logo

trugen jacn

غۇلجا شەرتنامىسى

 

رۇسيە بېرىتانىيە بىلەن بولغان سودا رىقابىتى نەتىجىسىدە ۋە سىياسىي ھەمدە سودا – ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى بىلەن «غۇلجا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان ئىدى.

رۇسىيە ئىمپېرىيەسى 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي قىسىملىرىنى ئۆز خەرىتىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىلى ۋادىسى ۋە تارباغاتاي ھەم ئالتاي رايونلىرى بىلەن تۇتاشتى. بۇ ۋاقىتتا، رۇسىيە ئىمپېرىيەسى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى رايونلار بىلەن سودا ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قەشقەرىيە، ئىلى، تارباغاتاي رايونلىرىنى ئۆزىنىڭ سودا ۋە خام ئەشيا بازارلىرىغا ئايلاندۇرۇش ھەم بۇ رايونلار ئارقىلىق ئۈرۈمچى ۋە ئۈرۈمچى ئارقىلىق گەنسۇ رايونلىرىغا ئۆتۈپ، ئىچكىرى خىتاي بىلەن سودا يولى ئېچىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سودا يولىنى ئېچىشنى جىددىي كۈنتەرتىپكە قويۇشىدا ئۇنىڭ خەلقئارالىق رىقابىتىمۇ مۇھىم سەۋەب بولدى، چۈنكى بىرىنچى قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پورتلارنى ئېچىپ ۋە كونسۇل تەسىس قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش، جىنايەت ئۆتكۈزسە ئۆزلىرى سوتلاش، تاموژنا بېجى مەسىلىسى قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردە زور ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن رۇسىيە بىئارام بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىدىن ئوخشاش مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى بولدى.

رۇسىيە مانا شۇ سىياسىي ۋە سودا – ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىگە كىرىش، جۈملىدىن چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربىي سودا دەرۋازىسىنى ئېچىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويدى.
غەرب تارىخچىسى رائۇل خامنىڭ « مەركىزىي ئاسىيا: ئومۇمىي تارىخ» ناملىق 1997-يىلى نەشىر قىلغان كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، رۇسيە بېرىتانىيە بىلەن بولغان ئەنە شۇنداق سودا رىقابىتى نەتىجىسىدە «غۇلجا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان ئىدى.
رۇسىيە تەرەپنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى 1851-يىلى 8-ئاينىڭ 6 – كۈنى رۇسىيە ۋە چىڭ ئىمپېرىيەلىرى ئۇيغۇر ئىلىگە مۇناسىۋەتلىك تۇنجى شەرتنامە؛ «غۇلجا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى.
مەزكۇر شەرتنامە خىتاي مەنبەلىرىدە يەنە، «جۇڭگو – رۇسىيە ئىلى ۋە تارباغاتاي سودا نىزامنامىسى» دەپمۇ ئاتالدى. بۇ شەرتنامەنى رۇسىيە تەرەپتىن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى، پىشقان دىپلومات ئېگور كوۋولىيوۋسكىي بىلەن چىڭ سۇلالىسى تەرەپتىن ئىلى گېنېرالى يىشەن ۋە تارباغاتاي مەسلىھەتچى ئامبىلى بۇيانتاي ئىمزالىغان ئىدى.
مەزكۇر شەرتنامە 17 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيە ئىلى ۋە تارباغاتاي رايونلىرىدا سودا قىلىش، رۇسىيە بۇ رايونلارغا سودا ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان، كونسۇل دەرىجىدىكى سودا ۋاكالەتچىسى ئەۋەتىپ، سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش؛ مەزكۇر ئىككى رايوندا رۇسىيە ۋە خىتاي سودا ئۈچۈن باج ئالماسلىق؛ رۇسىيەلىكلەر ئىلى ۋە تارباغاتايدا جىنايەت ئۆتكۈزسە، خىتاي قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلماسلىق ۋە بەلكى رۇسىيە قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ رۇسىيە چۆچەك ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلاردا سودا چەمبىرىكى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش، بۇ سودا چەمبىرىكىدىكى رۇسىيەلىكلەرنى چىڭ سۇلالىسى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولماسلىق قاتارلىق پۈتۈنلەي رۇسىيەنىڭ ئىمتىيازى ۋە مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ماددىلار كۈچكە ئىگە قىلىندى.
مەزكۇر شەرتنامىنى كېيىنكى ھۆكۈمەتلەر «تەڭسىز شەرتنامە» دەپ ئاتاپ، شەرتنامىنى ئىمزالىغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرى ۋەتەن ساتقۇچ دەپ قارالغان ئىدى. لېكىن، رۇسىيە تەرەپ بۇ شەرتنامىنى «تەڭ ھوقۇقلۇق شەرتنامە» دەپ قاراپ، شەرتنامىنى ئىمزالىغان ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
رۇسىيە ئىمپېرىيەسى بۇ شەرتنامە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتايدىكى سودا تەسىرىنى تىكلەش ئۈچۈن غۇلجا بىلەن سودا قىلىدىغان كارۋان يولىنى ئاچتى ۋە راۋاجلاندۇردى. ئىلى ۋە تارباغاتاي بىلەن بولغان سودىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 1854-يىلى ۋېرنېي قورغىنىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كىرىشتى.
«سوۋېت قازاق ئېنسكلوپېدىيەسى» دە يەكۈنلىنىشىچە، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىغا بارىدىغان، يەنى يەتتىسۇ ئارقىلىق ئۆتىدىغان كارۋان يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ۋېرنېي شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چارە تەدبىرلەرنى قوللانغان.

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

Share
1675 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.