logo

trugen jacn

مىللەت،مىللەتكىملىكى،مىللەت غۇرۇرى،مىللەت روھى ۋە ئۇلارنىڭ رولى


گىياھ

        مىللەت « ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشلەر توپى. » (« ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دىن ) . 

       مىللەت ئۇقۇمى بىر ئاپستراكت ئۇقۇم.  بۇ ئۇقۇم ئورتاق پىسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا مىللەت كىملىكى، مىللەت غۇرۇري ۋە مىللەت روھى قاتارلىق پىسىخىك خۇسۇسىيەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مىللەت ئورتاق ئورتاق پىسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى  تەشكىلىي بىرلىك.

       مىللەت كىملىكى بولسا مۇئەييەن بىر توپ كىشلەرنىڭ باشقا مۇئەييەن بىر توپ كىشلەردىن سۆپەت جەھەتتىن پەرقىلىنىپ تۇرۇدىغان خىسلەت،پىسخىك خاراكتېر، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئۆرپە- ئادەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەت كىملىك ئالاھىدىلىكلىرى كونكرېت ھالدا مۇئەييەن بىر مىللەتكە مەنسۇپ بولغان ئىندىۋىدنىڭ ( شەخسنىڭ) پىسىخىك جەھەتتىن ئۆزىدە ئىپادىلىگەن مۇئەييەن مىللەتكە خاس ( تەۋە) بولغان ئۇرتاق پىسخىك خاراكتېرلار، مەسلەن، ئۆزى ياشاۋاتقان توپدىكى كىشلەرنىڭ ئۆرپە- ئادەتى بۇيىچە ياشاشنى ياخشى كۆرۈش ؛ مەزكۈر مىللەتنىڭ ئاساسىي ئېتىقادى بولغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش؛ ئۆز توپىدىكى كىشلەرگە ئوخشاش كىيىنىشنى ياخشى كۆرۈش؛ مەزكۈر مىللەتكە خاس تائاملارنى يېيىشنى ياقتۇرۇش ۋە شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرۈش قاتارلىق جەھەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئىندىۋىدۇئال شەخسدە ئىپادىلەنگەن بۇ پىسخىك ھالەتلەردىن بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي مىللەت ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ  ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر مۇئەييەن بىر مىللەتكە تەۋە بولغان كىشىدە بۇ خىل پىسخىك ھالەتلەر كۆرۈلمىسە، ئۇ چاغدا بۇ كىشى باشقا بىر مىللەتكە خەلقىگە مەنسۇپ كىشىگە ياكى غەلىتە بىر ئاڭلىق مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. 

       مىللەت غۇرۇرى بولسا مۇئەييەن مىللەتكە مەنسۇپ بولغان شەخسنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ قەدىر- قىممىتىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىش ھېسىي (تۇيغۇسى) . بۇ خىل مىللەت غۇرۇرى  شۇ مىللەتنىڭ ھاياتى كۆچى بولۇش بىلەن بىرگە، شۇ مىللەت كىشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇدىغان  ھەمدە بىرلىكتە ھەرىكەتلەندۈرۈدىغان ئامىل. بىر مىللەت كىشلىرىدىكى بۇ خىل غۇرۇرلۇق ئىنتايىن نازۇك ھېسىيات بولۇپ، بۇ غۇرۇرلۇق باشقىلار( باشقا مىللەت)  تەرىپىدىن سەل- پەل دەخلى- تەرۇزلەرگە  ئۇچرىشى ھامان، شۇ مىللەت كىشلىرى        تەرىپىدىن دەرھال نارازلىق ياكى قارىشلىق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.

       مىللەت روھى مۇئەييەن بىر مىللەت كىشلىرىنىڭ ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا— تاشقى دۆشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرگە قارشى تۇرۇش، مىللەت ئۇچرىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرنى يېڭىش قاتارلىقلار ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا — يېتىشتۈرگەن ئېگىلمەس- سۈنماس قەيسەر ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى كۆرسىتىدۇ.

       نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر يولباشچىلىرىنىڭ ستالىن ۋە ۋېنستېن چېرچىللەردەك ئۆز ۋەتىنىنىڭ توپرىقىنى دەسسەپ تۇرۇپ،ئۆز خەلقنى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۆرەش قىلىشقا چاقىرىشىدەك نۇتۇق سۆزلەش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم بولغان ۋەزىيەتتە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرى ئىستىقامەت قىلۋاتقان ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى نىشان قىلغان سىياسىي پائالىيەتلەرنى  تىنچلىق يول بىلەن قانات يايدۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل سىياسىي پائالىيەتلەر ھەرگىزمۇ رادىكاللىق ۋە زوراۋانلىق تۈسىنى ئالماسلىقى كېرەك.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر قانداق رادىكاللىق ۋە زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان مەشغۇلاتلار سىزنىڭ شۇ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىڭىزگە خاتىمە سىگنالىنىڭ چېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

                                                                                                                                                          2019- يىلى ئىيۇن ئېيى

Share
1910 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.