logo

trugen jacn

غۇلجا ناھىيە ئويمانبايتوقاي كەنتىدىكى كوللىكتىپ تۇتقۇندا 41 كىشى قاماققا ئېلىنغان

1f5fe597-7d1a-4cef-b33c-81bb4c26ba7f

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزا ئويمانبايتوقاي كەنتىدىن 41 نەپەر ياشنىڭ ئۇشتۇمتۇت تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزدى؛ ئەمما ئۇچۇردا تۇتقۇنلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مۇخبىرىمىز بۈگۈن مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە 2 ئاي ئىلگىرى ساقچىلارنىڭ ئويمانبايتوقايدا كوللىكىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ تۇتقۇندا 220 ئائىلىلىك نوپۇسقا ئىگە بولغان ئويمانبايتوقاي كەنتىدىن 41 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. يەنى نۆۋەتتە ئويمانبايتوقايدا ھەر 5 ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئويمانبايتوقاي غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىغا تەۋە بىر كەنت. ئانسىكلوپىدىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئارائۆستەڭ يېزىسى مەمۇرى جەھەتتىن 12 كەنتتىن تۈزۈلگەن؛ نوپۇسى 2746 ئائىلە، 14700 جاندىن تەشكىللەنگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئارائۆستەڭدىكى ھەر بىر كەنتكە 220 ئائىلە، 1200 جاندىن نوپۇس توغرا كېلىدۇ. دېمەك ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئويمانبايتوقايدا داۋام قىلغان كوللىكتىپ تۇتقۇندا، ھەر بەش ئائىلىدىن بىر كىشى قاماققا ئېلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ghulja-nahiye-tutqun-03212016224012.html

Share
1433 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.