logo

trugen jacn

شەرقى تۇركىستاندا مىللى دولەت قۇرۇلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنىڭ نەزىرىيەۋى ئاساسى ھەققىدە ئىزدىنىش

مەھمەت ئىمىن ھەزرەت

 

كىرىش

1997. يىلى نەشىر قىلغان ”مۇستەقىللىق كۇرىشى“ نامىلىق كىتاۋىمنىڭ تۇنجى جۇملىسى؛ ”ۋەتەن،مىللەت ۋە دولەت بىر بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ئامىللاردۇر. ۋەتەنسىز مىللەتنى، مىللەتسىز دولەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس“دىگەن سوزلەر بىلەن باشلىنىدۇ. ياپونىيەدىن ئەنگىلىيەگىچە سۇزۇلغان پايانسىز زىمىنلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە بولغان ئامما 21. ئەسىردىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن باشقا ئىېچبىر مىللەت يوقتۇر. ئۇيغۇر مىللىتى ئوز مىللى دولىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرمەستىن ئوزىنى ساقلاپ قالالىشى، ئانا ۋەتىنىدە نەسلىنى داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇگۇنكى كۇنلەردە ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى بۈيۈك مىللى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. ۋەتەن سىرتىدا ئازاتلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ۋەياكى كېلەچەكتىكى دۆلەت تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دۆلىتى (خەلىپىلىك) قۇرۇش كېرەكمۇ ياكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددى تالاش- تارتىشلار مەۋجۇت. كېلەچەك ھەققىدە توغرا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن تارىختىن ئىبارەت ئەينەكتە ئۆزىمىزگە بىر نەزەر سېلىش، توغرا يولنى تاللاش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن تارىختىكى ئىسلام خەلىپىلىكلىرى، دۇنيادىكى جۇمھۇرىيەت دولەت قۇرۇلمىلىرى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىش، مەسىلىنى بىلىمسىزلەرنىڭ مىللى ۋە دىنى پوچىلىق كىبىرلىرى ئارىسىدىكى قۇرۇق تالاش تارتىشتىن چىقىرىپ، كۆپچىلىككە مەسىلىنى ئىلمى نوقتىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇيغۇر تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق نىشانداا بىرلىشىشى ئۇچۇن پايدىلىق دەپ قارايمەن.

1. تارىختىكى ئىسلام خەلپىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان ۋە ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى ئىسلام خەلىپىلىك ئارزۇسى

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مىلادى 632.يىلى 6. ئاينىڭ 8. كۈنى 63 يېشىدا ۋاپات بولدى. خەلىپىلىك مەسىلىسى رەسۇلىللانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا ئورتىغا چىقتى. خەلىپە، ئۇيغۇرچىدا، ئارقىدىن كەلگەن، ئورۇنباسار دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئانى كەرىمدە خەلىپە كەلىمىسى بىر قانچە يەردە زىكىر قىلىنىدۇ. “ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: ”مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن“ دېدى.” (بەقەرە سۈرىسى 30. ئايەت- ئۇيغۇرچە).
1. ئىسلامنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ھەزىرىتى ئابابەكرى بولۇپ، ساكىفەئى بەنى سائىدە ( مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار توپلۇشۇپ ئورتاق قارار قوبۇل كىلدىغان ئۈستى يېپىلغان سايىۋەن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان) دە سايلام ئارقىلىق خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇردى ۋە 632-634. يىللىرى ئىسلامنىڭ تۇنجى خەلىپىسى بولدى.

2.ھەزرىتى ئۆمەر سايلام بىلەن ئەمەس، ھەزىرىتى ئابابەكرى تەرىپىدىن ئىزباسار قىلىپ تەيىنلەندى. مىلادى 634. يىلدىن 644. يىلغىچە 10 يىل ئىسلام خەلىپىسى بولغان ھەزىرىتى ئۆمەر قۇددۇستىن مىسىرغىچە ئىراندىن خۇراسانغىچە بولغان پايانسىز زىمىنلارارنى فەتھ قىلدى ۋە بۇ زىمىنلاردىكى خەلقلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا ۋەسىلە بولدى. ھەزىرىتى ئۆمەر، مەسچىتتە بامدات نامىزىغا ئىماملىق قىلىۋاتقاندا، باجدىن نارازى بولغان ئەبۇ لۈلۈ ئىسىملىك بىر قۇل تەرىپىدىن خەنجەرلىنىپ شەھىت قىلىندى. ھەزىرىتى ئۆمەر جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن ئورنىغا خەلىپە بولىدىغان كىشىنىڭ ئىسلام شۇراسى ( بۈگۈنكى پارلامېنتنىڭ ئاساسى) ئارقىلىق سايلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان ئىدى.

