logo

trugen jacn

غۇلجا ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە 1500 ئەتراپىدا سىياسىي گۇماندار سولانغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا سىياسىي گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم كىشىلەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قىلمىشى جىنايەتكە توشمىغان ئەھۋالدا يەنە قويۇۋېتىلمەستىن ئاتالمىش قانۇن-تۈزۈم تەربىيە مەركەزلىرىگە قامىۋېلىنغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، شەكلى ئۆزگەرگەن قاماقخانا دەپ نام بەرگەن بۇ خىل مەركەزلەردىن غۇلجا ناھىيىسىدە بەشى بەرپا بولغان. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ مەركەزلەردە نۆۋەتتە 1500 ئەتراپىدا سىياسىي گۇماندار سولىنىپ ياتماقتا. ئەجەپلىنەرلىكى، غۇلجا ناھىيەسى بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 3 قېتىم نامىنى ئۆزگەرتكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ 3 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ نامىنى دەپ بېرەلمىدى. ئۇلار يەنە ئۆز «كۇرسانت» لىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىنى قاچان تاماملايدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئاشكارىلىدى.

غۇلجا ناھىيىسىدە مىڭلارچە كىشىنىڭ تەربىيىلەش مەركىزى نامى ئاستىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن قاماقخانىلاردا قامىلىپ يېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار رادىيومىزغا كەلگەندىن كېيىن، مەزكۇر ناھىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ناھىيىدىكى سىياسىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى، غۇلجا ناھىيەسىدە بۇ خىل تەربىيىلەش مەركىزىدىن 5 ئورۇندا بارلىقىنى، بۇلاردا سىياسىي قانۇن ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى كادىرلارنىڭ دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى؛ تەربىيىلەش مەركەزلىرىدىن بىرىدە مەخسۇس ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاياللارنى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەركەزدە ئاتالمىش كۇرسانتلار يېشىنىڭ 15 ياش بىلەن 65 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە 5 تەربىيەلەش مەركىزىدە ئاز دېگەندە 45 سىنىپ بارلىقىنى، كۇرسانتلار سانىنىڭ 1400-1500 ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاشلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەسىس قىلىنغان بۇ كۇرسلاردا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن مەھبۇسلار، ئاتالمىش ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى بىلەن يۇقۇملانغانلار، قانۇنسىز ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئۇنىڭغا ئىمكان يارىتىپ بەرگەنلەر بولۇپ، سىياسىي ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپلا قارالغان كىشىلەر يىغىۋېلىنغان. بۇلارغا نۆۋەتتە سىياسىي قانۇن دەرسلىرى بېرىلگەندىن باشقا، خىتاي تىلى ۋە بىر قىسىم كەسپىي تېخنىكا مەلۇماتلىرىمۇ بېرىلىدىكەن.

ئەجەبلىنەرلىكى، دائىرىلەر بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى دەسلەپتە يېپىپ تەربىيىلەش مەركىزى دەپ ئاتىغان، كېيىن بۇنى نېمە سەۋەبتىندۇر توغرا كۆرمىگەن. دائىرىلەر مەركەزنىڭ نامىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى دەپ ئاتىغان؛ دائىرىلەر يېقىندا بۇ نامنىمۇ ئەپسىز كۆرۈپ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئۆزگەرتكەن. كۇرسنىڭ نامىدىكى تۇراقسىزلىق، كۇرس مۇددىتىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە دەرسلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئۇيغۇنسىزلىقى سەۋەبىدىن، كۇرستا يېتەكچى رول ئويناۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ يەنى كۇرسنىڭ نامىنى دەپ بېرىشتىمۇ قىينالدى.

گەرچە، دائىرىلەر مەكتەپنىڭ نامىدا، ئۇنىڭ قاماقخانىغا ئوخشاش خاراكتېرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپنىڭ كەيپىياتى كۇرسنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرالمىدى. تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، كۇرسانتلارنىڭ «بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى» دەپ باشلىغان قەسەمياد سۆزلىرى ئاڭلاندى.

يۇقىرىدا غۇلجا ناھىيىسىدە 1500 نەپەر ئەتراپىدا سىياسىي گۇماندارنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە سولاقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/siyasiy-gumandar-08092017170347.html

Share
1464 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.