرالارنىڭ كىملىكى،ئۇيغۇر شوپۇر ۋە ئۇيغۇر يولچۇلارنىڭ يانفۇنلىرىنى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرپىدىن يانفۇن ئىچىدىكى ئۇلار تەھدىد دەپ قارىغان مەزمۇنلار ۋە يۇمشاق دېتاللار ئاختۇرۇلىدىكەن. ئۇلار يەنە يانفۇن ئىچىدىكى «جىھاد»قا دائىر فىلىملەردىن باشقا skypeۋە watsappقاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ھەمدە چەتئەلدىكى تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان ئەپلەرمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن. 23ياشلىق قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ھازىر ھەممىمىز تېرور گۇماندالىرى ھىساپلىنىمىز،ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ تۇركىيەدىكى دوستى بىلەن پاراڭلاشقان تىلفۇن ئۇچۇرنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ئۇنى بىر كېچە تۇتۇپ سوراق قىلغان.بۇ كۈنلەردە قانداق ئۇيغۇرغا چەتئەلدىن تىلفۇن كەلسە،دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئەتىسى دەرھال ئۆيگە ئىزدەپ كېلىدۇ. قەشقەر خىتاي بىلەن پاكىستان ۋە ئافغانىستان چىگراسىغا ئەڭ يېقىن،قەدىمقى يىپەك يولى،بۇ يەردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارمەسچىتلەردە ئەزاننى ياڭراتقۇ ئارقىلىق توۋلاشنى چەكلەگلىك،مەزىنلەر ئەزاننى مەسچىت ئۆگزىسىگە چىقىپ كۈندە بەش ۋاق توۋلايدۇ،بۇ خىل بەلگىلمە ئۇزاق مەزگىللىك سىياسەتنىڭ تولۇقلىمىسى،بۇ خىل سىياسەت يەنە دەرىستىن سىرىت دىننىي دەرىسلىك ئۆتمەسلىك.18ياشتىن توۋەن ئوسمۇرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە يول قويماسلىق قاتارلىقلار.(يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان دائىرلەر تەرپىدىن مەسچىتنىڭ كىرىش ئىشىك بېشىغا قويۇلغان كامىرا پۇقرالارنىڭ بۇ خىل بەلگىلمىگە نارازىلىقىنى قوزغىماقتا). قەشقەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوتەن شەھىرىدىكى دۇككاندارلار ھۆكۈمەتنىڭ 29كىشى ئىسملىرىغا قويغان چەكلىمىگە قارىتا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ھۆكۈمەت بولسا بۇ كىشى ئىسملىرىنىڭ مۇسۇلمانچە تۈسكە ئىگە ئىكەنلىكىنى،يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساقچىنىڭ ئىيتىشىچە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىسىمنى ئۆزگەرتىمىسە بالىلارنى مەكتەپكە قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى

