logo

trugen jacn

غۇلجا ۋەقەسى ۋە 18 يىللىق خاتىرىلەر

78bb2305-a8fb-4cf5-9fb4-5721f4953d82

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە 18 يىل تولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى ۋەقە قالدۇرغان ئىزلار، ئازابلىق ئەسلىمىلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتىكى ھېچ ئۇنتۇلمىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ تاشتىكى ھېچ ئۆچمىدى. بۇنى بىز، ھېلىھەم ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى توختىماي داۋاملىشىۋاتقان نامايىش چوقانلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ئاماللار بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ پاناھلىنىۋاتقان 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى شاھىدلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلاۋاتقان بايانلىرىدىن تېخىمۇ يارقىن چۈشىنەلەيمىز.

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنلىرى يېقىنلاشقانسېرى، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خاتىرىلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئارزۇسىدا رادىئومىزغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون قىلىۋاتقانلارمۇ بار.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ 5-فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ghulja-weqesi-02042015143956.html

Share
2357 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.