3.ھەزىرىتى ئوسمان ئىسلام شۇراسىنىڭ كۆپ سانلىق ئاۋازى بىلەن خەلىپە سايلاندى. 644. يىلدىن 656. يىلغىچە 12 يىل ھەزىرىتى ئوسمان خەلىپە بولدى. ھەزرەتى ئوسمان بۇگۈنكى سۈرىيە،تۈركىيەنىڭ بىر قىسمى، ئەزەربەيجان، داغىستان، بۈيۈك تۈركىستان يۇرتلىرىنى ئاق دېڭىزدا قىبرىس، سىجىليە ئاراللىرىنى، شىمالى ئافرىقىنىڭ تامامىنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈردى. قۇرئانى كەرىمنىڭ توغرا نۇسخىسىنى تاللاپ خاتالىق بار نۇسخىلىرىنى كۆيدۈردى. قۇرئانى كەرىمنىڭ توغرا نۇسخىسىنى رەسمى كۆپەيتىپ پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى.650. يىللىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە باشلاندى. مىسىر، ئىراق، سۇرىيە، ھەتتا ئىسلام پايتەختى مەدىنەدىن قەبىلىۋاز ئۆكتىچى گۇرۇھلار ھەج بانىسىدا مەككىگە كېلىپ ئىسيان چىقاردى.ئىسيانچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنى “ ئوسمان ھۇقۇقنى لاياقەتلىك كىشىلەرگە ئەمەس، تۇغقان ۋە دوستلىرىغا بەردى.” ھەزىرىتى ئوسمان دەۋرىدە دۆلەت خەزىنىسى ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن تولغان بولۇپ ھەركىمنىڭ كۆزى بايلىقتا ئىدى. ئىسيانچىلارنىڭ كۆزى بايلىققا تىكىلگەن بولسىمۇ, ئامما ئىسيانچىلار  بايلىق توغرۇلۇق ئەمەس، ھەزىرىتى ئوسماننىڭ ئادالەتسىزلىكى ئۈستىدە شىكايەت قىلاتتى. ئىسيانچىلار ھەزىرىتى ئوسماننىڭ ئويىنى قورشاپ، ئارقىدىن ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ شەھىت قىلدى. ئەپسۇسكى ھەزىرىتى ئوسماننى شەھىت قىلغۇچىلار ئارىسىدا ھەزىرىتى ئابابەكرىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىن ئەبۇبەكرىمۇ بار ئىدى. تۈرك تارىخچى ئېھسان سۈرەييا سىرما “مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى“ (Müslümanların Tarihi) كىتابىنىڭ ھەزىرىتى ئوسمان ھەققىدىكى بابىدا “ھەزىرىتى ئوسمانمۇ بىر بەندە ئىدى. بەندىدە بولىدىغان ئاجىزلىقلار ئۇنىڭدىمۇ بولغان.” دەپ يازىدۇ.

