logo

trugen jacn

فىرانسۇز خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوخشاش تەرور قۇربانلىرىدۇر، دەرتلىرى ئوخشاشتۇر

mehmet-emin-.-1

مەمەت ئەمىن ھەزرەت
تۈرك تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان؛ ئەندەر قاراخانلى
 
پارىژدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن پايدىلانماقچى بولغان خىتاي، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېڭى بىر قەتلىئامغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ
  پارىژدا 2015 – يىلى 13 – نويابىر كېچىسى  يۈزبەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمى ياۋروپانى چۈچۈتىۋەتتى. دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتى بۇ ۋەقەگە مەركەزلەشتى. 2015 – يىلى 15 – نويابىردا تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G – 20 يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مېنىستىرى ۋاڭ يى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ: « خىتاي تېرورنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان بىر دۆلەت. شەرقىي تۈركىستان تېرورىستلىرى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان جەڭ، خەلقئارا تېرورىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارىلىشى كېرەك » دېدى. تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرى، غەربنى تېرورىزم مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچى مۇئامىلىدە بولغانلىق بىلەن ئەيىپلەپ، تېرورىزمغا قارشى كۆرەشتە ھەمكارلىشىشقا چاقىردى
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرى، پارىژدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىنى سۈيئىستىمال قىلماقچى بولغان خىتاينىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېڭىدىن ( 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىكىگە ئوخشاش ) قەتلىئامغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. خىتاي خەلقئارا جامائەتچىلىككە قارىتا سۇنى لېيتىش تاكتىكىسى ئىشلەتمەكتە. بۇ سەۋەپتىن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى نوقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش لازىم: 1. فىرانسىيە ئەركىنلىك دۆلىتىدۇر، دېموكىراتىيىنىڭ بۆشىكىدۇر. ھۇجۇمچىلار، ئەركىنلىككە ۋە دېموكىراتىيىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ سەۋەپتىن پۈتۈن دۇنيا فىرانسىيە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ، تۇرىشى كېرەك
خىتاي بولسا، مۇستەبىتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەلدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى، ئەركىنلىك ۋە دېموكىراتىيىنىڭ دۈشمىنىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتايدا ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ھۆرىيەت ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا. 2. فىرانسىيە فىرانسىيلىكلەرنىڭ ۋەتىنىدۇر. شۇنداقتىمۇ جازايىر، تۇنۇس ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئەرەپ، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن كېلىپ فىرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەرەپ كۆچمەنلەرمۇ فىرانىسىيىدە ياشىماقتا. فىرانسىيە سابىق مۇستەملىكىلىرىدىن كېلىپ دۆلىتىدە ماكانلىشىپ قالغان بۇ كىشىلەرگە قۇچاق ئاچقان. فىرانسىيە ۋەتەندىشى بولغان بۇ كۆچمەنلەردىن چىققان ھۇجۇمچىلار پارىژ ئاھالىسىگە ھۇجۇم قىلغان
شەرقىي تۈركىستان شەر,قىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەتىنىدۇر. خىتايلار بۇ ۋەتەنگە تاجاۋۇز قىلغۇچىدۇر. بۇ ۋەتەندە ياشاۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتايلاردۇر. پۈتۈنلەي خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان ئارمىيە، ساقچى ۋە ئاققۇن خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن رەسمى ۋە غەيرى رەسمى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسى، بۇ ۋەتەننىڭ تارىخى ئاھالىسى ۋە ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە توختىماي ھۇجۇم قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئۆزىنىڭ ھەق – ھوقوقىنى قوغداش مەجبۇر بولماقتا. ئۇيغۇر ئانا ۋەتىنىدە كىشىلىك ھەق – ھوقوقلىرىنى، ئەركىنلىكىنى ۋە ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا. غەرب مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى يوقسۇل ئانىلارنىڭ قۇچىقىدىن مەجبۇر تارتىۋېلىپ، خىتايچە يەسلىلەردە ئويۇنچاق، سۈت ۋە راھەت ياشاش مۇھىتى ئىچىدە گوللانغان 3 – 5 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوخشىمايدۇ ۋە ھېچبىرسى شەرق تۈلكىسى خىتاي ( بېيجىڭ )نىڭ دامىغا چۈشمەيدۇ، چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىمايدۇ.
 
