logo

trugen jacn

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى -23: مەن ئامېرىكىغا نېمە ئۈچۈن كەلدىم

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1966-يىلى غۇلامىدىن پاختانىڭ ئامېرىكاغا كېلىشى ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىغا يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ. گېرمانىيەدىكى ئون نەچچە يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىدىن كېيىن غەرب دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ئۇيغۇر ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئارزۇسى ياش غۇلامىدىن پاختانىڭ كۆڭلىگە پۈككەن نىشانلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ئامېرىكاغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بىر تەرەپتىن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ئاڭلىتىشى ئۈچۈن ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن خەۋەر تەييارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن پان-ئامېرىكا ھاۋا يوللىرىدا تېخنىك خادىم بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلامىدىن پاختا باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئۆزبېكچە ئاڭلىتىشىدا تەسىس قىلىنغان «ئاسىياغا ئېچىلغان دېرىزە» ناملىق مەخسۇس سەھىپە ئۈچۈن ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ماقالە تەييارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە پان-ئامېرىكا ھاۋا يوللىرىدىكى خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ ۋە پىكىر بايان قىلىدۇ.

بۇ جەرياندىكى ھايات سەھىپىلىرىنى ئەسلىگەن غۇلامىدىن پاختا ئەينى ۋاقىتتا ئەگەر سودا-تىجارەت ياكى ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شوغۇللانغىنىدا ئىدى، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر چوڭ ئىقتىساد ئىگىسى بولۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما قەلبىدىكى ۋەتەن سەۋداسىنىڭ ئۇنى ئۆز غايىسى ئۈچۈن ياشاشقا چاقىرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

1949-يىلى كەچ كۈزدە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن قەشقەردىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتكە قەدەم باسقان غۇلامىدىن پاختا شۇ يىللاردا تېخى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بىر ياش يىگىت ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ ھىندىستان، تۈركىيە ۋە گېرمانىيەدە ئۆزىنىڭ نەۋقىران يىللىرىنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە مىللىي دەۋا يولىغا سەرپ قىلىدۇ. 1966-يىلىدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكادا ياشاشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىياللىرى، چۈشلىرى ۋە ئارمانلىرى ھامان يىراقتىكى ۋەتىنى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

ۋەتەن ھەققىدىكى ئارمانلار غۇلامىدىن پاختانى ئامېرىكىغا ئەكېلىپ تاشلايدۇ. ئۇ «ئاسمىنى كەڭ» بۇ تۇپراقتا ۋۇجۇدىغا كىندىك قېنى بىلەن چىگىلگەن ۋەتەن بۇرچىنى ئادا قىلىش، دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان ئامېرىكادا ئۇيغۇر ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، تىرىشىپ-تىرمىشىدۇ، تېپىرلايدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-10102017150317.html

Share
2068 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.