logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ھەربىي تاتارلار

غالىپ

       20- ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە يۈزبەرگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئۆزىنىڭ مىللىي تەركىپلىرىنىڭ رەڭگا- رەڭ بولۇشى بىلەن دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر مىللىي ئازادلىق ھەركىتى ( مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى) بولۇپ خاراكتېرلىنىدۇ. شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچى دائىرلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇش ئارقىلىق مۇستەقىللىق، ئازاتلىق، ئەركىنلىك، دېموكىراتىيە ۋە باراۋەرلىككە ئىگە بولۇشنى مەخسەت قىلغان بۇ مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابقا شۇ ئۈچ رايوندا ئولتۇراقلاشقان ھەر مىللەت خەلقلىرى، يەنى ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، رۇس، خۇيزۇ، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، شىبە، داغۇر ۋە تاجىك  قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەلقلىرى ئاكتىپ قاتناشقان ۋە باتۇرانە، قەيسەرلىك بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان . بۇ ئىنقىلابتا باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قاتارىدا تاتار خەلقىمۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە قەھرىمانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورگان- ئىدارىلىرى، ھەربىي، مائارىپ- مەدەنىيەت، مالىيە ۋە سەھىيە ساھەلىرىدە نۇرغۇن تاتار زىيالىيلىرى يېڭى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش جەريانىدا ھارماي- تالماي پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ ئۆز تۆھپىلىرىنى قۇشدى. جۇمھۇرىيەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قۇشۇمچە تۈنجى مائارىپ مىنىستىرى خەبىپ يونىچىۋ؛ ھۆكۈمەت ئەزاسى ،قۇشۇمچە رېۋىزىيەكومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋاققاس ھاجى مىر شانوۋ ۋە مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى فاتىخ ئاللا يار ۋە شەرقىي تۈركىستان خانىم- قىزلار جەمئىىيىتىنىڭ باشلىقى تەۋەيخانىم مىرشانوۋالار تاتار مىللىتىدىن ئىدى. بولۇپمۇ ئىنقىلابنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى قۇراللىق كۈرەش مەزگىلىدە تاتار ئوفېتسىر – جەڭچىلىرى ۋە ھەربىي سانىتاركىلىرى باشقا قېرىنداش مىللەت ئوفېتسىر – جەڭچىلىرى ۋە ھەربىي سانىتاركىلىرى بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئۇرۇشلاردا جەسۈرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، قۇربان بېرىشلەردىن قورقماي، خەلق ھاكىمىيەتلىرى ۋە مىللىي ئارمىيىنى قۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى . بۇ قوراللىق كۈرەشتە تاتار خەلقى ئۆزلىرىدە  ئەزەلدنن بار بولغان ئەنئەنىۋىې پىداكارلىق ئېسىل خىسلىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.   

نىلقا ئۇلاستايدىن باشلانغان ئىلى ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئۇلاستاي پارتىزان ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى فاتىخ موسىلىموۋ تاتار ئىدى. ئۇ قوماندانلىق قىلغان نىلقا پارتىزانلىرى غۇلجا قوزغىلىڭىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرگۈچى ھەمدە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتا         مىللىي ئارمىيىىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى.   

  مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ پارتىزانلىق ۋە مۇنتىزىم ئۇرۇش مەزگىللىرىدە پارتىزان ئەترەتلىرىدە ۋە مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا خىزمەت ئۆتىگەن تاتار ئوفېتسىر – جەڭچىلىرى  ۋە ھەربىي سانىتاركىلىرىنىڭ بەزىلىرى مىللىي ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلدى. خەمىت موسىلىموۋ، نازىم بېكېيوۋ، ئىنتېرناتسىئونال تاتار ئوفېتسىرى بىكەيوۋ ۋە ھەربىي سانىتاركىلار رەخىمە، خاتىمەلەر شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ قەھرىمان ئوفېتسىر- جەڭچىلىرىنى ئەبەدىي ياد ئېتىدۇ ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!

يەنە، تاتار جەڭچىلىرىدىن مىللىي ئارمىيىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق  ۋە باھادىر ھەربىي قوماندان ۋە كوماندىرلىرى يېتىشىپ چىقتى. مەسىلەن، مىللىي ئارمىيە شىخو 1 – ئاتقۇچى پولكىنىڭ باھادىر كوماندىرى، كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى،قوشۇمچە شتاب ناچالنىكى (باشلىقى)  ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان مەرغۇپ ئىسھاقوۋ، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەسئەت ئىسھاقوۋ؛ ئاتلىق 1 – برىگادا 2 – پولكىنىڭ كوماندىرى، كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپۇسنىڭ ئارقا سەپ مۇدىرى بولغان رەفىق بايچۇرىن،خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپۇس 14 – دىۋىزىيىنىڭ كوماندىرى ئايتۇغان يونىچىۋ،خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 –  كورپۇس 13 – دىۋىزىيىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى مالىك گىمادىيوۋ قاتارلىقلار شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر. بولۇپمۇ تاغا – جىيەن بولغان فاتىخ ۋە خەمىت موسىلىموۋلار، ئاكا – ئۇكا يۇنىچىۋلار – ھەبىپ ۋە ئايتۇغان ، ئاكا – ئۇكا ئىسھاقوۋلار– ئەسئەت ۋە مەرغۇپلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قوشقان توھپىلىرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى. گەرچە بۇ تاتار ئوفېتسىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىدا ( ھەركىتىدە ) كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى دائىم ئەسلىشىدۇ.

بۇ ماقالىدە نوختىلىق ھالدا مىللىي ئارمىيىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسمەن باھادىر تاتار ئوفېتسىرلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ.

نىلقا پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش قۇماندانى، خەلق باتۇرى

فاتىخ موسىلىموۋ

نىلقا قوزغىلىنىڭ تەشكىلاتچىسى، نىلقا پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى فاتىخ موسىلىموۋ ( 1900 – 1975 )   تېخى بالا چېغىدا رۇسىيەدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، فاتىخنىڭ ئاپىسى بەش بالىنى ئېلىپ جۇڭگونىڭ غۇلجا شەھرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن كېيىن غۇلجا شەھرىدىكى تاتار مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇقۇرى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا ئائىلە ئىقتىسادى ئىمكانىيەت بەرمىگەچكە، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بايلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ پرىكازچىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزى ياللانغان بايلارنىڭ مال يۈكلىرىنى رۇسىيەگە ئاپىرىپ، ئۇ يەردىن غۇلجا خەلقىگە كېرەكلىك تاۋارلارنى ئەكېلىدۇ. 

