ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىشىچە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى توختاتمىغان ھەمدە مۇشۇ سەۋەبلىك «5-ئىيۇل غايىبلار ئانىسى» دەپ ئاتالغان پاتىگۈل غۇلام 27-ماي كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
پاتىگۈل غۇلامنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 7-ئاپرېل كۈنى مەخپىي سوتلىماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ياۋروپادا پاتىگۈل غۇلامنى ئازادلىققا چىقىرىش مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رېچاردسون خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، پاتىگۈل غۇلامنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
پاتىگۈل غۇلامنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ھازىرچە بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ غايىب قىلىۋېتىلگەن ئوغلى ئىمام مۇھەممەتئېلىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق ئەمەس
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/patigul-ghulam-05312016162334.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER