logo

trugen jacn

فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا ئۇچرىغان تەھدىت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق ئاشكارىلاپ بەردى

b253d594-74c6-453a-87f6-3c9faa49a4a6

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە 13-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭمۇ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم شۇنداقلا دۇنيانى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن قىلىۋاتقان ئۇرۇشىنى قوللاشقا چاقىرغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيىسى شۇ ۋاقىتتىلا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەم شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، پارىژ ھۇجۇمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇددى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» گە ئوخشاش قوللىنىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەنە شۇ خىل ماقالىلەرنىڭ بىرى فىرانسۇز ئايال مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ھۇجۇمدىن كېيىنكى ھەمكارلىق چاقىرىقى يوشۇرۇن مەقسەتكە ئىگە» ماۋزۇلۇق ماقالە ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ ماقالىسىنى ئېلان قىلىپلا بالادا قالغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتى ۋە «گاردىيان» يەنى «ھامىي» گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇ ماقالىسىنى فىرانسىيەدىكى «لوبىس» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە «خەلق گېزىتى» گە قاراشلىق تور بەتلەر مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ فىرانسۇز مۇخبىرنى «تېررورلۇققا ئىككى خىل ئۆلچەم» قويۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.

يۇقىرىدىكى گېزىتلەرنىڭ فىرانسۇز مۇخبىرغا قارشى ئېلان قىلغان قۇتراتقۇلۇق خاراكتېردىكى ماقالىسى خىتاي ئارمىيىسىگە قاراشلىق باشقا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىنمۇ كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان. خەلق گېزىتى تور بېتىنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدە مەخسۇس مۇنازىرە قوزغىلىپ، ئۇنى ھاقارەتلىگەنلەر ھەتتا ئۇنى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلغانلار بولغان. سىنا تور بېتى ۋە «163.چوم» تور بېتىدىكى مۇنازىرىلەردە ئۇنىڭ رەسىمى ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئادرېسى ھەمبەھىرلەنگەن ۋە تەھدىت قىلىنغان. ئۇرسۇلا گوتىيىر يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، «خاتا خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» قا مەجبۇرلانغان.

ئۇنداقتا، ئۇ فىرانسۇز ئايال مۇخبىر ئۇرسۇلانىڭ ماقالىسىدە خىتاينى غەزەپلەندۈرگۈدەك زادى نېمە دېيىلگەن ئىدى؟ ئۇرسۇلا ماقالىسىدە پارىژدىكى تېررور ھۇجۇمىدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ دەرھال فىرانسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: «بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئىككى ئاي ئاۋۋال بايدا 50 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقان ۋە ‹تېررورچى› دەپ ئاتىلىۋاتقان ھۇجۇمچىلارنىڭ لىدىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. گەرچە بۇ ۋەقە ئوخشاشلا ئىنتايىن قانلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 13-نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق ئوخشاش نۇقتىسى يوق. ئۇ ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مۇسۇلمان خەلق ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان زېمىندا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان باشقا ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا، يەرلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنىڭ پارتلاپ چىقىشى ئىدى. قارىماققا، چىقىش يولى قالمىغان بىر كىچىك تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار قوللىرىدا پالتىلار بىلەن كۆمۈر كاندىكى خىتاي ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇچرىغان زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ ئۆچىنى ئالماقچى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئەمما شىنجاڭدىكى قانلىق ۋەقەلەرنى خەلقئارا جىھاد تەشكىلاتلىرىغا باغلاشقا بولمايدۇ.»

فىرانسۇز مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك تەھدىت پەيدا قىلغۇدەك كۈچى يوقلۇقىنى ھەتتا بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلگەن قوراللارنىڭ پۈتۈنلەي پىچاق-قىڭراققا ئوخشاش ئىپتىدائىي قوراللار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، رايوندىكى جىددىيلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىنى چەكلەش، پاسپورت ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرۇش، ئىسلامى ئىسىملارنى چەكلەش، رامىزان مەزگىلىدە تاماق يېيىش، ئاشخانىلاردا ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلاش، ھاراق-تاماكىدىن قول ئۈزگەن ياشلارنى رادىكاللىق گۇمانى بىلەن تەقىبلەشكە ئوخشاش بىر قاتار سىياسەتلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىكىگە ئوخشاش قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ماقالىسىنى مۇنداق بىر جۈملە بىلەن ئاياغلاشتۇرغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ گۈزەل شەھەرلىرىمۇ داۋاملىق پىچاق-قىڭراقلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالىدۇ»

ئۇرسۇلا مانا بۇ مەزمۇندىكى خەۋىرى تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تەگكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى يۇقىرىدىكى مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىيەتنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە مۇخبىرىغا قارىتىلغان «ئېتىبارىنى چۈشۈرۈش ۋە تەھدىت قىلىش» ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈم باشلىقى بەنجامىن ئىسمائىل باياناتتا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە مۇنازىرە بەتلىرىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشتە ئىنتايىن چاققان. بىراق ئۇلار بۇ قېتىم ئۆزى ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ ئۆچمەنلىككە ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا يول قويدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تەستىق كۈچىنى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىققا چاقىرىمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىن سوۋۇتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى باياناتىدا، فىرانسىيە مۇخبىرىنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنىڭ ھازىرغىچە يېڭىلىنىپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر بۇ داۋام قىلغان تەقدىردە، بۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا قىلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ يەنە بىر ئېنىق ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ، دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesilisi-12012015152720.html

Share
978 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.