سوۋېتلەر سايۇزنىڭ چېگىرىسى تاقالغاندىن كېيىن بىر مەزگىل كونترابانتلىق (ئەتكەسچىلىك) بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن فاتىخ موسىلىموۋ نىلقا ناھىيىلىك يەرلىك مەسھۇلاتلار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ شېڭ شىسەيگە قارشى مەخپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ بۇ پائالىيىتىنى گومىنداڭ دائىرىلىرى كەلگەندىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مەخپىي پائالىيتى 1943 – يىل سېنتەبىردە سېزىلىپ قالغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى سوۋېتلەر سايۇزىغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ سوۋېتكە قېچىپ كەتكەن ۋاقتى دەل سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشكە ئويغۇتۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ دائىرىلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرەش كۆتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىۋاتقان، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن ياردەم بېرىپ تەشكىللەشكە كىرىشكەن ۋاقتى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقىپ كەتكەن ھەر مىللەت ياشلىرىدىن تاشكەنت، ئالماتا قاتارلىق جايلاردا بىر قانچە گۇرۇپپا تەشكىللەپ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن تەربىيىلەۋاتقان ئىدى. فاتىخ ئالماتا يېنىدا تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىدا تەربىيىلىنىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدىكى كۇرسانتلار كۇرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى فاتىخنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ، خەمىت موسىلىموۋ (فاتىخنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى)، رەفىق بايچۇرىن (فاتىخنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى)، قۇربان بۇرھاندىنوۋ، ئوسمان ئىبراھىموۋ، نۇر  ئوبۇلوۋ ۋە ھوشۇر مامۇتوۋلاردىن بىر قوراللىق گۇرۇپپا تەشكىللەپ، قورال – ياراقلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايونىغا ئەۋەتىدۇ. (سەيدۇللا سەيپۇللايوۋمۇ بۇ كۇرستا تەربىيىلەنگەن ئىدى. بىراق سالامەتلىك سەۋەبى بىلەن گۇرۇپپا بىلەن بىرگە قايتالماي قالىدۇ.) ئىلىغا قايتىشتىن ئاۋۋال فاتىخ سوۋېت ھەربىي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىدىغان جاينى ئىلى نىلقا ناھىيىسى قىلىپ بەلگىلەپ ئالغان ئىدى.

ئۇلار چېگرادىن ئۆتكەندىن كېيىن چېچىلىپ كېتىپ، كېيىن ئۇلاستايدا توپلىشىدۇ. فاتىخ ئۇلاستايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سۇيانبېك دېگەن بىر قازاق تونۇشى ئۇنى تاغنىڭ ئارىسىغا ئەكىرىپ يوشۇرۇپ جايلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ دائىرىلىرى فاتىخنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاپىسى بىلەن ئايالىنى غۇلجا قارادۆڭدىكى 1 – رايون ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسىگە سولاپ قويىدۇ.  فاتىخ سۇيانبېك ئارقىلىق «ئىشقا ياراملىق» كىشىلەرنى ئەتىراپىغا يىغىشقا باشلايدۇ. ئۇ سۇيانبېكنى غېنىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. سۇيانبېك غېنىغا فاتىخنىڭ « بىرگە ھەرىكەت قىلغىنىمىز ياخشى بولىدۇ.» دېگەن سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، غېنى ئۆز ئادەملىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ئون نەچچە ئاتنى ئېلىپ فاتىخنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. غېنى باتۇر فاتىخ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن فاتىخنى «بۇ بىر ئېغىر – بېسىق، تەمكىن، ئويلاپ سۆزلەيدىغان ئەقىللىق ئادەم ئىكەن» دەپ ھېس قىلغان. فاتىخ ئۆز گۇرۇپپىسىغا يەنە ئەكبەر، سېيىت، ناۋان، مولداجان، ئىۋاشاتوۋ قاتارلىق ئەزىمەتلەرنى قوشۇپ ئالغاندىن كېيىن، 1944 – يىل 14 – ئاۋغۇست فاتىخ باشچىلىغىدا خەمىت، ئەكبەر، سېيىت، ئوسمان ۋە غېنىدىن ئىبارەت ئالتە كىشى ئۇلاستايدا قەسەم ئىچىشىپ، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى يوقۇتۇپ، ئازاب ئىچىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئازات قىلشقا بەل باغلايدۇ ۋە شۇ كۇنى ئۇلاستاي پارتىزانلار باش قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. كۆپچىلىك فاتىخنى پارتىزان ئەترىتىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، خەمىتنى مۇئاۋىن قۇماندانلىقىغا، ئەكبەرنى ئالدىنقى سەپ باش قوماندانلىقىغا سايلىشىدۇ. 

       ئۇلاستاي پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇلاستاي تاغ رايونىنى بازا قىلىپ، بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە جالۇنغۇل، جارتۇغان، كۆكساي قاتارلىق جايلاردا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە پارتىزانلارنىڭ سانى 120 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 1944 – يىل 17 – ئاۋغۇست پارتىزانلار ئەترىتى فاتىخنىڭ قوماندانلىقىدا ئۇلاستايغا ھەربىي ئات سېلىقىنى سۈيلەپ كەلگەن نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فېڭ دېجۈننىڭ باشچىلىقىدىكى 55 كىشىلىك ئەترەتكە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ ئون نەچچە ئادىمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ساقچىنى ئەسىرگە ئالىدۇ، 20 دىن ئارتۇق مىلتىق، 40 تىن كۆپرەك گرانات، بىر نەچچە مىڭ تال ئوق ۋە 12 ھەربىي ئاتنى ئولجا ئالىدۇ. مانا بۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ نىلقا ئۇلاستاي پارتىزانلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان بىرىنچى ئوق ئاۋازى ئىدى. ئۇلاستايدىكى بۇ قېتىملىق جەڭ غەلبىسى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۈشمەننى يېڭىش ئىشەنچىسىگە زور ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە پارتىزانلارنىڭ سانى 600 كىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 1944 – يىل 20 – ئاۋغۇست فاتىخ قوماندانلىقىدىكى پارتىزانلار باش قوماندانلىق شتابى پارتىزانلار ئەترىتىنى قايتىدىن تەشكىللەپ ئۈچ ئەترەتكە بۆلىدۇ. بۇ چاغدا تايانچى پارتىزانلار 200 دىن كۆپرەك ئىدى. پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ 60 مىلتىقى بار ئىدى. پارتىزانلار ئەترىتى رەتلىنىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن جىددىي ھەربىي مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىپ نىلقا ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گومىنداڭنىڭ تارقاق قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارىدۇ. شۇ يىلى 2 – سېنتەبىر فاتىخ بىر قىسىم پارتىزانلارنى باشلاپ قورغاسنىڭ كەگەنساي دېگەن يېرىدە گومىنداڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىپ غەلبىگە ئېرىشىدۇ. بۇندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەكبەرمۇ بىر قىسىم پارتىزانلارنى باشلاپ باسلىكەن داۋىنىدا گومىنداڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىپ گومىنداڭنىڭ 10 نەچچە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 2 پىلىموت، 70 تىن ئارتۇق مىلتىق غىنىمەت ئالىدۇ. 

نىلقا ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلبە قازىنىپ، بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ كېتىۋاتقانلىقى- دىن ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن شىنجاڭدىكى 8 – ئۇرۇش رايونىنىڭ باش قوماندانى جۇشاۋلىياڭ پارتىزانلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قاتمۇ – قات ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇيرۇقلارنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئىلى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋجۇمىڭ بىر قىسىم ساقچىلار- نى باشلاپ نىلقا ناھىيىسىگە كېلىپ، شۇ يەردىكى ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى يىغىپ 300 يۈزدىن ئارتۇق قوراللىق كۈچنى توپلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ پارتىزانلارنى يوقىتىشقا ئاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، 10 نەچچە ئادىمى ئۆلىدۇ، 8 ئادىمى ئەسىرگە چۈشىدۇ، 20 تال مىلتىقىنى پارتىزانلار غىنىمەت ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە پارتىزانلار ئەترىتى غۇلجىدىن نىلقا ناھىيىسىگە بارىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاينى ئىگىلەپ، ياردەمگە كېلىدىغان دۈشمەن قوشۇنىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارتىزانلارنىڭ نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش شارائىتى پىشىپ يېتىلىدۇ.

1944 – يىل 5 – ئۆكتەبىردە فاتىخ موسىلىموۋ ئۇلاستايدىكى پارتىزانلار باش شتابنىڭ قورۇسى ئالدىدىكى چوڭ مەيدانغا توپلانغان 1600 دىن ئارتۇق پارتىزانلار ۋە ئاممىغا نىلقا بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى ۋە ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى جاكارلايدۇ، ھەمدە جەڭ ئالدىدىكى سەپەرۋەرلىكنى قىلىدۇ. 6 – ئۆكتەبىر تاڭ سەھەردە مۇئاۋىن قوماندان خەمىت ۋە ئالدىنقى سەپ باش قۇماندانى ئەكبەرلەرنىڭ قۇماندانلىقىدا سېيىت باشچىلىقىدىكى 1 – چوڭ ئەترەت نىلقا بازىرىنىڭ شىمالىي تەرپىدىن، غېنى ۋە ئوسمان باشچىلىقىدىكى 2 – چوڭ ئەترەت نىلقا ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن، رەفىق بايچۇرىن ۋە ستوۋ ئىۋان باشچىلىقىدىكى 3 – چوڭ ئەترەت نىلقا ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. فاتىخ ئۇلاستايدىكى پارتىزانلار باش شتابىدا ئومۇمىي جەڭگە قوماندانلىق قىلىدۇ. دۈشمەن بىلەن بولغان كەسكىن جەڭ شىددەت بىلەن بىر سوتكا داۋاملاشقاندىن كېيىن، 7 – ئۆكتەبىردە ساقچى ئىدارىسى قورۇسىدىكى 140 تىن ئارتۇق دۈشمەن ئاق بايراق كۆتۈرۈپ چىقىپ تەسلىم بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نىلقا ناھىيە بازىرى ئازات بولىدۇ. پارتىزانلار بۇ قېتىمقى جەڭدە گومىنداڭ ئەسكەر ۋە ساقچىلىرىدىن 30 نەچچىنى يوقىتىدۇ، 140 تىن ئارتۇقىنى ئەسىرگە ئالىدۇ، 66 مىلتىق، 8 ماۋزىر، 3 پىلىموت، 150 گرانات، بىرنەچچە مىڭ پاي ئوق، بىر يۈك ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئولجا ئالىدۇ ۋە تۈرمىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىدىن 100 نەچچە كىشىنى ئازات قىلدۇ. نىلقا بازىرىنى ئىشغال قىلىش جېڭىدە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خەمىت ئېغىر يارىلىنىپ، كېيىن قۇربان بولدى.

پارتىزانلار نىلقا ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ناھىيىلىك گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلق ھاكىمىيىتىنى قۇرىدۇ. بۇ ئىلى ئىنقىلابىدىكى تۈنجى قۇرۇلغان خەلق ھاكىمىيىتى ئىدى. پارتىزانلار قوماندانلىق باش شتابى ئۇلاستايدىن نىلقا بازىرى ئىچىگە يۆتكەپ كېلىندى، ھەمدە 9 – ئۆكتەبىر پارتىزانلار ئەترىتى باش شتابى نىلقا بازىرى ئىچىدە پارتىزانلار ئەترىتىنى 2 – قېتىم رەتلەپ تەشكىللەشنى ئېلىپ بارىدۇ. پارتىزانلار ئۈچ چوڭ ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ. 1 – چوڭ ئەترەتتە 300 گە يېقىن كىشى بولۇپ، ھەممىسى قازاقلار ئىدى. ئەكبەر بۇ چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقى، سېيىت مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 2 – چوڭ ئەترەتتە 250 كە يېقىن ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە ئازساندىكى شىبەلەر بولۇپ، غېنى ئۇنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىلىدۇ. 3 – چوڭ ئەترەتنىڭ كۆپ قىسمى رۇسلار بولۇپ، ستوۋ ئىۋان ئۇنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىلىنىدۇ. بۇندىن سىرت يەنە بىر قىسىم ئارقا سەپ تەمىنات خادىملىرى بار بولۇپ، پارتىزانلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سانى 800 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇندىن باشلاپ پارتىزانلار ئەترىتىگە نىلقا پارتىزانلار ئەترىتى دەپ رەسمىي نام بېرىلىدۇ. پارتىزانلار ئەترىتى باش قۇماندانلىق شتابى پارتىزانلارغا پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىش تەلىم – تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە مازار، سۇپىتەي ۋە قاراسۇ قاتارلىق جايلاردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرۈپ، 100 دىن كۆپرەك دۈشمەننى يوقاتتى ھەمدە بىر تۈركۈم قۇرال – ياراقلارنى غىنىمەت ئالىدۇ. 21 – ئۆكتەبىر پارتىزانلارنىڭ بىر تارماق ئەترىتى شىمالدىكى گۆرسايغا يۈرۈش قىلىپ، جىڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ شۇ يەردىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، جىڭ ناھىيىسىگە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە قىستاپ بارىدۇ. 27 – ئۆكتەبىر توققۇزتارادىن كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرى نىلقا ناھىيسىگە ھۇجۇم قىلىپ، نىلقا نەسىللىك قوي فېرمىسىنى بىر مەزگىل ئىگىلەپ ئالغان بولسىمۇ، بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان پارتىزانلار ئەترىتى قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بۇ يەرنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ. 30 – ئۆكتەبىر غالجىرلاشقان گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئىككى ئايروپىلاننىڭ ماسلىشىشى بىلەن نىلقا بازار ئىچىگە ئانچە يىراق بولمىغان قاش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قارىتۆپىنى ئىگىلەپ ئالىدۇ. دەريانىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى پارتىزانلار ئەترىتى بۇ يەردە مەھكەم مۇداپىئە قۇرۇپ گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ نىلقا بازار ئىچىگە ھۇجۇم قىلىشىنى توساپ تۇرىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق «باندىتلارنى يوقۇتۇش» تىن ئىبارەت قورشاۋ ئۇرۇشىغا قارشى پارتىزانلار ئەترەتلىرى قۇرال – ياراقلار يېتىشمەسلىك ۋە ئاشلىق كامچىللىقى دېگەندەك ئىتايىن قىيىن شارائىتتا فاتىخ باشچىلىقىدىكى باش شتابنىڭ قۇماندانلىقىدا ئۈمىدۋارلىق بىلەن جەسۈرانە جەڭ قىلىپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلدۇ.

بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ كېتىپ بارغان ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ئوتىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆچۈرۈش ئۈچۈن گومىنداڭ 8 – ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇشاۋلىياڭ 18 – ئۆكتەبىر زاپاس 7 – دىۋىزىيىنىڭ شتاب باشلىقى ساۋرۇلىڭنى «ئىلى ۋىلايىتىنى تىنچلاندۇرۇش قوماندانى» مەنسىپى بىلەن ئىلىغا ئەۋەتىپ، نىلقا قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرماقچى بولىدۇ. ساۋرۇلىڭ ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن يېڭىدىن « نىلقا ئەتراپىدىكى باندىتلارنى تازىلاش پىلانى » نى تۈزۈپ، 1 – نويابىردىن باشلاپ بۇ پىلاننى ئىجرا قىلماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە گومىنداڭ ئارمىيىسىدىن 1600 دىن كۆپرەك ئەسكەر كۈچىنى توپلاپ بىر قانچە يولغا بۆلۈنۈپ « باندىتلارنى يوقىتىش » ئۈچۈن نىلقا تەرەپكە ئاتلاندۇرىدۇ. 1 – نويابىر پارتىزانلار فاتىخنىڭ قوماندانلىقىدا بىر كېچە – كۈندۈز قەيسەرلىك بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ گومىنداڭ ئارمىيسىدىن 80 دىن ئوشۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى، 2 پىلىموت، 70 تىن كۆپرەك مىلتىق، بىر نەچچە مىڭ پاي ئوق ۋە بىرمۇنچە گراناتلارنى غىنىمەت ئالىدۇ. 2 – نويابىر دۈشمەننىڭ بىر باتاليون ئەسكىرىي كۈچى ئىككى ئايروپىلاننىڭ ھاۋادىن ماسلىشىشى بىلەن نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئاققۇي سېيىغا ھۇجۇم قىلغاندا پارتىزانلار قوراللىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن ئاققۇي سېيىنى تاشلاپ چېكىندۇ. شۇندىن كېيىن دۈشمەن قاش دەرياسىنى بويلاپ نىلقا بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغاندا، غېنى باشچىلىقىدىكى 2 – چوڭ ئەترەت ھەممە تەرەپتىن دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقتىن ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ ئۇلاستايغا چېكىنىدۇ. شۇنداڭ قىلىپ گومىنداڭ ئارمىيسى نىلقا بازىرىنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. 3 – نويابىر گومىنداڭ ئارمىيىسى يەنە ئىككى ئايروپىلاننىڭ ھاۋادىن ھىمايە قىلىشى بىلەن قاراسۇدىن ئۇلاستايدىكى پارتنزانلار ئەترىتىگە ھۇجۇم باشلايدۇ. «لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەرداردا» دېگەندەك، پارتىزانلار باش شتابنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جالىنغۇلدىكى ئەكبەر باشچىلىقىدىكى 1 – چوڭ ئەترەت ئۇرۇش قىلغاچ چېكىنىپ دۈشمەننى ئىچكىرىگە ئېلىپ كىرىدۇ. ئۇلاستايدىكى ئاللىقاچان تەييارلىنىپ تۇرغان پارتىزانلار بېسىپ كىرگەن دۈشمەننى ئۈچ تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ ، دكشمەننى بىتچىت قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇلاستايدىكى جەڭدە گومىنداڭ ئارمىيسىدىن 47 كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ، 12 كىشى ئەسىرگە چۈشتىدۇ، 3 پىلىموت، 32 مىلتىق، 10 ساندۇق ئوق ۋە باشقا بىرمۇنچە ھەربىي ئەشيالار غىنىمەت ئېلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئەكبەر ئېغىر يارىدارلىنىپ 10 – نويابىر قۇربان بولىدۇ. ئەكبەرنىڭ ئىنىسى سېيىت ئۇنىڭ ئورنىدا 1 – چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.

فاتىخ باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار باش شتابى سۇلتانۋەيىس ئەتىراپىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇش پىلانىنى تۈزەۋاتقان ۋاقىتتا، غۇلجىدىكى ئازادلىق تەشكىلاتى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن غۇلجىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ نىلقا ناھىيىسى تەرەپكە «باندىتلارنى يوقىتىش» قا كەتكەنلىك ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غۇلجىدا قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئازادلىق تەشكىلاتى بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كۈچلىرىنى تەشكىللىسە، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق نىلقا پارتىزانلىرىنى تېزلىك بىلەن غۇلجىغا ياردەمگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتى «نىلقا پارتىزانلىرى تېز ياردەمگە كېلىڭلار، بىز غۇلجىنى ئازات قىلىش ئىشىنى باشلىدۇق … » دېگەن مەزمۇندىكى بىر پارچە خەتنى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئالاقىچى ئارقىلىق نىلقا ئۇلاستايغا ئەۋەتىدۇ. خەتتە يەنە قوزغىلاڭنىڭ 7 – نويابىر تاڭ سەھەردە باشلىنىدىغانلىقى ھەم خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 5 – نويابىر نىلقا پارتىزانلار باش شتابى بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مەسلىھەتلىشىپ، مازارغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، بىر قىسىم كۈچنى مازار تاغ ئۆتكىلىنى ساقلاپ تۇرۇپ غۇلجىدىن چىققان گومىنداڭ قوشۇنىغا ئالدىنى توسۇپ زەربە بېرىشكە قالدۇرۇپ، پارتىزانلارنىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي كۈچى فاتىخنىڭ قوماندانلىقىدا ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ غۇلجىغا ئاتلىنىدۇ.

        6 – نويابىر تاڭ سەھەردە سېيىتنىڭ ئەترىتى غۇلجىنىڭ غەربىي – شىمالىغا، غېنىنىڭ ئەترىتى غۇلجىنىڭ شەرقىي – جەنۇبىغا، ستوۋ ئىۋان ۋە رەفىق بايچۇرىننىڭ ئەترىتى غۇلجىنىڭ شەرقىي – شىمالىغا يېقىنلىشىدۇ. غېنىنىڭ ئەترىتى بەلگىلەنگەن ھۇجۇم ۋاقىتتىن ئىلگىرى غۇلجا 1 – رايون ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ تۈرمىدىكى 80 نەچچە ئادەمنى قۇتۇلدۇرىدۇ. غېنى ئۆزى ساقچى ئىدارىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ فاتىخنىڭ سولاقتا ياتقان ئاپىسى ۋە ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. كېيىن پارتىزانلار ئەترىتى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. پارتىزانلار كۆپ چىقىم تارتىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تۇرپانيۈزىگە چېكىنىپ، ئۇ يەردىكى ئىككى چوڭ ئەترەت بىلەن قوشۇلىدۇ. 

      6- نويابىر كەچتە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇزغىلاڭغا قوماندانلىق قىلىش شتابى غۇلجا شەھرىدىكى ھەر قايسى يەر ئاستى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى چاقىرىپ، غۇلجىنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۆزۈپ، جەڭ باشلانغاندىن كېيىن پارتىزانلار ئەترەتلىرىنىڭ شەرق، شىمال ۋە غەرب تەرەپلەردىن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم باشلاشنى بېكىتدۇ. 

       7- نويابىر تاڭ سەھەردە غۇلجا شەھرىنىڭ غەربىدىن ئابدۇكېرىم ئابباس ۋە ئالېكساندىروۋلارنىڭ سوۋېت تەرەپتىن باشلاپ كەلگەن 60 كىشىلىك قوراللىق پارتىزان ئەترىتى شەھەرگە ھۇجۇم باشلايدۇ. 1- ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن شەھەرگە يېقىنلاشقان نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ غېنى قوماندانلىقىدىكى 2 – چوڭ ئەترەت قارادوڭدىن، سېيىت ۋە قۇربان بۇرھاندىنوۋ قوماندانلىقىدىكى 1 – چوڭ ئەترەت غۇلجىنىڭ غەربىي – جەنۇبىدىكى دوڭمەھەللىدىن، ستوۋ ئىۋان ۋە رەفىق قوماندانلىقىدىكى 3 – چوڭ ئەترەت شىمال تەرەپ ئايرودرومدىن بىر ۋاقىتتا غۇلجا شەھەر ئىچىگە ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ھەر خىل قۇراللار بىلەن جەڭگە قاتنىشىدۇ. پالىنوۋ باشچىلىقىدىكى 60 نەچچە سوۋېت قوراللىق قىسىمنىڭ ياردىمى بىلەن كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق 12 – نويابىرغا كەلگەندە غۇلجا شەھرىنىڭ ئايرودروم، ھەرەمباغ ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىسىدىن باشقا جايلىرى پارتىزانلار ۋە قوزغىلاڭچى ئامما تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ. دەل شۇ كۈنى ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇدۇ.

        1944 – يىلى نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرى فاتىخ موسىلىموۋ ئەۋەتكەن مەنسۇر لومىيوۋ بىلەن كەرىم ھاجى سۈيدۈڭ، چىڭسىخوزا، لوسىگوڭ، مۇشۇتەيزە قاتارلىق جايلاردىكى تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە تەشۋىقات، سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىپ، تېزلىكتە 50 نەچچە كىشىلىك تۇڭگان پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەيدۇ. 

