logo

trugen jacn

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (38): ھاياتىمدىكى پەخىرلىنىدىغان ۋە ئۆكۈنىدىغان نۇقتىلار

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«يورۇق ساھىللار» سەھىپىسىدە غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بىلەن ئاز كەم بىر يىلغا سوزۇلغان سۆھبىتىمىز ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى تېخى تۈگىمىدى. 87 ياشلىق بۇ بوۋاينىڭ ھايات ھېكايىسى بىز بىلەن بىللە يەنە داۋام قىلماقتا. . .

غۇلامىدىن ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئاستىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر ساندۇقنى ئاۋايلاپ ئاچتى. ساندۇقتا بىر دانە ئۇزۇن يىللىق نوگاي قاپاق، رەڭگى ئۆڭگەن بولسىمۇ، ئەمما پېتىدىن كەتمىگەن بىر كونا دوپپا، يۈرەك شەكىللىك بىر قۇتىغا قاچىلانغان قەشقەرنىڭ تەۋەررۈك توپىسى ۋە تۈمەن دەرياسىدىن ئالدۇرۇپ كېلىنگەن ئالتە دانە تۇخۇم شەكىللىك تاش بار ئىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 1949-يىلى كەچكۈزدە قەشقەردىن ئايرىلىپ لاداق يولىغا سەپەر قىلغاندا بېشىمدا مۇشۇ دوپپا بار ئىدى. قەشقەر نوربېشىدىكى باغچىمىزدىن ئۈزۈۋالغان بۇ نوگاي قاپاق شۇنچە يىللاردىن بۇيان قېشىمدىن ئايرىلمىدى. ئۇنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئېلىپ سىلكىگىنىمدە ئىچىدىكى قۇرۇغان ئۇرۇقلىرى شاراقلايدۇ. بالىلىقىمدا قەشقەردىكى ھويلىمىزنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ مۇشۇنداق قۇرۇغان قاپاقلارنى شاراقلىتىپ سىلكىسەم، كەپتەرلەر بۇ تونۇش ئاۋازغا ئەگىشىپ ئەتراپىمغا قوناتتى. سىز كۆرۈۋاتقان بۇ قۇتىنىڭ ئىچىدە قەشقەرنىڭ تەۋەررۈك توپىسى توپىسى بار. ئۇنى مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يېنىمدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بىر دوستۇم يىللار ئىلگىرى قەشقەرگە بارماقچى بولۇپ، ‹نېمە ئالغاچ كېلىمەن،› دەپ سورىغىنىدا مەن ‹كىچىكىمدە چۆمۈلۈپ ئوينىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ تاشلىرىدىن ئالغاچ كەل،› دېگەن ئىدىم. مانا بۇ قۇتىدىكىسى تۈمەن دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 6 تال تاش. مەن ۋەسىيەتنامەمنى يېزىپ بۇ قۇتىغا سېلىپ قويدۇم. يەنى مېنىڭ ھايات نېسىۋەم پۈتۈپ ئۇ دۇنياغا مانغىنىمدا، بۇ قۇتىدىكى قەشقەرنىڭ توپىسى بىلەن تۈمەن دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تاشلارنى ئۈستۈمگە چېچىڭلار، ۋەتىنىمنىڭ توپىسىغا كۆمۈلۈپ ياتاي دېدىم. . .»

بىز ئاخىرقى سۆھبىتىمىزدە غۇلامىدىن ئەپەندىدىن «سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى سىز پەخىرلىنىدىغان نۇقتىلار زادى نېمە؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «‹ئۆز ۋەتىنىنى تونۇغان، ياراتقان تەڭرىسىنى تونۇغان بىلەن ئوخشاش› دېگەن سۆز بار. ھاياتىمدىكى پەخىرلىنىدىغان بىرىنچى ئىشىم شۇكى، مەن ھاياتىمنى پۇل-مالغا ياكى باشقا ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مۇقەددەس ۋەتىنىمنىڭ ئىشقىغا ئاتىغانلىقىمدۇر،» دېدى.

ئۇ ئۆز ھاياتىدىكى پەخىرلىنىدىغان ئىككىنچى بىر نۇقتىنىڭ ئۇيغۇر ئاۋازىنى غەرب دۇنياسىدا تۇنجى بولۇپ ئاڭلاتقانلىقى، يەنى 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىرىنچى بولۇپ گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق رادىيوسى» دا، ئاندىن 1960-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا ئاڭلاتقانلىقىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ھاياتىدىكى يەنە بىر پەخىرلىك ئىشىنىڭ ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر (مەدەنىيەت) جەمئىيىتى» قۇرغانلىقى، كېيىنكى مەزگىللەردە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادى بويىچە ئىلمىي چۈشەنچىلەر تارقاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ يەنە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ «ئاسىياغا ئېچىلغان دېرىزە» ناملىق سەھىپىسىدە 13 يىل ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەنلىكى، بۇ جەرياندا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاۋازسىز خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىن خۇلاسە چىقارغىنىدا، گەرچە ھاياتىدىكى نۇرغۇن جەريانلاردىن پەخىر ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ يەنە ئۆكۈنىدىغان نۇقتىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ، «مېنىڭ ھاياتىم بويى ئەڭ ئۆكۈنىدىغىنىم، ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ‹ئۇيغۇر مەھەللىسى› ياكى ‹ئۇيغۇر كوچىسى› دېگەندەك مەخسۇس بىر جامائەتلىك نۇقتىنى ھاسىل قىلىشقا قۇربۇم يەتمىگەنلىكىدۇر،» دېدى.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئاخىرىدا مەرھۇم شائىر نىمشېھىتنىڭ مۇنۇ شېئىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھايات ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشقاقلىق، ئۈمىد-ئىشەنچ ۋە جاسارەت تىلىدى.

يۈرەكتە داغۇ-ھەسرەت، دىلدا ئازادلىق تەمەنناسى،
كىنەدۇر ئازاد دېسەم، كۆكسۈڭدە بار قۇللۇقنىڭ تاماسى.
ئېلىڭ يۇرتۇم، ئىستىقبالىڭنى قايغۇرماي،
قورساق تويغانغا شۈكرى ئەتسەڭ، بولۇرسەن ھەممىگە ئاسىي.
ئۇ بەدبەختلەرنى ئىنساپقا كېلۇر دەپ ئويلىما ھەرگىز،
كۈرەش قىلماق بۈگۈندە بولدى ھەممە ئىشنىڭ ئەلاسى.
ئەگەر ئۆلسەڭ شېھىتسەن، تىرىك قالساڭ ئېتىڭ غازى،
بۈدۈر ھەقنىڭ كالامى، نىمشېھىتنىڭ ساڭا ئىماسى!

https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-02202018144122.html

Share
1920 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.