logo

trugen jacn

شەنشىنىڭ سۈيجياگو تۈرمىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلار بارلىقى دەلىللەندى

خېيلوڭجاڭدىكى تەيلەي تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسى.

ئالدىنقى كۈنى «زىمىستان» تورى ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۆتكىلىش جەريانى ۋە باشقۇرۇلۇش تۈزۈمى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ۋە بۇ مەلۇماتلار ئىچىدە شەنشىنىڭ سۈيجياگو تۈرمىسىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا شەنشىنىڭ سۈيجياگو تۈرمىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلار بارلىقى دەلىللەندى. 

«زىمىستان» تورىنىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ توڭچۇەن شەھىرىدىكى سۈيجياگو تۈرمىسىگە ئۈچ مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن يۆتكەلگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇتقۇنلار پۈتۈنلەي يېپىق پويىز بىلەن بىلەن ئاۋۋال شىئەن شەھىرىگە، ئاندىن ھەربىي يۈك ماشىنىسىدا سۈيجياگو تۈرمىسىگە توشۇلغان. خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچى يەنە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي كېچىسى يۆتكەلگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ تۈرمىدىكىلەرگە بۇ مەھبۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە قاراپ سىر ساقلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان. 

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئاۋۋال شەنشى ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بىز سۈيجياگو تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بۇ سوئالنى سوراش ۋە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنىڭ «سىياسىي ئىنتىزام مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ مەلۇماتنى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز يەنە ئۇنىڭدىن تۇتقۇنلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قاچان يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى سورىدۇق. مەزكۇر خادىم بۇ مەلۇماتنىڭ مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلار ھاجەت قىلىدىغان جايغىمۇ كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغانلىقى، تۇتقۇنلارغا كۈنىگە بىر ۋاقلا تاماق بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بىز سۈيجياگو تۈرمىسىدىكى مەزكۇر خادىمدىن ئۇيغۇر رايوندىن يۆتكەلگەن تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقى، شۇڭا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ 10 مىنۇتقا داۋام قىلغان تېلېفون سۆھبىتىمىز داۋامىدا بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇرلار بارلىقىنى رەت قىلمىدى. بىز سۈيجياگو تۈرمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەنشى ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن سۈيجياگو تۈرمىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «توڭچۈەن شەھىرىدە» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن «شىنجاڭدىن ئېلىپ كېلىنگەن مەھبۇسلار سۈيجياگو تۈرمىسىدىمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ «توغرا، شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى. 

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۈيجياگو تۈرمىسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ توڭچۈەن شەھىرىگە جايلاشقان. 1958‏-يىلى قۇرۇلغان سۈيجياگو تۈرمىسى 1963- ۋە 1979‏-يىللىرى ئىككى قېتىم كۆمۈر كانغا ئۆزگەرتىلگەن. 30 يىلچە كۆمۈركان ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بۇ ئورۇن 1995‏-يىلدىن باشلاپ تەكرار تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەن. كۆلىمى 2200 كۋادرات مېتىر، يەنى 4 مو ئەتراپىدا ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitayda-uyghur-mehbus-02072019165153.html
Share
1286 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.