        شۇندىن كېيىن پارتىزانلار ئەترەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلىپ 1945 – يىل 30- يانۋار كۈنى غۇلجا شەھرىنى پۈتۈنلەي ئازات قىلدۇ. فاتىخ قوماندانلىقىدىكى پارتىزانلار ئەترىتى 1945 – يىل 8 – ئاپرىلدا قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. 

       1944- يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا فاتىخ موسىلىموۋ خوتۇنسۇمۇل ناھىيىسىنىڭ بايىنبۇلاق يايلىقىدىن نىلقا ناھىيىسىگە كەلگەن مۇڭغۇل چاڭ زىدېغا بىر تۈركۈم قورال- ياراق، ئوق- دورىلارنى بېرىپ، بايىنبۇلاق پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىدۇ.

فاتىخ موسىلىموۋ مىللىي ئارمىيە 13 – ئاتلىق پولكىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋە نىلقا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ( 1944 – 1951 ) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. فاتىخ ۋە غېنىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن 1946 – يىل 1 – ئىيۇن كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ھەيئىتى 307 – نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ فاتىخ ۋە غېنىغا «خەلق قەھرىمانى» دېگەن نام بېرىشنى بەلگىلەيدۇ. فاتىخ يەنە 1- دەرىجىلىك « ئازادلىق ئوردېنى » (ئالتۇن)، 1- دەرىجىلىك « ئىسىتىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش» ئوردېنى (ئالتۇن)، « ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش » مېدالى(كۈمۈش)، « باھادىرلىق ئۈچۈن » مېدالى(كۈمۈش) « ساداقەت » مېدالى(كۈمۈش) ۋە « پىدائىلىق »  قاتارلىق ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

1949- يىللاردىن كېيىن فاتىخ غېنى بىلەن بىللە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. 1952 – يىلى  فاتىخ باتۇر ۋە غىنى باتۇر ئىككىسى تەقىپ قىلىنىپ،گەنسۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىدا سىياسى ئۆگىنىشكە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلۇدۇ. فاتىخ موسىلىموۋ 1955- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. فاتىخ ئالماتىدا خىزمەت قىلىپ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئائىلە ھاياتىنى كەچۈرۈپ 1975 – يىل 15 – مارتتا  ۋاپات بولىدۇ. فاتىخ ئالماتا تاتاركا (كەڭساي) قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى. سەپداشلىرى فاتىخنىڭ يېرىم گەۋدىلىك ھەيكىلىنى ئۇنىڭ قەبرە بېشىغا قويىدۇ. 

ئۇلاستاي پارتىزان ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى

قەھرىمان خەمىت موسىلىموۋ

نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇلاستاي پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خەمىت موسلىموۋ فاتىخنىڭ ئاكىسى سادىقنىڭ ئوغلى بولۇپ، غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1923 – 1930 يىللىرى غۇلجا تاتار مەكتەپتە، 1930 – 1932 يىللىرى رۇس مەكتەپتە ئوقۇغان. 1932 – يىلدىن باشلاپ سودىگەر ئالماس بېكوۋلارغا ياللىنىپ ھېسابچى ۋە كاسسىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1934 – يىلى نىلقا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1935 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گراژدانلىقىغا ئۆتكەن. 1936 – 1942 يىللىرى غۇلجا شەھەرلىك « سوۋېت- شىنجاڭ سۇدا شىرىكىتى» («Сов – Син Торг») دە ئىشچى، ھېساۋاتچى ۋە ئىسكىلاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942 – يىلى ئۈرۈمچىدە مۇداپىئە زاۋۇتىنىڭ ئىشخانا باشلىقى بولغان. 1943 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ تاشكەنتتە ياشىغان. 1943 – يىلى تاغىسى فاتىخ موسىلىموۋ، رەفىق بايچۇرىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئالماتا شەھرىنىڭ شىمالىدىكى ئالماتىكا غولىنىڭ ئىچىدىكى ساناتورىيەدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۇرسقا قاتنىشىپ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەنگەن. كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1944 – يىل ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا فاتىخ باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا بىلەن ئىلى نىلقا ناھىيىسىگە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. 1944 – يىل 14 – ئاۋغۇستتا فاتىخ، ئەكبەر، سېيىت، ئوسمان ۋە غېنىلار بىلەن بىللە ئۇلاستايدا ئۇلاستاي پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرۇپ، پارتىزانلار باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولىدۇ. 1944 – يىلى 17 – ئاۋغۇست نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى باشلاپ چىققان 55 كىشىلىك ئات سېلىقنى سۈيلەش ئەترىتىگە ئەكبەر بىلەن سېيىت دۈشمەننىڭ كەينىدىن، فاتىخ بىلەن خەمىت دۈشمەننىڭ ئالدىدىن ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىپ ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنىڭ تۈنجى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇندىن كېيىن خەمىت  فاتىخ، ئەكبەرلەر بىلەن بىللە ئۇلاستاي پارتىزان ئەترەتلىرىگە قۇماندانلىق قىلىپ بىر قانچە قېتىم غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلىدۇ. 6 – ئۆكتەبر مۇئاۋىن باش قوماندان خەمىت ۋە ئالدىنقى سەپ باش قوماندانى ئەكبەر نىلقا بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ نىلقا بازىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. لېكىن كەسكىن ئۇرۇشتا دۈشمەن بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىۋاتقان خەمىت ئېغىر يارىدارلىنىپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن 28 يېشىدا قۇربان بولىدۇ. تاتار خەلقىنىڭ بۇ ئەزىمەت قەھرىمان ئوغلى مەڭگۈ ھايات! 

چىۋەر كوماندىر رەفىق بايچۇرىن

مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى رەفىق بايچۇرىن فاتىخ موسىلىموۋنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1915 – يىل 18 – سېنتەبر غۇلجا شەھرىدە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1923 – 1928 يىللىرى مەكتەپتە ئوقۇغان. 1928 دىن 1940 – يىلىغا قەدەر سوۋېت- شىنجاڭ سودا شىرىكتىدە ئالاقىچى ئىشچى ۋە ئىسكىلاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1940 – يىلدىن 1943 – يىلغىچە  ساندىخوزى كەنتىدە قورغاس رايونى پرىستان باشلىقنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1943 – يىلىنىڭ ئاخىرى تاغىسى فاتىخ مۇسلىموۋ بىلەن ئالماتا يېنىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۇرستا ئوقۇپ، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن تەلىم ئالغان . 1944 – يىلى ئاۋغۇست ئېينىڭ ئاخىرلىرىدا فاتىخ باشلىق 7 كىشىلىك گۇرۇپپا بىلەن ئالماتىدىن نىلقا تاغلىرىغا قاراپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. فاتىخ ۋە خەمىت قاتارلىقلار بىلەن ئۇلاستاي پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. 17 – ئاۋغۇست ئۇلاستاي پارتىزانلىرى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئات سېلىقىنى سۈيلەپ چىققان ساقچى ئەترىتى ئۈستىدىن بىرىنچى قېتىم غەلبە قازانغاندىن كېيىن، 20 – ئاۋغۇست پارتىزانلار شتابى پارتىزانلار قوشۇنىنى رەتلەپ ئۈچ چوڭ ئەترەتكە بۆلگەندە رەفىق بايچۇرىن بىلەن ستوۋ ئىۋان 3 – چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقلىرى بولىدۇ. 6 – ئۆكتەبىر تاڭ سەھەردە 600 دىن ئارتۇق پارتىزانلار جەنۇب، غەرب، شىمال تەرەپلەردىن نىلقا بازىرىنى قورشاپ ئالدۇ. بايچۇرىن ، ئىۋان باشچىلىقىدىكى 3 – چوڭ پارتىزانلار ئەترىتى نىلقا ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىن ھۇجۇم قىلىدۇ. 7 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نىلقا بازىرى ئازات قىلىنىدۇ. 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ قوشۇنلىرى سۇلتانۋەيىس بازىرى، چوڭ قارىسۇ، كىچىك قارىسۇ ئارقىلىق ئۇلاستايغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن ئاققوي سېيىنى بىر مەزگىل ئىشغال قىلىۋالغان بولسىمۇ، پارتىزانلار باش شتابى ئەۋەتكەن رەفىق بايچۇرىننىڭ ئەترىتى كەسكىن جەڭ ئارقىلىق ئاققوي سېيى ئېغىزىنى قايتا تارتىۋالىدۇ.

