logo

trugen jacn

غۇلجا شەھەرلىك ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇشى چىقارغان -2

image

قۇتلان

2015-u0513-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

غۇلجا شەھەرلىك ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسى 30 – ئاپرىل كۈنى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا ئىسمى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفونى يېزىلغان قاھار ئىسىملىك ئۇيغۇر ساقچى بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى كۈنى ئۆزىنىڭ ئاممىدىن كەلگەن يۈزدىن ئارتۇق تېلېفوننى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسى تەۋەسىدە 50 مىڭغا يېقىن مۇقىم ئولتۇراق ۋە كۆچمە نوپۇس بار ئىكەن. ئۇ شەخسەن ئۆزى ئۈچدەرۋازا رايونىغا قاراشلىق ئىككى ئاھالىلەر مەھەللىسىگە مەسئۇل ئىكەن. بۇ ئىككى مەھەللىدە جەمئىي 1700 گە يېقىن نوپۇس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، كەسپى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى، سىياسىي پوزىتسىيەسى ھەمدە مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلىرى كۆزىتىلىپ تۇرىدىكەن.

ئۇ يەنە زىيارىتىمىز جەريانىدا مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە سىياسىي – قانۇن ئىشخانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشتىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش ئىكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرى تەۋە ساقچىخانىغا مەلۇم قىلماي ھەم تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە تەۋەلىكتىكى پاسپورتى بار ئاھالىلەرنىڭ چوقۇم 2 ھەپتە ئىچىدە پاسپورتىنى ساقچىخانىغا ئەكىلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەگەر كىمدە – كىم ئۇقتۇرۇشقا پىسەنت قىلماي ياكى ساقچىلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشماي قەستەن كەينىگە سۈرسە، ساقچىخانىنىڭ ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مۇشۇ مۇددەت ئىچىدە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭمۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھامان ساقچىخانىغا پاسپورتىنى تاپشۇرماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ ئاخىرىدا بۇ چارىنىڭ ساقچىخانىنىڭ بىر خىل خىزمەت ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش پەقەتلا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بىر چارە. بىز پەقەت پۇقرالارغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ساقچىخانىدا ساقلاپ بېرىمىز. ئەگەر بىرسى چەتئەلگە چىقماقچى بولسا بىزگە كېلىپ ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە جەدۋەل توشقۇزىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ساقچىخانا ئۇ كىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ، سىياسىي مەسىلىسى بولمىسا پاسپورتىنى بېرىدۇ. ئىشلار شۇنداق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/pasport-yighiwilish-05132015224329.html

Share
1262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.