4.ھەزىرىتى ئەلى- ھەزىرىتى ئوسماننى شەھىت قىلغان ئىسيانچىلار ھەزىرىتى ئەلىنىڭ خەلىپە بولۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشتى. ھەزرىتى ئەلى تەكلىپنى رەت قىلدى ۋە ئەگەر خەلىپە بولىدىغان بولسا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە بەيئەت قىلىشى كېرەكلىكى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەزىرىتى ئەلى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرمۇ بىر قول بىرىپ قەسەم قىلىپ بەيئەت قىلىشى ئارقىلىق خەلىپە بولدى ۋە 656-661 يىللىرى ئارىسىدا 5 يىل خەلىپە بولۇش جەريانىدا مۇسۇلمان دۇنياسى ئەڭ قانلىق ئىچكى ئۇرۇش پاجىئەسى ئىچىدە ئۆتتى.ھەزىرىتى ئەلى دۆلەتنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن بۈيۈك كۇچ سەرپ قىلىشىغا قارىماي، ھەزىرىتى ئوسمان دەۋرىدىن قالغان جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ مىراسى بولغان قەبىلىچىلىك پىتنە ئوتىنىڭ تېخىمۇ يالقۇنجاپ كۈچىيىشى بىلەن مۇبارەك ئىسلام دىنى بۈيۈك سىياسى كىرىزىس ئىچىدە قالغان ئىدى.شام (بۈگۈنكى سۇرىيە) ۋالىسى بولغان مۇئاغاۋىيە (ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوغلى)، ھەزىرىتى ئايشە(رەسۇلىللانىڭ زەۋجىسى)، ھەزرەتى تالخا بىن ئۇبەيدۇللاھ(رەسۇلىللانىڭ باجىسى ھەم رەسۇلىللانىڭ 4 خانىمىنىڭ قىزىنى ئالغانلىغى ئۈچۈن رەسۇلىللانىڭ كىيوغلى سانىلىدۇ) )، ھەزىرىتى زۇبەير بىن ئەۋۋام (ھەزىرىتى خەدىچەنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى) لار, مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغى ۋە كىيوغلى، دۇنيا ئىسلام تارىخىدا،ھەزىرىتى خەدىچەدىن كېيىنلا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە رەسۇلىللا تەرىپىدىن ”ئىسلامنىڭ قېلىچى“ دىگەن نام بىرىلگەن ساھابىلەر قۇماندانى ھەزىرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىگە قارشى ئىدى.ھەزىرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىگىگە شىددەتلىك قارشى چىققۇچلارنى تەشكىللىگۈچى كۇچ ئەبۇ سۇفيان ئائىلىسىنى ئاساس قىلغان بەنى ئۈممىيە قەبىلىسى ئىدى. ئىككى تەرەپ ئەسكەر توپلاپ ئۆز ئارا ئۇرۇشقا كىردى. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تۇنجى ئىچكى ئۇرۇش مىلادى 656.يىلى 12. ئاينىڭ 9. كۈنى باسرا يېقىندىكى ھۇرەيبە دېگەن يەردە بولدى. ئۇرۇشتا ھەزىرىتى تالخا ۋە ھەزىرىتى زۇبەير شەھىت بولدى ۋە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن مۇسۇلماننىڭ سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيكەسىلامنىڭ زەۋجىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى ھەزىرىتى ئايشە ئەسىر چۈشتى. ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان ئىسلام خەلىپىسى ھەزىرىتى ئەلى، ھەزىرىتى ئايشەگە قوغدىغۇچىلارنى بىرىپ مەككىگە يولغا سېلىپ قويدى ۋە مەككىدىن سىرتقا چىقىشنى چەكلىدى.
ھەزرىتى ئەلى 661.يىلى كۈفە جامىغا بامدات نامىزىغا كېتىۋاتقاندا ئۆزى خارجىيەچى گۇرۇپىسىغا مەنسۇپ بولۇش بىلەن بارابەر مۇغاۋىيە تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ئىبن-ئى مۈلجەم ئىسمىدىكى بىر ساتقۇن تەرىپىدىن ئارقا تەرەپتىن زەھەر بىلەن سۇغۇرۇلغان خەنجەر بىلەن شەھىت قىلىندى. چۈنكى، شام ۋالىسى مۇغاۋىيە ئۆز تەرەپدارى دىنى ئۆلىمالارنىڭ “مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پىتنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەلىنىڭ قەتلى ۋاجىپتۇر.” دېگەن پەتىۋاسىنى، ھەزىرىتى ئەلىنى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشنىڭ قانۇنى ئاساسى دەپ قارىغان ئىدى.