1944 – يىل 7 – نويابىر فاتىخ قوماندانلىقىدىكى ئۈچ چوڭ ئەترەتنىڭ بىرى بولغان رەفىق بايچۇرىن ۋە ستوۋ ئىۋانلارنىڭ 3 – چوڭ ئەترىتى باشقا پارتىزان ئەترەتلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا غۇلجا شەھەرنىڭ شىمالى يەنى ئايرودروم تەرەپتىن غۇلجا شەھرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق 12 – نويابىرغا كەلگەندە غۇلجا شەھرىنىڭ ئايرودروم، ھەرەمباغ ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىلىرىدىن باشقا جايلىرى ئازات قىلىنىدۇ. شىددەتلىك جەڭلەر ئارقىلىق 1945 يىلى 30 – يانۋار  غۇلجا شەھرى پۈتۈنلەي ئازات قىلىنىدۇ. 1945 – يىل 8 – ئاپرىل مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا فرونت شىخو ئوپىراتسىيىسىگە تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىخۇدىكى قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرىشىنى توساش ئۈچۈن 1945 – يىل ئىيۇلدا رەفىق بايچۇرىن ۋە سەيىد تۇرسۇنلار باشچىلىقىدىكى پارتىزان ئەترىتىنى شىخوغا ئەۋەتىدۇ. بۇ پارتىزانلار ئەترىتى ئالدى بىلەن توت تېرەك دەرياسىدىكى (چىگىخور دەرياسى) چوڭ كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىخو بىلەن جىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار دۈشمەن ئارقىسىغا ئۆتۈپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قاتناش لىنىيىلىرىنى ئۈزىدۈ. دىخۋا (ئۈرۈمچى) دىن جىڭغا بېرىش ئۈچۈن ئۆتىدىغان ماناس كۆۋرۈكىنى پارتىلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ موتورلاشقان قىسىملىرىنىڭ دىخۋا(ئۇرۇمچى) ۋە ماناس ناھىيىسىدىن كېلىپ شىخۇغا ياردەم بېرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. بۇ پارتىزانلار ئەترىتى جانلىق ۋە ھەركەتچان پارتىزانلىق تاكتىكىلىرىنى قوللىنىپ، بورتۈڭگۈ  ئەنجىخەي ، ساۋەن ۋە ماناس قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايونلاردىكى قاتناش لىنىيىلىرى ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچ ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكىشى ئۈچۈن چوڭ قىيىنچىلىقلانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ پارتىزانلار ئەترىتى دائىم گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ ترانسپورت قىسىملىرىغا ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرەتتى. بىر قېتىم دۈشمەننىڭ قورال – ياراغ، ئوق – دورا ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى توشىغان 40 يۈك ماشىنىسىنى بىتچىت قىلىپ، بۇ ئەشيالارنى توشۇۋاتقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ ۋە بىر تۈركۈم قورال – ياراغ ۋە خام ئەشيالارنى غېنىمەت ئالىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسى بۇ پارتىزانلار ئەترىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم قوشۇن چىقىرىپ ئۇرۇشقان بولسىمۇ مەغلۇب بولىدۇ.

1946 – يىل ئاۋغۇستا ئىسھاقبېك قوماندانلىقىدىكى مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى جىڭغا ئومۇمىي يۇزلۇك ھۈجۈم باشلىغاندىن كېيىن ھۇجۇمغا بەرداشلىق بىرەلمەي شەرىققە چىكىنگەن گومىنداڭ ئارمىيىسنىڭ قىسىملىرى رەفىق بايچۇرىن پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قاشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرايدۈ.   

رەفىق بايچۇرىن مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي فرونت 1 – ئاتلىق  برىگادىسى 2 – ئاتلىق پولكىنىڭ پولك كوماندىرى. 1945 – يىل ئۆكتەبىردىن 1946 – يىل مايغا قەدەر تېكەس ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى، برىگادا كوماندىرى، 1946 – يىل مايدىن 1947 – يىل سېنتەبرگە قەدەر مىللىي ئارمىيە باش شتابىنىڭ ئوپېراتىۋ (оператив) بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. رەفىق بايچۇرىن 1948 – يىل ئۆكتەبرگە قەدەر ئالتاي ۋىلايىتىدە ئىنقىلابقا قارشى باندىتلارنى تازىلاش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىدۇ. 1948 – يىل ئۆكتەبردىن 1949 – يىل ئىيۇنغا قەدەر غۇلجا شەھەرلىك كومېنداتۇرانىڭ (گارنىزون – مۇداپىئە) باشلىقى ۋە مىللىي ئارمىيە باش شتابى رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1951 – يىل مارتقا قەدەر مىللىي ئارمىيە ھەربىي سوت رەئىسى، 1952 – يىل مارتتىن 1956 – يىل ئاپرېلغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5- كورپوسنىڭ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1954 – يىل سېنتەبردىن 1956 – يىل مارتقا قەدەر بېيجىڭدە جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى يۇقۇرى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.

رەفىق بايچۇرىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە مىللىي ئارمىيە قۇماندانلىق شتابى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم 1 – دەرىجىلىك « ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش » ئوردېنى ، بىر قېتىم 2-  دەرىجىلىك « ئازادلىق » ئوردېنى ، بىر قېتىم 2 – دەرىجىلىك «ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش» ئوردېنى ،بىر قېتىم « باھادىرلىق ئۈچۈن » مېدالى قاتارلىق ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئىستېداتلىق كوماندىر خەمىت ئەلىيوۋ

