logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي بىر نەزەر

غالىپ ئىلى

مۇقەددىمە

20- ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ  ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى ۋە تاشقۇرغاندا يۈز بەرگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر مىللىي ئازادلىق ھەركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاجاۋۇزچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەبىت مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي مۇستەقىل دۆلىتىنى قورۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ قوراللىق ئىنقىلاب تاجاۋۇزچى جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قورۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۇرۇش تارىخىدا شانلىق بىر ئۈچمەس سەھىپە ياراتتى.                  

 

مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ ئىنقىلاب ھارپىسىدا

2-  دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە پايدىلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي مۇستەقللىق ۋە ئازاتلىق ھەرىكىتىنى قوزغاشنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى شارائىتى ھازىرلىنىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جۇڭخۇا مىنگو مۇستەملىكىچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۆرەشلەر باشلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغالىيەتچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان ھەر تەرەپلىمە  مۇستەملىكە سىياسىتى، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئېزىشى چېكىدىن ئاشىدۇ. خەلق سىياسىي ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولىدۇ. خەلق ئىنسانىيەت- ئادەمگەرچىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ئىقىسادىي جەھەتتىن ۋەيرانچىلىققا ئۈچرايدۈ. مىللىي زۇلۇم، مىللىي ئېكسپىلاتسىيە ۋە  مىللىي كەمسىتىش ئېغىرلىشىپ ئۈچىغا چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ئىلغار يەرلىك مىللەت ياشلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان بىر قىسم شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار ھەمدە ئىشغالىيەتچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ھۆكۇمرانلىقىغا قارشى بولغان بىر قىسىم تەرەقىپەرۋەر زاتلار ئارقا- ئارقىدىن ھەرىكەتكە كىلىپ، جاي- جايلاردا مەخىپىي تەشكىلاتلارنى قورۇپ، ئاممىنى ئويغۇتۇش – قوزغاش تەشۋىقاتلىرى، قوراللىق كۈرەش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى باشلاپ، كەڭ كۈلەمدىكى مىللىي ئىستىقلال ھەرىكەتنى قانات يايدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ توپلاش ۋە شارايىت يارىتىشقا كېرىشىپ كېتىدۇ . ئىشغالىيەتچى جۇڭخۇا مىنگوغا قارشى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش – تەشكىللەش خىزمەتلىرى ئاساسەن سوۋېت  ئىتتىپاقىي تەرىپىدىن ئىشلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقلىرى ئويغىنىپ، ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 40 –   يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز دۆلەت ئىچى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ پائالىيەت باشلايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى  ئۆز دۆلەت ئىچىدە « شەرققە ياردەم قىلىش كومىتېتى » قاتارلىق ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان يەرلىك ھەر مىللەت خەلقلىرىگە قارتىلغان تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ، يۇشۇرۇن يوللار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا ئەكىرىپ تەشۋىق- تەرغىپ ئىشلىرىنى قاتات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە سىياسىي-  ھەربىي بازسلارنى قورۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىلاجىسىز چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم ئىلغار ياشلارنى يېغىپ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ يەر ئاستى خىزمەت خادىملىرى ۋە كونسولخانىلىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىنگونىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۈرۈشنى نىشان قىلغان  ھەر قايسى سىنىپ، ھەر ساھە ۋە ھەر قايسىى تەبىقە- قاتلاملاردىكى ھەر مىللەت كىشلىرىدىن  تەشكىل تاپقان، بىرلىك سەپ خاراكتىرىدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى قورۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

داۋامى بار…

Share
2468 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.