5. ھەزىرىتى مۇغاۋىيە – ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوغلى مۇغاۋىيە ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇراللىق كۇچ ئارقىلىق مەجبۇرى تارتىپ ئالغان بولۇپ، مىلادى 661.يىلدىن 680.يىلىغىچە خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇردى.مۇغاۋىيە، مەككە فەتھىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ھەزىرىتى ئوسمان تەرىپىدىن شام (بۈگۈنكى سۈرىيە) ۋالىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى. مۇغاۋىيە دەۋرىدە ئىسلام خەلىپىلىگى مىسلىسىز گۈللەندى ۋە كۈچەيدى. مۇغاۋىيە سەكراتقا چۈشكەندە ئوغلى يېزىتنى ئىسلام خەلىپىسى دەپ ئېلان قىلدى. مۇغاۋىيە ئائىلىسىنىڭ سەلتەنىتى مىلادى 750. يىلىغىچە 89 يىل داۋام قىلدى.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئىسلام خەلىپىلىكى دادىسىدىن بالىسىغا مىراس قالىدىغان پادىشالىق تۈزۈمىگە ئۆزگەردى.
ئاللانىڭ كالامىنى مۇسۇلمان رەقىپلىرىگە قارشى سۈيقەستتە ھىلە ۋاستىسى قىلىپ ئىشلىتىشمۇ مۇغاۋىيە تەرىپىدىن ئىجات قىلىندى. مىلادى 657.يىلى 6-7. ئايدا بۈگۈنكى سۈرىنىڭ راكقا شەھرىگە يېقىن سىففىن دېگەن يەردە ھەزىرىتى ئەلى بىلەن مۇغاۋىيە لەشكەرلىرى ئارىسىدا 2 ئاي داۋام قىلغان ئۇرۇشتا ھەزىرىتى ئەلى قوشۇنى غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەۋاتقان، مۇغاۋىيە قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، مۇغاۋىيە بىر ھىلە ئويلاپ تاپتى ۋە لەشكەرلىرىگە نەيزىنىڭ ئۇچچىغا قۇرئان ۋاراقلىرىنى سانجىپ قان تۆكۈشنى توختۇتۇش تەلىپىدە تۇرۇۋېلىشقا بۇيرىدى. قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان ۋاراقلارنى نەيزىگە سانچىۋالغان مۇغاۋىيە لەشكەرلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۆلىھ تەلەپ قىلىپ يىغلاشلىرى، ھەزىرىتى ئەلى ئەسكەرلىرىنى تەرەددۇتتا قالدۇردى. مەرد، ئادىل، ئاقكۆڭۈل ھەزىرىتى ئەلى ھۇجۇمنى توختۇتۇپ قارشى تەرەپ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى قىلىشقا ئەمىر بەردى. ھەزىرىتى ئەلىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى، كېيىنكى ئۆزىنىڭ، ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئىمامنىڭ ۋەھشىلەرچە شەھىت قىلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.
ئىسلامنى ئىنسانلار ئۈستىدىكى بېسىم ۋە زۇلۇم ۋاستىسى قىلىپ ئىشلىتىش مۇغاۋىيە دەۋرىدە باشلانغان ئىدى.
تۈرك ئىلاھىيەتچى پروفېسسور ۋەجدى ئاكيۈزنىڭ “خەلىپىلىكنىڭ ھۆكۈمرانلىققا ئۆزگىرىشى” (Hilafetin Saltanata Dönüşmesi) دېگەن كىتابىدا؛ “ مۇغاۋىيە، مۇسۇلمانلارغا قارغۇلارچە ئىتائەت قىلىش مەدىنىيىتىنى مەجبۇرى ئوزلەشتۇرگەن“ دەپ يازىدۇ.
ئوسمانلى گېنىرالى 50 تىن ئارتۇك كىتاۋى بولغان بۈيۈك تارىخچى ۋە فىكىھ ئالىمى ئاخمەت جەۋدەت پاشا (1822-1895) “كىتابى ئەنبىيا” دىگەن كىتابىدا، مۇغاۋىيە دەۋرىدىكى فىكىھ (قانۇن) ئالىملىرىنىڭ ئۆلۈم قورقىسىدىن ئاللانىڭ توغرا ھۆكۈملىرىنى شەرھىلەش ئۈچۈن ئېغىز ئېچىشقىمۇ پېتىنالمىغانلىغىنى يازىدۇ.

