logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى ۋە دىپلوماتىيە

نەزەر

 

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ باش ئىستراتېگىيىلىك نىشانى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ بۇيۈك نىشان پەقەت ھەر قايسى مەزگىللەردىكى ئىستراتېگىيىلىك باسقۇچلۇق نىشانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسى ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنشى مومكىن.

نۆۋەتتە بۇ مىللىي ھەرىكەتنىڭ  پەقەت چەت ئەللەردىلا ئېلىپ بېرىش ۋە قانات يايديدۇرۇش ئىمكانىيەتلىكىدىن  ئىبارەت خاراكتىرى بۇ مىللىي ھەرىكەتنىڭ غەلبىلىك بولۇشىنىڭ بىر ئامىلى دىپلوماتىك ۋاسىتىلارغا (مۇناسىۋەتلەرگە) تايىنىش ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.  شۇڭلاشقا، بۇ ئۇلۇغۋار ۋە مۇقەددەس مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئۆز نىشانىغا يېتىشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دىپلوماتىيىگە باغلىق. بولۇپمۇ نۆۋەتتە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيىلىك باسقۇچتا دۇنيادىكى ھەر قايسى دىموكراتىك كۈچلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بىر ئەھۋالدا بۇ ھەل قىلغۇچ كۈچنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۇرۇشتە باشقا ئامىللار قاتارىدا دىپلوماتىيە ئامىلىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا،دىپلوماتىيە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەر قانداق سىياسىي پائالىيەتلىرىدا چىۋەرلىك بىلەن ھەر خىل دىپلوماتىك ۋاستلىرىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر.

چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىدىكى دىپلوماتىيە باشقا مەزمۇنلارنى بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن :

بۇ مىللىي ھەرىكەتنىڭ ھەر  قايسى باسقۇچلىرىدىكى ئىش – ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئىش – ھەرىكەتنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە ھەمكارلىشىۋاتقان خەلقئارالىق كۈچلەر ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ.

ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ نامى ۋە قۇرۇلمىسى خەلقئارالىق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە قانات يايدۇرۇشقا ماسلاشقان بولۇشى بەك مۇھىم. چۇنكى بۇ مىللىي ھەرىكەتنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى پەقەت ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەمدە بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار  بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ نامىنى ئاڭلاپلا ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ نامى ئۇلارنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئوڭۇشلۈق ئېلىپ بېرىشغا توسۇق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەر قانداق ئىش- ھەرىكەتلىرى خەلقئارالىق قانۇن- تۈزۈملەر ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە قەتئىي رېئايە قىلىشى لازىم. رۇخسەت قىلىنغان چەكتىن ۋە دائىردىن ھالىقىپ كەتمەسلىكى شەرت. بولمىسا، سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بىرىشتىن مەڭگۈ مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا دىپلوماتىيەگە  ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىشى لازىم.

ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەر قانداق پائالىيەتلىرى ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلارغا بېسىم قىلىش تۈسنى ئېلىپ قالماسلىقى كېرەك. « بېسىم قىلىش» دىن ئىبارەت بۇ سۆز بىرىكمىسىنىڭ «زورلاش، مەجبۇر قىلىش» دەك لېكسىكىلىق مەنىلىرى بار بولغاچقا، « نامايىش قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ياكى چەت ئەل تەشكىلاتلىرىغا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشغا بېسىم ئىشلىتىمىز. » دەك سۆز- ئىبارە ۋە جۇملىلەرنى قوللىنىشتىن يېراق تۇرۇش لازىم. چۈنكى غەرپلىكلەرنىڭ دېموكراتىك چۈشەنچىسىدە كىشلىك ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان مەسىللىلەردە باشقىلارغا « بېسىم قىلىش» شەخسلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەررز يەتكۈزۈپ قويغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرچە ھەل بولۇشى قىيىن بولغان ياكى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ياكى ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان  مەسىللىلەرنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلىشتىن ساقلىنىش نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ۋە تېزرەك ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھەرگىزمۇ « قارىغۇنى ياردا قىستىماق» تاكتىكىسىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.  قىسقىسى، چەت ئەللەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئەربابلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئارتۇقچە ھېساپلىنىدىغان  تەلەپلەرنى قويۇپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشتىن ساقىلىنىش لازىم.

نەتىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ تەجرىبىسدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ نەتىجە يارتىشىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئۆز خىزمەتلىردە ئىپادىلىگەن كىشلىك خاراكتېرىنىڭ تەمكىنلىكى، سىپايىلىكى، سەمىمىيىلىكى، راستچىللىقى ۋە كەمتەرلىكىدۇر. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر ئىشلاردا بەزى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە ئەرپابلار بەزىبىر نامۇۋاپىق ئىش- ھەرىكەت ۋە گەپ – سۆزلەردە بولۇپ قالسا، ئۇلارغا قارىتا دىپلوماتىك قائىدە – يوسۇنلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ  بۇ ئارباپلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلماسلىق لازىم. ھەرگىزمۇ شۇ دۆلەتلەر ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپ – سۆزلەردە بولماسلىق كېرەك.

گەپنىڭ قىسقىسى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە « چوڭ دادىغا قىلىدىغان مۇناسىۋەت » تە بولماسلىق لازىم.                                                                                                                 2021- يىلى ئاۋغۇست

Share
1457 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.