logo

trugen jacn

فرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىم بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى پارىژدا ئۇچراشتى

d16afda1-176e-43d7-ac84-62f13061354b

قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 11 – يانۋار پارىژدا فرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى تەشكىللىگۈچى، فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت مۆتىۋەرلىرىدىن مېھرىبان خانىم، ۋە شۇنداقلا فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى دېنى ئەپەندىم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ھەمراھقلىدا ماشىنىدا بىرلىكتە كېتىۋاتقان مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قانداق؟سىز ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانمۇ؟ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى جايلىرىغا باردىڭىز؟» دېگەندەك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«ئۇيغۇرلار ناھايىتى تەس ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ. مەن بۇنى ماقالەمدە يازدىم. مەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر،تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىگە بارغان»دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن،«سىز خىتايدىن فرانسىيىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى يېزىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟»دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ،بۇ ھەقتە توختىلىپ:«بەلكىم يېزىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن لېكىن بۇ ھەقتە بىر قارارغا كەلمىدى»دېدى.

بىز تېلېفون سۆھبىتىمىز جەريانىدا، «ئۇرسۇلا خانىم سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتماقچى بولغان قانداق سۆزىڭىز بار؟»دېگىنىمىزدە، ئۇ، بىرئاز ئىككىلىنىپ، «سىزنىڭ دەۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدىكى، ياكى باشقا يەرلەردىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقن ۋە شۇنداقلا باشقا ئىشلاردىكى ئۇيغۇرلارمۇ؟»_ – دەپ سورىدى. بىز جاۋابەن: – ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا دېگىنىمىزدە، ئۇرسۇلا خانىم:«غەيرەت قىلىڭلار! غەيرەت قىلىڭلار!»دەپ ئارقا – ئارقىدىن ئىككى رەت بۇ سۆزنى تەكرارلىدى.

بىز ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن، «خانىم، سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىزنى رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئاڭلاتساق بولامدۇ؟» دەپ سورىدۇق. مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم:«ئەلۋەتتە»دەپ جاۋاب بەردى.

مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پارىژدىكى مەلۇم بىر رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى قىزغىن سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەت شۇ يەر ۋاقتى سائەت ئىككى يېرىمدىن بەشكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، سۆھبەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەققىدە توختالدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ 2013 – يىلى 26 – ئىيۇن تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ لۈكچۈن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىمۇ تۇرپانغا بېرىپ كۆپ ئىزدەنگەنلىكى ھەققىدە توختالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەسقەرجان مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن فرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىگە بولغان بەزى بىر قاراشلىرى ھەققىدە ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئېيتقانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بۇنىڭدىن كېيىنكى فرانسىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدە مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بەزى بىر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن پارىژدا ئۇچرىشىشى ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشى ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/fransiye-ursula-duq-01112016213626.html

Share
1599 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.