logo

trugen jacn

غۇلجا چاپچال ناھىيىسىدە 38 كادىرغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى

 

مېھرىبان

خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى»دىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا چاپچال ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقايسى يېزىلاردىكى ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش جەريانىدا 38 نەپەر كادىرغا «خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش ئارتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ناھىيىدە ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

2014-يىلى يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقانچە قېتىملىق قارشىلىق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، دائىرىلەر بۇلتۇر 23-ماي كۈنى خىتايدا «بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ نۇقتا قىلىپ تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دائىرىلەر يەنە ئاساسىي قاتلاملاردىكى ناھىيە-يېزا كادىرلىرىنىڭ ساقچىلارغا ھەمكارلىشىپ مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئاساسى قاتلام كادىرلىرىغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

بۇلتۇر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دائىرىلىرى «ناھىيە- يېزىلاردىكى كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى» نى ئېلان قىلىپ، ناھىيە يېزىلاردىن 60 نەچچە ئاساسىي قاتلام كادىرىنى «خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى»، «ھۆكۈمەت كادىرى تۇرۇقلۇق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى». «چەكلەنگەن سەزگۈر ئۇچۇرلارنى تارقاتتى» دېگەن ناملار بىلەن ئۇلارغا ئىنتىزام جازاسى، ھەتتا قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتەك ئېغىر جازالارنى بەرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kadir-03182015170149.html

Share
1462 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.