ئى س س ئى پارىژغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى ئىسىملىك « ئى س س ئى » ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلماقتا. خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقتى گېزىتى ( 环球时报) 2015 – يىلى 16 – نويابىردا « جوڭگولۇقلارنىڭ قەلبى پارىژ بىلەن بىر تۇتاش – 力挺法国不等于中国人没有心结 » تېمىلىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ دىققەت نەزىرىنى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بۇراپ، ئۇلارنىڭ غەزەپ ۋە نەپرىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈزلەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. بۇ ماقالىنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇرمەننىڭ ئىنكاسلىرىدىن، ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىيمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ئىنكاسلاردا قوللىغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇرىدىغان جۈملىلەر ئىشلەتكەن بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىيمىتى فاشىست ۋە نازى ئىددىيىسى بىلەن تەربىيلەپ چىققان بۇ شوۋېنىست فاشىست خىتايلاردىن بىرسىنىڭ ئىنكاسى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئىنكاس مۇنداق: « پۈتۈن خىتايلار ئۇيۇلتاش بولۇپ ئۇيغۇرلارغا قارشى كۆرەش قىلايلى -全国抵制新疆人 ». دۇنيادىكى ۋەقەلەردىن بىخەۋەر يۈرىيدىغان، بۇ ئەقىل ئىشلەتمەيدىغان شوۋېنىست، فاشىست، ماڭقۇرت خىتايدىن شۇنى سوراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ: « ئۇيغۇرلار خىتاينى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خىتايلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى كۆرەشكە چاقىرىۋاتامسەن؟ ». ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ھېچبىر خىتاي ئەمەلدار بۇ ئەقىلسىز ماڭقۇرت خىتايغا: « نېمە ئۈچۈن بۇ خىل نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇرىدىغان جۈملىلەرنى يېزىپ، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىسەن؟ نېمىشقا بۆلگۈنچىلىك ۋە ئېرىقچىلىق قىلىسەن » دەپ سورىمىغان. ئەگەر خىتايلارغا قارىتىلغان بۇ خىل ئىنكاسنى بىر ئۇيغۇر يېزىپ قالىدىغان بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تەكشۈرۈپ تېپىلىدۇ ۋە « بۆلگۈنچىلىك قىلىش، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش ۋە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش » جىنايىتى بىلەن دەرھال قولغا ئېلىنىپ، تېرورىستلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇۋانى بولغان مەزكۇر ئورگان تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر سۆزلەر، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن سۆزلەرنى يازغىلى بولىدۇ ۋە كۈنلەرچە تور بەتلەردە تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىم ئارلاشمايدۇ، ئۆچۈرۈپ تاشلاش زۆرۈرىيتىمۇ ھېس قىلمايدۇ. 2015 – يىلى 17 – نويابىر ئەتتىگەندىن باشلاپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەن تاجاۋۇزچى خىتاي ئەسكەر، ژاندارما ۋە ساقچىلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلىپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تېرور كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشكە باشلانغان. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا ئاقتۇرۇش ۋە قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. 2015 – يىلى 14 – نويابىر شەنبە كۈنى، ئۈرۈمچى ئايرىدۇرۇمدا ئىستانبۇلغا ماڭماقچى بولغان ئىككى ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان. مانا بۇ ئۆي ئاقتۇرۇش، قولغا ئېلىش قاتارلىق زۇلۇملار، پارىژدا پارتىلىغان بومبىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدىكى ئەكس ساداسى
 
