logo

trugen jacn

غورۇرلۇق ئۇيغۇر ئەدىب، شائىر ۋە ئۇستاز روزى مۇھاممەت جۇمە ۋاپات بولدى

غورۇرلۇق ئۇيغۇر ئەدىب، شائىر ۋە ئۇستاز روزى مۇھاممەت جۇمە ۋاپات بولدى

غورورلۇق ئۇيغۇر زىيالىسى، تالانتلىق ئەدەبىي مۇھاررىر ،راستچىل،مەسۇلىياتجان ئەدەبىيات ئۇستازى،مېھرىبان ئەر ۋە نەمۇنىلىك دادا بولغۇچى روزى مۇھاممەد جۇمە ئەپەندىنىڭ يۈرىگى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 45مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ مېرىلاند شىتاتىدىكى ئۆيىدە سوقۇشتىن توختىدى. ئۇ قاراشقا شۇنچە خاتىرجەم ۋە شۇنچە مەمنۇنىيەت ئىچىدە ياتقاندەك ئىدى.

روزىمۇھاممەت جۈمە ئەپەندى 1951 -يىلى6-ئاينىڭ 15-كۈنى قارىقاش ناھىيەسىنىڭ پۇچاقچى يېزىسى باش پۇچاقچى كەنتىدە دېھقان ئايىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ شىنجىاڭ ئۈنىۋېرسىتىنى يۇقۇرى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، سىنىپىدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغان تالانتلىق ئون ئوقۇغۇچى قاتارىدا ئاپتونۇم رايۇنلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى <تارىم ژورنىلى> غا مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە تەخسىم قىلىنغان. ئۇ < تارىم ژورنىلى>دا شېئىر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەندىن سىرىت، يەنە ژورنال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، سەۋىرچانلىق بىلەن يىتەكچىلىك قىلىش ۋە ھارماي يول كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۇرغۇنلىغان ياش تالانت ئىگىلىرىنىڭ ياراملىق يازغۇچى شائىرلارندىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە توھپە كۈچ چىقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر ئەۋلات قابىل ياش قەلەم ئىگىلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشى ئۇچۇن ئۇستازلىق رول ئويناپ، كۈچلۇك ئاساس سالغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىنى ۋە يۈرەك ساداسىلىرى نامايەند قىلىنغان نۇرغۇنلىغان نەمۇنىلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خەلىق بىلەن يۈز كۆرشىشى ئۇشۇن دادىللىقللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، خەلقنىڭ ئالاھىدە يۇقۇر باھاسىغا ئېرىشكەن. بىراق ئۇ راس گەپ قىلغان ئەسەرلەرگە <تارىم >ژورنىلىدا ئورۇن بەرگىنى ئۈچۈن كۆپ تەنقىد ۋە كۆرەشلەرگە ئۇچرىغان

روزىمۇھاممەت جۇمە ئەپەندى ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ ئالاھىدە تالانتقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاز ۋە ساز ئىجادىيەتلىرى ئەينىي ۋاقىتتا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خېلى زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ <خەلق ۋەكىلى– مەتتوختەم> (ئېلىي دەرياسى ژورنىلىنىڭ 1987-يىللىق تۇنجى سانىدا ئىلان قىلىندان) ناملىق ھىكايىسىدا جوڭگو جەمىيىتىدىكى ”خەلق ۋەكىللىرى “ دەپ ئاتالىدىغان بىر توپنىڭ قانداق ساختىلىق بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقللارنى داداىللىق بىلەن قاتتىق قامچىلانسا؛ ئۇنىڭ < ھەسرەت > ناملىق شېرى داستانىدا مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىي جەريانىدىكى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ شەخسىيگە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت غالجىرلاشقان،ئىنسان روھى ئېغىر بۇرمىلانغان بىر خىل ھالەتتە،كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ ھېچنەرسىنى چۇشەنمىگەن ھالەتتە ئەشۇ غالجىرلاشقان دەۋىرنىڭ قۇربانى بولغانلىقىدىن ئىبارەت پاجىەلىك دەۋىرنى ئۆتكۇر قەلەملىرى بىلەن پاش قىلغان. روزى مۇھاممەت جۇمەنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئازلىقى ۋە سازلىقى بىلەن قەدىرلەنگىنىگە ئوخشاش، ئۇنىڭ كەمسۆزلۈگى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىگى،شۇنداقلا ياۋۇزغا باش ئەگمەيدىغان،ئاجىزغا يار يۆلەك بولىدىغان ئېسىل خاراكتىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سقرتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىگىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە قادىرلىشىگە ئىرېىشىپ كەلگەن.

روزى مۇھاممەت جۇمە ئەپەندى2007-يىلى كىسەل مۇناسىۋىتى بىلەن < تارىم ژورنىلى>دىن ئالدىن پىنسىيەگە چىققان بولۇپ، 2012- يىلى پەرزەنتلىرى ۋە ئايىلىسى بىلەن جەم بولۇش ئۇچۇن ئامېرىكىغا كەلگەن. 2013- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ چوڭ ئۈچەي راك كىسىلىنىڭ ئازابىي ئۇنىڭ سىرىت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭدىن بىرى ئۇ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىسىلىنىڭ تارىخي بىر قەدەر ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، راك ھۆجەيرىلىرى ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە، بۆرىكىگە ۋە ئاخىرىدا مىڭىسىگىچە يامىراپ كەتكەن. گەرچە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ بىر قىسىم داڭلىق ئۆسمە كىسەل دوختۇرلىرى ۋە ئەپەندىمنىڭ دوسلىرىدىن تۇركىيەدىكى مۇھاممەت ئۆمەر ھاجىم قاتارلىق تونۇلغان ئۆسمە كىسەللىكلەر مۇتىخەسسىسلىرى كۆپ ئەجىرلىرىنى سىڭدۈرگەن بولسىمۇ، كىسەلنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىي بەك ئۇزۇن ۋە كىچىكىپ بايقالغىنى ئۈچۈن، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىي كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.

روزىمۇھاممەت جۇمە ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنىۇتلىرىغىچە ۋەتەن، مىللىتىگە بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھاببىتىنى ئىزھارلاش ئۈچۈن كىسەل ھالەتتە تۇرۇپمۇ قەلىمىنى توختاتمىدى، ئۇ ھەر دايىم ئۆز ۋەتەنگە قايتىشقا،ۋەتەننىڭ گۈزەل بىر كۈنىنى كۆرۇشكە،ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى ۋەتەن تۇپرىقىدا، تۇققانلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈشكە شۇنچىلىك تەشنا بولۇپ كەلدى. جانابىي ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن،ئامېن! جانابىي ئاللاھ ئۇنى نۇرلار ئىچىدە يېتىشقا نىسىپ قىلسۇن،ئامېن! جانابىي ئاللاھ ئۇنىڭ خانىمىي دىلدار ئەزىز خانىمغا،ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە ۋە دوسيارەنلىرىگە سابىر بەرسۇن، ئامېن!

Share
1746 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.