logo

trugen jacn

شەنشى جىنبيەن ناھىيىسىنىڭ شىنجاڭلىقلارنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشى«فاشىستىك ئىرقىي كەمسىتىش» دەپ ئەيىبلەندى

image

مېھرىبان

ئاشكارىلانغان شىنجالڭىقلارنى كۆرگەن ھامان مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشى، «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان فاشىستىك ئىرقىي كەمسىتىش» دەپ ئەيىبلەندى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئۇقتۇرۇش خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى جىنبيەن ناھىيىسىدىكى خۇڭدا يولوچىلار شىركىتى تەرىپىدىن 4 – ئاۋغۇست چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇشتا، تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ”شىنجاڭلىقلار“نى ئۇچراتقان ھەرقانداق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى جىددىي تەلەپ قىلىنغان.

6 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى جىنبيەن ناھىيىسىدىكى خۇڭدا يولوچىلار شىركىتى تەرىپىدىن 4 – ئاۋغۇست چىقىرىلغان «شىنجاڭلىقلارنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشى» ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.

تورداشلار ئىنكاسلىرىدا ئۇقتۇرۇشتا ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئىتتىپاقلىقى، مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەختى ۋە خاتىرجەملىكى ھەم جىنبيەن ناھيىلىك ساقچى ئىدارىسى 4 – ئاۋغۇست ئاچقان جىددىي يىغىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەيلى قانداق جايدا ئاپتوموبىلغا شىنجاڭلىقلار چىققان ھامان، ئۇلارنى قاتتىق نازارەت قىلىش، دەرھال جىنبيەن ساقچى ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىش» دېگەن ئىبارىلەر «فاشىستىك ئىرقىي كەمسىتىش» نىڭ يالىڭاچ ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

6 – ئاۋغۇست چ چ تورىغا چاپلانغان بۇ ئۇقتۇرۇشقا يېزىلغان ئىنكاسلاردا تۆۋەندىكىدەك بايانلار بېرىلگەن.

جاڭ خانىم : «ھازىر ساقچى ئىدارىلىرى شىنجاڭلىقلارنى كۆرسىلا تۇتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئاشكارا ھالدا “ شىنجاڭلىقلارنى كۆرسىلا مەلۇم قىلىش“ دېگەن بايانلار بېرىلىپتۇ. بۇ ئۇقتۇرۇش ماڭا 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى فىلىملاردىلا كۆرگەن “ يەھۇدىلارنى كۆرسىلا مەلۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش“ كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلەتتى» دەپ يازغان.

شياۋ ساۋ (يۇمران ئوت) :«بۇ ئۇقتۇرۇش راستلا فاشىستىك ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ ئۆزى بوپتۇ. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭلىقلارنى ”تېرورچىلار“ دېگەن تەشۋىقاتلىرى سەۋەبىدىن ئىچكى ئۆلكىلەردە چىرايى بىز خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىغان ”شىنجاڭلىقلار“ ئۇچرىسىلا ئادەمدە ۋەھىمە قوزغىلىدىغان بولدى. مەن ئىلگىرى ”شىنجاڭلىقلار (ئۇيغۇرلار) نىڭ ئاشخانىلىرىدىن تاماق يىيىشنى، ئۇلار ساتقان قۇرۇق مىۋىلەرنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما ئىككى يىلدىن بۇيان ۋەزىيەت بىراقلا ئۆزگەردى. ھازىر ئۇلارنى كوچىدا كۆرسەممۇ قورقىدىغان بولدۇم. ھۆكۈمەتنىڭ ”شىنجاڭلىقلار“نى پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىدىغان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى خەلقتىكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى كۆچەيتىۋەتتى. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، شىنجاڭلىقلار ئەلۋەتتە نارازى بولىدۇ، ئۇلارغا قىلىنغان بۇنداق فاشىستىك ئىرقىي كەمسىتىش تېخىمۇ جىق ۋەقەلەرگە سەۋەب بولامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن» دەپ يازغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تورىدىن بوشۈن تورىمۇ بۇ ئۇقتۇرۇش ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، بوشۈن تورىدىكى خەۋەرگە كۈن چىڭ ئىسىملىك تورداش تەرىپىدىن «بۇلار فاشىستىك مىللەت يوقىتىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇۋاتامدۇ نېمە» دېيىلگەن ئىنكاس يېزىلغان.

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى جىنبيەن ناھىيسىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇقتۇرۇش ھەققىدىكى ئىنكاسلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇقتۇرۇش ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي تورداشلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە «ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە قارىلاپ، تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش» تەشۋىقاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان «تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك» ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي پۇقرالىرىدىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ تەنقىدى قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، ئەگەر دائىرىلەر ئۆز جېنىنى بېقىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىش پۇرسىتى ئىزدەپ بارغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل كەمسىتىش، تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش سىياستىنى توختاتمىسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە كۆچمەن خىتايلارغا قاراتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل«فاشىستىك مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى» نىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurlar-korgende-08072015213825.html

Share
1509 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.