logo

trugen jacn

غۇلجىدا «تەربىيەلەش» تىكى 80 ياشلىق ھۆرىگۈل ئىسمائىل قىستاڭچىلىقتىن قويۇپ بېرىلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

9-مارت كۈنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» دا ئادەم سىغقۇدەك ئورۇن قالمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە يېڭى «تەربىيەلەنگۈچى» لەرگە ئورۇن بوشىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم لاگېرلاردا ياشانغانلار، ئېغىر بوي ئاياللار، مېيىپلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا شەھەر بايانداي يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مۇشۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە 3‏-كەنت 5-مەھەللە ئەزاسى 80 ياشلىق ھۆرىگۈل ئىسمائىلنىڭ، 2-كەنتتىن بولسا 17 ياشلىق نازاكەت بەختىيار قاتارلىق 4 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا، غۇلجىدا 3-مارت كۈنىدىن باشلاپ «يېپىق تەربىيە» گە ئادەم يوللاشنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەزى لاگېرلاردا بىر تۈركۈم ياشانغانلار، مېيىپلەر، ئېغىربوي ئاياللار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. غۇلجا شەھەر بايانداي يېزا، 3-كەنت ئامانلىق مۇدىرى، 5-مەھەللىدىكى 80 ياشلىق ھۆرىگۈل ئىسمائىلنىڭ 5-6 كۈننىڭ ئالدىدا «تەربىيەلەش» تىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كەنت مۇدىرلىرى 80 ياشلىق ھۆرىگۈل ئىسمائىلنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇلتۇر 8-ئايدا تۇتۇلغانلىقى، غۇلجا شەھىرىدە تەربىيەلەش مەركىزى ئورنىدا قوللىنىلىۋاتقان مالىيە مەكتەپتە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 3-كەنت خادىمى بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلاپ «تەربىيە» لىنىۋاتقان، شىخەنزەدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى شاھىدە نىجاتنىڭمۇ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا، بەزى لاگېرلاردا 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بايانداي 2-كەنت مۇدىرى، ئۆز تەۋەلىكىدىن 65 ياشتىن ئاشقان بىر كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا، غۇلجىدا «يېپىق تەربىيە» دولقۇنىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئېغىر بوي ئاياللارنىڭمۇ ئەكېتىلگەنلىكى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاي-كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشى، بولۇپمۇ يېڭىدىن ئەكىلىنىۋاتقانلارغا ئورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. باياندايدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار، ئۆز كەنتلىرىدە «يېپىق لاگېرلار» غا ئاپىرىلغان ياكى قويۇۋېتىلگەن ئېغىر بوي ئاياللارنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4 نەپىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2-كەنتتىن قويۇپ بېرىلگەن تۆت ئوقۇغۇچى، قەدرىيە بەختىيار، ئىلزات سادىقجان، نازاكەت بەختىيار، سۇبات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن 3 نەپىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، نازاكەت بەختىيار بولسا ئالىي مەكتەپكە تەييارلىنىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە خادىملارنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ نۆۋەت غۇلجىدا 80 ياشلىق ھۆرىگۈل ئىسمائىل قاتارلىق ياشانغانلارنىڭ ۋە 17 ياشلىق نازاكەت بەختىيار قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەرگىز ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلگەنلىكى ھەم ئۇلارغا يېپىق لاگېرلاردىن ئورۇن بوشىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ئەتىكى پروگراممىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنۇلىدۇ

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yepiq-terbiyelesh-03122018175304.html

Share
3131 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.