logo

trugen jacn

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى :«28 – ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ئىسيانى»دا 500 دىن 1000 غىچە ئادەم ئۆلگەن

Yarkent-İLişku-Kan1 (1)

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بىنجامىن خائاس 28 – ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، يەكەنگە بېرىپ يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بۇلتۇر 28 – ئىيۇل يەكەندە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ كەنتى ئىسيانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىدا 500دىن 1000 غىچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بىنجامىن خەۋىرىدە، بۇلتۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن توختىلىپ،«خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 28 – ئىيۇل كۈنى بىر توپ زوراۋان ئۇنسۇرلار قوللىرىغا پالتا – پىچاقلارنى كۆتۈرۈپ، ئېلىشقۇ بازارلىق ھۆكۈمەتكە، ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، يولدىن ئۆتكەن بارلىق ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈپ، بىگۇناھ خەلقنى چانىدى، ساقچىلار ئۇلارنى قانۇن بويىچە تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلدى» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دىگىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ» دېگەن.

مۇخبىر بىنجامىن ئۆزى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، «يەرلىك ئۇيغۇرلار ئېلىشقۇ ۋەقەسى ۋە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ خىتاي ئېلان قىلغانغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۆزىنى ھامۇت دەپ ئاتىغان بىرەيلەن، ”ئەينى چاغدا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قوللىرىغا كەتمەن، پالتا قاتارلىق دېھقانچىلىق قوراللىرىنى كۆتۈرۈپ كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلغاندا، ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ئۇلارنى ئوققا تۇتقانلىقى، ئوققا تۇتۇش نەچچە سائەت داۋاملاشقانلىقى“نى بىلدۈردى. ھامۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ قېتىم كوچىدا نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ۋەقەدىن كېيىن غايىپ بولغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقتا ئۆلگەن، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ دېرىكى بولمىغان، ھازىر بۇ يېزىدا ھىچكىممۇ بۇ كىشىلەرنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن“ دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن. مۇخبىر بىنجامىن يەنە، ئۆزىنى يۈسۈپ دەپ ئاتىغان بىرەيلەننىڭ “ ئۇ كۈنى كوچىغا چىققانلا ئادەمنىڭ ھەممىسى ئوققا تۇتۇلدى. بەلكىم ۋەقەدە ئۆلگەنلەر 1000 دىن ئاشسا كېرەك“ دېگەن سۆزلىرىنىمۇ نەقىل ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەكەن ئېلىشقۇ كەنتىدە قوزغالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىدە ھۇجۇمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جەمى 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەينى چاغدا رادىيومىز شۇ قېتىمقى قانلىق توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ 100 دىن ئارتۇقلىقى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن. ئەينى چاغدىكى ئىجىتىمائى تاراتقۇلاردا ۋەقەدە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2000 غا يېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ «يەكەن قىرغىنچىلىچىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى تەكىتلەپ، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. يەكەن ئېلىشقۇ ئىسيانىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئېغىر قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yeken-weqesi-04282015211654.html

Share
4373 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.