ALT-XINJIANG-jumbo

شىمال تەرەپكە جايلاشقان تۇرپان شەھىردىكى ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ خوجايىنى ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۇچلىرىنىڭ كېلىپ ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ قۇرتۇش ئىشلىرىنى قىلىشى چەكلەنگەن سەۋەپلىك نەچچە توننا ئۈزۈم شېخىدا تۇرۇپ قۇرۇپ كەتكەن. قازاقسىتانغا چىگىرداش بولغان غۇلجا شەھىرىدە،جىددىلىك تۈسىنى ئالغان كەيپىيات بولىۋاتقانغا بىر مەزگىل بولغان بولۇپ،بۇ يەردىكى ئىككى نەپەر ئىشسىز قالغان ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگەن ياش يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى ۋە ئاياللانىڭ ھىجاپلىنىشىغا قارتا قىلىۋاتقان چەكلىمىلىرىگە بولغان غەزىپىنى بىلدۇردى. « ئىككى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان ياشنىڭ بىرسى مۇنداق دىدى:مەن دىنىغا ئىشەنمەيمەن،ئەمما ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىپ يۇرۇشى بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزنى ئاشۇرىدۇ،بۇ چەكلىمە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.ئۇ ياشمۇ باشقا زىيارتىمىزنى قۇبۇل قىلغان كىشلەردەك ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى يوشۇردى.چۈنكى دائىرلەرنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئېلىنغان ھەرخىل تەدبىرلەرنىڭ بىرسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان،مەكتەپلەردە ئاساسلىقى خىتاي تىلى دەرىس تىلى قىلىنغان،ئۇيغۇر تىلى چەتكە قېقىلغان،ئىشلىتىلمىگەن،خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ نەق پۇل بېرىش ۋە ئۆي ئېلىشتا ياردەم پۇل بىلەن تەمىنلەش ئۈسۈللىرى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ توي قىلىشنى يولغا قويۇپ،خىتاي مىللىتى كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن خىتايدا نۇغۇن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۇپ كېلىش يولىنى ئاچماقتا. 2014-يىلدىن بۇيان باشقا شەھەرلەرگە بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن،مەخسۇس بىر يېشىل كارت تەسسى قىلغان بولۇپ،كارت ئۈستىدە شۇ كىشى تۇرۇشلۇق مەھەللە باشلىقى ۋە ساقچىخانىنىڭ تىلفۇن ئالاقىسى بار ئىكەن.نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ ئاتالمىش «خەلققە قولايلىق كارت»ئۇلارنى سىرتقا چىققاندا تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە سەۋەپ بولغانلىقىدىن ئاغرىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتنى قالايمقىغان قىلىۋاتقان بولۇپ،ئىنسانلارنى سەسكەندۇرمەكتە.james leiboldبولسا ئاۋىستىرالىيەدىكى مېلبۇرن ( (La Trobe University ئونۋېرسىتى خىتاي مىللىتى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدغان مۇتەخەسس مۇنداق دىدى:بۇ خىلدىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كومنىسىت پارتىينىڭ نۇرغۇن مەسىللەرنى بىخ ھالىتىدە بوغۇپ ئۆلتۇرىدۇ،ئەمما بۇ خىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلەرمۇ ھەر خىل شەكىلىدىكى زوراۋانلىق ھەركەتلەرننىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.ھەمدە خىتاينىڭ قانۇنلۇق مەۋجۇتلۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2014-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،43ئادەم ئۆلگەن ،ئاندىن بېيجىڭ «قاتتىق زەبە بېرىش ھەركىتىنى»قانات يايدۇرغان ھەمدە 200 تېرورلۇق تەشكىلاتىنى بىتچىت قىلدۇق،49كىشنى ئېتىپ ئۆلتۇرگەنلىكىنى،ھۆكۈمەت تەرەپ بەرگەن خەۋەردە،قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان تېرور گۇمەندارلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولۇش سەۋەبى جىھاد قىلغۇچىلار چىگرا سىرتىدىكى كىشلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ ۋە ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بارماقتا دەپ خەۋەر قىلدى. چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈشى نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ،يەرلىك دائىرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار زىيارەت قىلغاندا بۇ خىلدىكى سوئاللارنى جاۋاپسىز قويىدۇ،تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ھەر يەردە بار،مۇخبىرلارنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن باي ناھىيسىدىكى سوغۇر كومۇر كانىغا بېرىشقا يول قويمايدۇ.باشقا جايلاردا بولسا ھۆكۈمەتتىن ھەمرا بولۇپ بىللە بولدىغان خادىملار تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالسا مۇخبىرنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن سوھبەتلىشىشى قىيىنغا توختايدۇ.ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭ دائىرلىرى بىر ماقالىسىدا بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قوللىنىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان فىرانسىيەلىك مۇخبىرنى چىگىردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۈرۈمچىدە بىر ياش ئۇيغۇر قىز ئۆز ئۆيىدە يىغلاپ تۇرۇپ يېقىنندا يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى بايان قىلدى.بۇ تۇتقۇق قىلىنىش ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئىدى. بەزى ئۆيلەردە پەقەت بوۋاقلام قالغان،ئاتا-ئانىسىنى تۇتقۇق قىلغان.ئۇ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ دىننى قانۇن بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان سەۋەپلىك ئەرز قىلىش ھوقوقى يوق،3يىلدىن 4يىلغا قەدەر مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. 2014-يىلى يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە 100دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى،مۇرات شۇ يەردىكى تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ ھەمرا بولغۇچى خادىمى بولۇپ ئۇ يەكەندىكى دىننىي چەكلىمىلەرگە قارىتا ھۆكۈمەتنى ئاقلاپ،ئاشقۇن ئىدىيەدىكىلەرگە زەربە بېرىشنى توغرا دەپ تەستىقلىدى. كىچىك ۋاقتىدا ئاپىسى يېڭى يوق كۆڭلەك كىيەلەيدىكەنتۇق،دىنىنى تۈس قۇيۇقلاشقاندىن كېيىن ئۇنداق كىيەلمەيدىغان بوپتۇ.شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ كونتۇرۇلىقى بولمىسا،بىزمۇ ئىرانغا ئوخشاش بولۇپ كېتىمىز،ئىراندا قىزلار چالما كېسەك قىلىنىدۇ دىدى

