logo

trugen jacn
21 ئىيۇل 2015

شەندوڭدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 ئادەم ئۆلدى

1675374341patlama

خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر باغچىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 ئادەم ئۆلدى.

 ھۇجۇم شەندوڭ ئۆلكىسى خېزى شەھىرى شەنشيەن ناھىيەسى خۇشى باغچىسىدا كەچ سائەت 10 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلدى؛ ۋەقەدە ھۇجۇم گۇماندارى شيې شىنتاڭ بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 3 ئادەم ئۆلدى، 24 ئادەم يارىلاندى. يارىلانغانلار ئارىسىدىكى 3 كىشىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇم گۇماندارى شيې شىنتاڭ بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىشسىز قالغان سەھرالىق كىشى ئىكەن. ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدىتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1367 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.