6. ئابباسىلار خەلپىلىگى؛ ئەمەۋى (مۇغاۋىيە) خەلىپىلىكى 750. يىلى ئىسلام قۇماندانى ئەبۇ مۇسلىم خوراسانى تەرىپىدىن قۇراللىق ئىسيان ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئەبۇ مۇسلىم خوراسانى بۇگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋە شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر- تۈرك نەسلىدىن بولغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. ئەمەۋىلەر، ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلاردىن مۇسۇلمان زىمىنىدا ياشىغان كاپىرلار بىلەن ئوخشاش فىدىيە (سىلىق) ئالاتتى، خار كۆرەتتى. ئەبۇ مۇسلىم ئەرەب بولمىغان ئورتا ئاسىيا ۋە ئىران مۇسۇلمانلىرىنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئەمەۋىلەر (مۇغاۋىيە) ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. پەيغەمبەر نەسلىدىن بولغان ئەبۇ ئابباس ئابدۇللاھ خەلىپىلىككە كۆتۈرۈلگەچكە خەلىپىلىكنىڭ ئىسمى ئابباسىلار خەلىپىلىكى دەپ ئاتالدى. خوراسان ۋالىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن قۇماندان ئەبۇ مۇسلىمنىڭ شۆھرىتى ئىسلام دۇنياسىغا تاراپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، ئۇنى كېلەچەكتىكى تەھدىت دەپ قارىغان ئابباسى خەلىپىلىكى، ئەبۇ مۇسلىمنى مۇكاپات تەقدىم قىلىش باھانىسىدا باغداتقا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ سارايغا كىرىشى بىلەن يۇشۇرنۇپ تۇرغان جاللاتلار تەرىپىدىن مىلادى 755. يىلى 2.ئاينىڭ 13.كۈنى بۈگۈنكى ئىراقنىڭ رۇمىيە شەھرىدە شەھىت قىلىندى. ئابباسىلار 750. يىلىدىن 1258. يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى. ئابباسىلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئىسلام پۈتۈن قىتئەلەرگە تارقالدى. ئىلىم-پەن قالتىس راۋاجلاندى. بىراق، ئىسلام دۇنياسى باغدات تەرىپىدىن باشقۇرىلىدىغان بىر دۆلەت ئەۋزەللىكىنى يوقىتىشقا باشلىغان ۋە بۇ ئىسلام دۆلەتلىرى تاۋائىفۇل مۈلۈك- يەنى مۇستەقىل دۆلەتلەر دېگەن كەلىمە بىلەن ئاتىلاتتى. ئەندۈلىس (756-1031)، تولۇنلار(868-905) ئىھشىدىلەر (935-969)، فاتىمىلەر(909-1171)،ئەييۇبىلەر(1171-1260)، سامانىيلار (819-999)، بۇۋەيھىلەر(934-1062)، غەزنەۋىلەر(977-1186)، سەلچۇق تۈركلىرى (1037-1194)، قاراخان خانلىقى (840-1212)…قاتارلىق بۈيۈك ۋە مۇستەقىل ئىسلام ئىمپىراتۇرلىقلىرى ئورتىغا چىقىپ بولغان ئىدى.
(چىڭىزخان خىتاي زىمىنلىرىنى تامامەن ئىشخال ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ئورتا ئاسىياغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. خارەزىم شاھىنى مەغلۇب قىلدى. قاراخانىلارنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. ئىراننى بويسۇندۇرۇپ، ئاخىرى 1258. يىلى 1. ئايدا باغداتنى قورشىۋالدى. ئابباسلارنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇستاسىم بىللاھ بارلىق دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن موڭغۇللارغا تەسلىم بولدى. موڭغۇللار خەلىپە ۋە بارلىق دۆلەت ئەركانلىرىنى، تەسلىم بولغان مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنى بىرمۇ بىر قېلىچتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. خەزىنىنى بولاپ، تالىدى. شەھەر ئاھالىسىنى قىيام قىلدى، مۇسۇلمان خوتۇن قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلدى. ئاخىرى ئىسلام پايتەختى باغدات شەھرىگە ئوت قۇيۇپ، شەھەرنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.)

7.ئابباسىلار خەلىپىسىنىڭ ئوغلى شاھزادە ئەخمەت موڭغۇل قەتلىيامىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ سۇرىيىگە ئىلتىجا قىلدى. تۇنجى مەملۇك سۇلتانى بايبارس موڭغۇللارنىڭ سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇراتتى ۋە سۈرىيىنى ئۆز پادىشالىقى تەۋەسىگە ئايلاندۇردى. پادىشاھ، شاھزادە ئەخمەتنى ئۆزى بىلەن بىللە قاھىرەگە ئېلىپ كەتتى ۋە 1261. يىلى ئەخمەتنى سىموۋول خاراكتىرىدە خەلىپە ئېلان قىدى. شۇنداق قىلىپ مەملۈك سۇلتانى ئىسلام دۇنياسىدا رەسمىيەت قازانغان بولدى. ئامما، خەلپىنىڭ تەختى بار، ھۇقۇقى يوق بىر دەۋىر باشلاندى.