27XINJIANG-web-3-jumbo

شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار سۇنئى مەزھەپكە تەۋە بولۇپ،فىرانسىيەدىكى پارىژ ۋەقەسىدىن كېيىن،سۇرىيەدە بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەرپىدىن قەتلە قىلىنىش ۋەقەسى بىلەن تەڭ بېيجىڭ ،شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆرەشنى ،پۈتۈن دۇنيادىكى تېرورىزىمغا قارشى كۆرەش ئىچىگە ئېلىپ كىرشىكە تېرىشماقتا. ئەمما نۇرغۇن چەتئەللىك مۇتەخەسسلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قان توكۇلۇش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان،مەسلەن ئۇيغۇرلانى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىلىنغان كەمسىتىش،بۇ رايوندىكى نامراتلىق ئەھۋالىرى قاتارلىق،كىشلەر ئومومىيۇزلۈك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇربا سۇيىدەك بۇ رايونغا ئېقىشى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرشىدا يەرلىشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خەلقئارا كىشلىك ھوقوق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى (Nicholas Bequelin)نىڭ دىيىشىچە:بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەنلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى شەكىلەندۇرگەن سۇنئى شەكىل،خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىم سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئاجىزلىشىپ قالغان ئۇيغۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىننى ئىتقادىنى يوق قىلماقچى،بۇنداق قىلىش ئەكسىچە ۋەزىيەتنى جىدىلەشتۇرىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا بولۇپمۇ،يۇقىرى دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىگە بولغانلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق يوق دىيەرلىك،بۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قورقىنىدىن ئەمەس،30ياشلىق ئابدۇللا بولسا ئائىلە سايمانلىرىنى سېتىش دۇككىنىنىڭ مال ساتقۇچىسى،كوپىنچە خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ تىجارەت قىلىدۇ،ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىمايدۇ،ئۇنداق بولغاندا جەمئىيەت ئۇرۇش سەۋەپلىك مۇقىمسىزلىق ۋە ئىقتىساددا چېكىنىش كېلىپ چىقىدۇ،خۇددى ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئوتتۇرا شەرىققە ئوخشاش دەيدۇ. 56مىللەت بىر ئائىلە كىشلىرى دىگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى خىتايدا ھەممە ياردە كۆرگىلى بولىدۇ ،ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياتاقتا ياتقان ۋاقتىنى ئەسلەپ مۇنداق دىدى: ياتاقتا ياتقاندا ساقچىلار ياتاقنى تەكشۈرۈپ كىردى،ئۇ كىملىكىنى كۆرسىتىپ مەنمۇ خىتاي پۇقراسى،كىملىكتە بۇ ئېنىق يېزىلغان دىگەنلەرنى دەپ ئاۋازى يۇقىرى كۆتىرىلدى،كىملىكتىكى ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ چىرايى %92پىرسەننى تەشكىللەيدىغان بۇ خىتايغا ئەسلا ئوخشىمايتى . ئاخىردا ئۇ بېشىنى بۇراپ كەينىگە قارىۋېتىپ ماڭا يېقىن كېلىپ مۇنداق دىدى:يېقىندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى مېنى بەك بىئارام قىلدى،مەن بەزىدە ئۆزەمنى خىتاي پۇقراسى بولماسلىقىمنى ئۇمىت قىلىمەن

20151227-XINJIANG-slide-RWZ2-jumbo

Share
3507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.