تاجاۋۇزچى خىتاي « تۈركىيە چومىقى » بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۇمبالاش تاكتىكىسىنى قايتىدىن ئوينىماقچى
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئانتاليادا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغاننى تېرورىزمغا قارشى كۆرەشتە ھەمكارلىشش چاقىرىقى، شىنخۇا خەۋەر ئاگېنىتلىقىدا، ھەر ئىككى دۆلەت رەئىسى تېرورىزمغا قارشى كۆرەشتە ھەمكارلىشىشتا ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلغانلىقى شەكلىدە ئەكس ئەتتى. خىتاي تاراتقۇلىرىدا، تۈركىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مەبلەغ سېلىشقا مۇھتاج ئىكەنلىكى؛ تۈرك ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان « ئۇيغۇر تېرورچىلار »غا قارىتا قاتتىق تەدبىر ئالمىغىچە، خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەپ تارتماستىن تاراتقۇلىرىدا بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاۋۇزچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى دۆلەت تاراتقۇلىرى شى بىلەن ئەردوغاننىڭ تېرورىزمغا قارشى ھەمكارلىشىدۇ ۋە « ئۇيغۇر تېرورچىلىرىغا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆز ئاچقۇزمايدۇ » شەكلىدىكى تەشۋىقاتنى قاتتىق ئېلىپ بارماقتا. خىتايلار ھەر قېتىم خىتاي ۋە تۈرك رەھبەرلەر كۆرۈشكەندە بۇ خىل تەشۋىقات ۋە سۆزلەرنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دۇمبالايدىغان « پالاق » سۈپىتىدە ئىشلەتكەندەك، بۇ قېتىممۇ ئوخشاش تاكتىكىنى تەكرارلىماقتا. « تېرورىست دۆلەت » خىتاينىڭ ھىلىگەرلىكى 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردە نىيوروكتىكى قوشماق بىناغا قارىتىلغان ھۇجۇمدىن كېيىنلا، دۇنيانىڭ تېرورىزمغا قارشى كۆرەش دولقۇنىدىن پايدىلىنىش ۋە مەۋجۇت دۇنيا ۋەزىيىتىنى غەنىمەت دەپ قارىغان بېيجىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارشى « تېرورىست، رادىكال ۋە بۆلگۈنچى » قالپاقلىرىنى كەيگۈزۈپ قاتتىق تۆھمەت قىلىشقا باشلىدى. غەربنىڭ دىققىتىنى تېرورىزمغا قارشى كۆرەشكە مەركەزلەشتۈرۈشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېرقى يوقۇتۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام مەنبەسى بولدى. دۇنيا ۋەزىيىتى تاجاۋۇزچى خىتاي ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا زۇلۇم، قېيىن – قىستاق، ئاسمىلاتسىيە، كوللىكتىپ ھالدا يوقۇتۇشقا ئوخشاش ئېرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىدا بۇ تارىخقىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان شارائىتنى يارىتىپ بەردى. بۇ قېتىممۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قان ۋە كۆز يېشىنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆزى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئايلاندۇرماقچى بولدى. 2015 – يىلى 13 – نويابىردا پارىژدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنلا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى نەزرىدە يوللۇق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى
خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى 2015 – يىلى 13 – نويابىردا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئارمىيە، ژاندارما ۋە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 56 كۈن بويىنچە ئېلىپ بارغان ئىز قوغلاش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە « تېرورىست »لارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۆلگەن « تېرورىست »لارنىڭ كىملەر، قانچە كىشى ئىكەنلىكى ۋە قەيەردە قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. 2015 – يىلى 18 – نويابىردا ب ب س نىڭ خىتايچە خەۋرىدە، ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 17 كىشى ئىكەنلىكى؛ بۇلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدىن قېچىپ تەڭرى تېغىنىڭ ئېگىز چوقۇلىرىدىكى بىر غاردا پاناھلانغان كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېرىم كېچىدە، كۆرەشچى ئايروپىلاندىن ئېتىلغان بومبا بىلەن غاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يازدى. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بىر ياشلىق بىر بوۋاق، 3 – 9 ياشلار ئارىسىدا ئۈچ بالا ۋە ئۈچ ئايال بار. بۇ 17 كىشى ئۈچ ئائىلە ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان يېزىلىقلار بولۇپ، ئۇلار زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، تاغقا چىقىۋالغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئىدى. بىر ياشلىق بوۋاق بىلەن 3 – 6 ۋە 9 ياشلىق بۇ بالىلار تېرورىستمۇ؟ بۇ بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ ئانىلىرى بولغان ئۈچ ئۇيغۇر ئايالمۇ تېرورىستمۇ؟ قەھرىمان (!) خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيسى قاتىللىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ ئائىلە ئايالى ئانىلار تېرورىستمۇ؟ تېرورچىلىقتا تېرور دۆلىتى ئىسرائىل بىلەن بەسلەشكەن تېرورىست خىتاي، ئۆلتۈرگەن بۇ بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ قېنى قۇرۇماستىن، تەپ تارتماي خەلقئارانىڭ پارىژ ۋەقەسىدە فىرانسىيىگە كۆرسەتكەن قوللىشىنى، ئۆزىگىمۇ كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.
 
ئۇيغۇر خەلقى فىرانسىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە
ئۇيغۇر خەلقى فىرانسىيە خەلقىنىڭ دەردىگە دەرتداشتۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار فىرانسىيىلىكلەر تارتىۋاتقان ئازاب بىلەن ئوخشاش ئازابنى تارتىۋاتىدۇ. فىرانسىيىدە تېرورىستلار مەدەنىي قانۇن دۆلىتى فىرانسىيىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىدا تىنچلىق، خاتىرجەملىك، دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىك بار. شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنى ھىمايە قىلىشتىن ئاجىز مەزلۇم ئۇيغۇرلار پەقەت مۇسۇلمان  بولغانلىقى ئۈچۈن، تېرورىست خىتاي دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى تارىخ سەھنىسىدىن يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. خىتاينىڭ دۆلەت تېرورى نىشان قىلغان ئاساسلىق نوقتا كىشىلىك قىممەت – قاراش، كىشىلىك ھوقوق، قانۇن، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكتۇر. ئۇيغۇر خەلقى تېرور قۇربانى بولغان فىرانسىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدۇ ۋە ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىنلىك، دېموكىراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوقىنى قوغداش يولىدا تېرورىست خىتاي دۆلىتىگە قارشى ئاداققىچە كۆرەش قىلىدۇ ۋە بۇ كۆرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.
 
 
پايدىلىنىش مەنبەلىرى:
FRANSIZ HALKI İLE UYGUR TÜRKLERİ AYNI TERÖRÜN MAĞDURUDUR VE ACILARI DA AYNIDIR

 

  • 挺法国不等于中国人没有心结
  • 中国外长在G20呼吁组织“反恐统一战线”
  • 习近平会见土耳其总统 强调共同打击恐怖主义
  • 中国网民在巴黎袭击事件后呼吁重审新疆议题
  • Ürümchi ayrodromida istanbulgha mangghan ikki uyghur yoluchi ayropilandin chüshürüwélinghan.(rfa.org.Uyghrche)
  • 新疆警方追击56天 全歼一批暴恐分子
  • 中国军警据报在新疆打死17人
Share
1828 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.