8. ئوسمانلى- مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن ئەپچىل پايدىلانغان ئوسمانلى دۆلىتى (1299- 1922) 623 يىل ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇردى. بەزى مەنبەلەردە ئوسمانلى پادىشاسى ياۋۇز سۇلتان سەلىم، سۈرىيە، لۇبنان، پەلەستىن، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئالغاندىن كېيىن 1517.يىلى 2. ئاينىڭ 4. كۈنى ئوسمانلى پادىشاسى ياۋۇز سۇلتان سەلىم خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇرغان، خەلىپىلىك سۇلتان سەلىمدىن باشلىنىدۇ، دەپ يېزىلىدۇ. ئوسمانلى 16. ئەرسىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيىگە ئايلانغان بولۇپ 1683.يىلى 3 قىتئەسىدىكى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان زىمىن 5 مىليون 200 مىڭ كۋۋادىرات كىلومېتىرغا يەتكەن ئىدى. ئوسمانلىدا خەلىپىلىك ئۈنۋانى پادىشاھ بىرىنچى مۇرات (1326 – 1389) دەۋرىدە بااشلانغان بولۇپ، ئوسمانلى خەلىپىلىگىمۇ ئەمەۋى، ئابباسى خەلىپىلىكلىرىگە ئوخشاش دادىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان تۈزۈم بىلەن داۋام قىلىپ كەلگەن.

يەكۇن

1. ھەزىرىتى ئابابەكرى مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئاۋاز بىرىشى بىلەن ئىسلام خەلىپىسى بولۇپ سايلانغان.
2. ھەزىرىتى ئۆمەر، ھەزىرىتى ئابابەكىرنىڭ تەيىنلىشى بىلەن خەلىپە بولغان.
3. ھەزىرىتى ئوسمان شۇرا (مەسلىھەت كېڭىشى) نىڭ سايلىشى بىلەن خەلىپە بولغان.
4. ھەزىرىتى ئەلى، مۇسۇلمانلارنىڭ قول بېرىپ بەيئەت قىلىشى ئارقىلىق خەلىپە بولغان.
5. مۇغاۋىيە، ئىسلامنىڭ قانۇنى خەلىپىسى ئەلىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوراللىق ئاغدۇرۇش يولى ئارقىلىق خەلىپە بولغان.
6. يېزىت، دادىسى مۇغاۋىيەنىڭ خەلىپىلىكنى مىراس قالدۇرىشى ئارقىلىق خەلىپە بولغان ۋە ئۇمۇ خەلىپىلىكنى ئوغلىغا مىراس قالدۇرغان.
7. ئابباسىلار، مۇغاۋىيە (ئەمەۋى) خەلىپىلىكىنى قۇراللىق ئىسيان بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ خەلىپە بولغان.
8. قاھىرە ئابباسى خەلىپسى ئەخمەت باشقىلار تەرىپىدىن خەلىپە قىلىپ قويۇلغان بولۇپ، تەختى بار، ھۇقۇقى يوق سىمۇۋىل خاراكتىرگە ئىگە خەلىپە بولغان.
9. ئوسمانلى خەلىپىلىكى، خەلىپىلىك تۈزۈمىنى دادىسىدىن بالىسىغا مىراس يولى بىلەن داۋام قىلدۇرغان.

بۇ خەلىپىلىكلەرنىڭ ھەممىسى رەسۇلىللانىڭ ھەقىقى خەلىپىسى (ئىزباسارى) ئوزلىرى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىل كەلتۇرۇش، ئۇ دەۋىرنىڭ دىنى ئولىمالىرىدىن پەتىۋا ئېلىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قانۇنى ئورنىنى قوغداپ كەلگەن. بىر بىرىدىن پەرىقلىق يول ۋە ۋاستىلار بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بۇ خەلىپىلىكلەرنىڭ قايسى رەسۇلىللانىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ئىدى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلغۇسى دولىتىگە خەلىپىلىك مودىلى ئۇيغۇنمۇ، ئەمەسمۇ؟ بۇگۇن دۇنيادا 57 مۇسۇلمان دولىتى بار. مۇسۇلمان دولەتلەرنىڭ قايسى قانداق دولەت شەكلىنى تاللىغان؟

ماقالىنىڭ داۋامى بار…

2018.يىلى 8. ئاينىڭ 24. كۇنى

Share
2785 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.