خەمىت ئەلىيوۋ 1918 – يىلى 23 – مارتتا قازاقستاننىڭ ئالدىقورغان ئۆلكىسى لېپسى رايونىدا كۆنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1926 – 1929 – يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا رۇسچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1929 – يىلى شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن. 1929 — 1934 – يىللىرى غۇلجا «نەمۇنە» مەكتىپىدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان. 1934 – 1936  – يىللىرىدا غۇلجىدىكى سودىگەر پرىكازچىك ۋە بوغالتىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1936 – 1939 – يىللىرىدا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن گېنېرال، پولكوۋنىك ۋە مايورلار ئىدى. 1937 – يىلى مايدىن دېكابىرغىچە جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئابدۇنىياز ۋە ماجۇڭيىڭنىڭ قالدۇق قوشۇنىنىڭ قوماندانى ماخۇسەن ئىسيانچىلىرىغا قارشى سوقۇشقا مەكتەپ بويىچە قاتنىشىپ ئۇدىلىيە كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇرۇشتىن قايتقاندىن كېيىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان. 1939 – يىلى يانۋاردا ئوفېتسىرلار مەكتىپىنى تاماملاپ، جاھانگىرلىككە قارشى ئارمىيىنىڭ 10 – ئاتلىق پولك 2 – ئېسكادروندا پورۇچىك دەرىجىسى بىلەن ۋىزۋود كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1940 — 1941 – يىللىرى شۇ پولكتا شتاب باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1941 – يىلدىن 1942 – يىل سېنتەبرگىچە شىنجاڭ ئالى ئوفىتسېرلار كۇرسىدا ئوقۇغان. بۇ مەكتەپتە ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ھەربىي ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتەتتى. 1942 – يىل ئىيۇلدا ئەلىيوۋ ناجىيە ئومەروۋاگە ئۆيلەندى. 1942 – يىل  سېنتەبردە كۇرسنى تاماملاپ، كاپىتان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 3 – ئاتقۇچى پولكىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. 1943 – يىلى گومىنداڭغا قارشى تەشكىلىي ھەركەتلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن بىللە تۈرمىدە ياتتى. 1944 – يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىدا خەلقنىڭ تەلىپى بىلەن تۈرمىدىن چىقتى. 1945 – يىلى يانۋاردىن سېنتەبرگىچە ئۈرۈمچى ئىتتىپاق سارىيىدا بوغالتىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1945 – يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ كاپىتان ئۈنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ سۈيدۈڭ 1 – ئاتقۇچى پولك 1 – باتالىيوننىڭ كوماندىرى بولغان. 1946- يىل فېۋرالدىن نويابىرغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى سوتنىڭ مەسئۇل كاتىپى بولغان. 1946 – يىلى 15 – نويابىردا مايور دەرىجىسى بىلەن ئۈرۈمچىدە مىللىي ئارمىيە ھەربىي تەمىنات باشلىقى ۋە ئارمىيە شتابىنىڭ رازۋېتكىسىدا ئىشلىگەن.1947 – يىلى ئاۋغۇستتا پودپولكوۋنىك ئەلىيوۋ تارغاباتاي 3 – ئاتقۇچى پولكىنىڭ كوماندىرى بولۇپ شۇ يىلى ئۆكتەبىردە باندىتلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1948 – يىلى نويابىردا مىللىي ئارمىيە تېكەس 1 – ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى بولغان. خەمىت ئەلىيوۋ 1 – دەرىجىلىك « ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش » ئوردىنى، 2- دەرىجىلىك « ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش » قاتارلىق ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان. 1950 – يىلى يانۋاردا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپۇس 13 – دىۋىزىيە شتاب ناچالنىكى( باشلىقى ) بولغان. 1951 – يىلى ئۆكتەبىردە شىنجاڭ ھەربىي رايون يۇقۇرى سىياسىي كۇرسىدا ئوقۇپ، 1952 – يىلى  نويابىردا كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل رېمونت زاۋوتىدا دىرېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.

باھادىر پولك كوماندىرى مەرغۇپ ئىسھاقوۋ

   گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوۋ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پارتىزانلىق ۋە مۇنتىزىم ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئالدىنقى سەپلەردە كوماندىرلىق ۋەزىپىنى ئۆتۈپ بۇ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇش تارىخىدا ئالاھىدە تۆھپىلەرنى ياراتقان مىللىي ئارمىيىنىڭ باھادىر كوماندىرلىرىدىن بىرى ئىدى.

گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ غۇلجىدىكى قالدۇق ئارمىيىگە ياردەم قىلىش يولىنى توساش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان ھەربىي ۋە ماددىي ياردەملەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىلى پارتىزانلار باش قۇماندانلىق شتابى 1944 – يىلى نويابىردا ھەيرانباغ، ئايرودروم ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىسىغا توپلىنىۋالغان گومىنداڭ ئارمىسىنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرىغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق «قورشاۋېلىپ ھۇجۇم قىلماستىن ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئالدى بىلەن قورغاس، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۈزدى. 1944 – يىل 20 – نويابىر سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىسى گېنېرال لېيتىنانت كوزلوۋنىڭ قۇماندانلىقىدا موگوتىنوۋ، ئىسھاقوۋ ۋە سەيت ئەخمەت ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى يەرلىك خەلقنىڭ زىچ ماسلىشىشى بىلەن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ قورغاس بازىرىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. تۆت سائەتلىك كەسكىن جەڭدىن كېيىن قورغاس ناھىيىسىنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەردىكى گومىنداڭ ھەربىي ساقچىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى.

قورغاس ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن پارتىزانلار ئەترىتى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، نويابرنىڭ ئاخىرى- دىن باشلاپ، غۇلجا ئايرودرومىغا قورشاپ ھۇجۇم  قىلىش جىڭى، كەڭساي ، چىلپەڭزە، سۈيدۈڭ ۋە كۈرەلەردىكى جەڭلەرگە قاتناشتى. سۈيدۈڭ پارتىزانلار ئەترىتى ئىلى ئاتلىق چوڭ ئەترىتى بىلەن بىرگە غۇلجا ئايرودرومىدىن قاچقان گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قوشۇننى پىلىچىدا تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.  1945 – يىل 8 – ئاپرېل مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا موگوتىنوۋ ۋە مەرغۇپ باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار چوڭ ئەترىتى سۈيدۈڭ 1 – ئاتقۇچى پولكى بولۇپ تەشكىللەندى. موگوتىنوۋ پولك كوماندىرلىقىغا، مەرغۇپ پولكنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەندى. بۇ چاغدا مەرغۇپ 22 ياشتا ئىدى. مەرغۇپ پارتىزانلار باش شتابى 1945 – يىل 9 – فېۋرال چىلپەڭزىدە ئاچقان تۈنجى ھەربىي كۇرستا ئوقۇغان.

شىخۇ ناھىيىسىگە ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلىنىشتىن ئىلگىرى چۆچەك 6 – ئاتلىق پولكى، موڭغۇل ئاتلىق دىۋىزىيونى، بىر قىسىم زەمبىرەكچى قىسىم ۋە سۈيدۈڭ 1 – ئاتقۇچى پولكى 1 – سېنتەبر چېپەيزىگە ھۇجۇم باشلاپ، 2 – سېنتەبىر چېپەيزىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 3 – سېنتەبر كونا شىخۇ ناھىيىسىنى ئىشغال قىلدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى، قوشۇمچە ئوتتۇرا فرونت قۇماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى پالىنوۋ باشچىلىقىدىكى ئوتتۇرا فرونت قۇماندانلىق شتابى سۈيدۈڭ 1 – ئاتقۇچى  پولكى، چۆچەك 6 – ئاتلىق پولكى ۋە موڭغۇل ئاتلىق دىۋىزىيونىنى شىخۇ ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئاساس كۈچ قىلىپ بەلگىلىدى. موگوتىنوۋ ۋە مەرغۇپ قوماندانلىقىدىكى سۈيدۈڭ 1- ئاتقۇچى پولكى چۆچەك– شىىخۇ يولىنى توغرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ

3500 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلاندى، پولكنىڭ ئاتلىق باتاليونى شىخونىڭ غەربىي تەرىپىدىكى يەتتە خۇرجا تەرەپتىكى چىگىشور كۆۋرۈگىنى كۆيدۈرۈپ، جىڭ ۋە شىخۇ ئارىلىغىدىكى تېلېفون لېنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى . ئاندىن شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەپ شىخونىڭ غەربىي ئىگىزلىگىگە جايلاشقان دۈشمەننىڭ 5 پوتىيىنى تارتىپ ئېلىپ، تاڭ ئالدىدىكى جەڭ ھازىرلىغىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۈردى.  4 – سېنتەبر تاڭ سەھەردە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى شىخۇ ناھىيسىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىدى. سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بىر تۈركۈم زەمبىرەكچى قىسىملىرى، برونېۋىكلىرى ۋە ھەربىي ئايروپلانلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن شىددەتلىك كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق شىخۇنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان گومنىداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ مۇداپىئە لىنىيىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ 8 – سېنتەبر شىخۇ ئىشغال قىلىندى. 

مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئۇرۇش تارىخىدا ئەڭ داڭلىق ئوپېراتسىيىلەرنىڭ بىرى بولغان شىخۇ ئوپېراتسىيىسىگە قاتناشقان موگوتىنوۋ ۋە مەرغۇپ قوماندانلىقىدىكى سۈيدۈڭ 1 – ئاتقۇچى پولكىنىڭ باتاليونلىرى شىخۇ جېڭىدە شىخۇ بازىرىنىڭ شىمالىي يان تەرىپىدىكى قارادۆڭدە گومىنداڭ ئارمىيىسى «مۇستەھكەم ئىستىھكام» دەپ قۇرغان 1 – مۇداپىئە لىنىيىسىگە 4 – سېنتەبر تاڭ سەھەردە تۈنجى بولۇپ ھۇجۇم باشلاپ، شىددەتلىك جەڭلەر ئارقىلىق 5 – سېنتەبر بۇ لىنىيىنى بىت – چىت قىلىپ، قارادۆڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ باشقا قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە دۈشمەننىڭ 2 – ۋە 3 – مۇداپىئە لىنىيىلىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ شىخۇ بازىرىنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن سۈيدۈڭ 1 – ئاتقۇچى پولكى قاچقان قالدۇق دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ زەربە بېرىپ شىخۇ ئايرودرومى، مايتاغ نېفت زاۋوتى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەنسىخەيگە يۈرۈش قىلىپ يەنسىخەي ۋە ساندىخوزىنى ئىشغال قىلىپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلدى. بۇ شىخۇ جېڭىدە دۈشمەننىڭ 900 دىن كۆپرەك ئەسكىرى يوقىتىلىپ، 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشتى. مىللىي ئارمىيىمۇ زور قۇربانلارنى بەردى. مىللىي ئارمىيىدىن 771 ئوفېتسىر- جەڭچى قۇربان بولدى. پەقەت سۈيدۈڭ 1 – ئاتقۇچى پولكىدىن 200 ئوفېتسىر ۋە جەڭچى قۇربان بولدى، 400 دىن ئارتۇق جەڭچى ئېغىر يارىدار بولدى. شىخو ئوپىراتسىيىسىدە سۈيدۈڭ 1- ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرىگە ئوخشاش مىسلىسىز قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى بۇ قىتىمقى ئوتتۇرا فرونت ( يۆلۈنۈش) ئوپىراتسىيىسىگە قاتناشقان قىسىملارنى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كوماندىر– جەڭچىلەرنى كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئوردېن ۋە مىداللار بىلەن مۇكاپاتلىدى. شۇ قاتاردا سۇيدۇڭ 1 – ئاتقۇچى پولكىغا 1- دەرىجىلىك « ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش » ئوردېنى بېرىلىپ پولك بايرىغىغا قادالدى. 400 دىن ئارتۇق جەڭچى ۋە كوماندىرلار 2 – دەرىجىلىك « ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش » ئوردېنى، « باھادىرلىق ئۈچۈن » ، « پىدائىلىق »  قاتارلىق ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلاندى.  

1945 – يىلى سېنتەبردە مەرغۇپ 1 – ئاتقۇچى برىگادىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەندى. 1946 – يىلى ئىيۇلدا 23 ياشلىق مەرغۇپ شىخۇ 1 – ئاتقۇچى پولكىنىڭ كوماندىرى بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تا 1949 – يىل دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە ئۇ ئۆز پولكىغا قوماندانلىق قىلىپ، مىلىىي ئارمىيىنىڭ باشقا پولكلىرى بىلەن بىللە ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا موستەھكەم ئىستىھكام قۇرۇپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ  ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆردى.

1948 – يىل 2- سېنتەبىردە شىنجاڭدا تىنچلىقنى ھىمايە قىلىش خەلقچىل ئىتتىپاقى مەركىزىي  تەشكىلىي ھەيئىتى يىغىن ئۆتكۈزۈپ مىللىي ئارمىيە ئىچىدە « ئىتتپاقى» نىڭ مىللىي ئارمىيە تەشكىلىي ھەيئىتىنى تەشكىل قىلىشنى قارار قىلدى، مەرغۇپ ئىسھاقوۋ ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

1949 – يىلى 17 – دېكابىر ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ۋە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ھەقىقەتكە قايتقان قىسىمىنىڭ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىدا مىللىي ئارمىيىگە ۋەكىل بولۇپ پولكوۋنىك مەرغۇپ ئىسھاقوۋ ئۆزىنىڭ قەھرىمان پولكى – شىخۇ 1 – ئاتقۇچى پولكىنىڭ ئالدىدا جەسۈرانە مېڭىپ ھەربىي پاراتتىن ئۆتتى. پولكونىك مەرغۇپ ئىسھاقوۋ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن «ئازادلىق»، «ئىستىقلالىيەت»، «ساداقەتلىك»، «پىدائىي»، « باھادىرلىق ئۈچۈن» قاتارلىق ئوردىن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان.

1949 – يىلى 20 – دېكابىر جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيسىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپۇسقا  ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە رەسمىي بۇيرۇق ئېلان قىلىدى. دەل شۇ كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماۋزېدوڭ 5 – كورپۇسنىڭ رەھبەرلىكىنى تەيىنلەش بۇيرۇقىدا پولكوۋنىك مەرغۇپ ئىسھاقوۋنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە شتاب ناچالنىكلىكىغا (باشلىقلىقىغا) تەيىنلىدى . رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ بويرۇقى تۆۋەندىكىچە ئىدى: «

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلار كومتىتىنىڭ بويرۇقى

فادىيوۋ. ئىۋان. لېسكىن جوڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5- كورپوسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

دۇن شىڭيۇن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپوسنىڭ سىياسى كومىسارلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

مەرغۇپ ئىسھاقوۋ جۇڭگو خەلق .ئازادلىق ئارمىيىسى 5 كورپوسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىغا ، قوشۇمچە شتاپ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

زاھىر ساۋدانوۋ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپوسىنىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومسارلىقىغا 

تەيىنلەنسۇن.  

باۋدۇن نورىيوۋ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 – كورپوسىنىڭ سىياسىي بۆلۈم مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنسۇن.

رەئىس ماۋزېدۇڭ

1949 – يىل 20 –  دىكابر »   

كېينىكى يىللاردا مەرغۇپ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. 1955 – يىل  29 – سېنتەبردە جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پولكونىك مەرغۇپ ئىسھاقوۋقا گېنېرال مايورلۇق ئۈنۋانى بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1 – دەرىجىلىك « ئازادلىق» ئوردىنىغا ئېرشتى. ھەربىي ئۈنۋان بېرىش بويرۇقى تۆۋەندىكىچە ئىدى: «

ھەربىي ئىنۋان بېرىش بويرىقى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن شتات باشلىقى

مەرغۇپ ئىسھاقوۋقا گېنېرال مايورلۇق ئۈنۋانى بىرىلدى.

                                                                                                     گوۋوىيۋەن زوڭلىسى جوئىنلەي 

                                1955- يىل 29 – سىنتەبر »  

1957 – 1959 – يىللاردا گېنېرال مەرغۇپ  خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھەربىي ئاكادىمىيىسىدە ئوقىدى.

1960- يىل 31 –  دىكابردا گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوۋ  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەسدىقلىشى بىلەن جۇڭگو موھاجىرى سالاھىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتتى. مەرغۇپ ئىسھاقوۋ 1923 – يىلى دۆربىلجىنىدە مورۇپەتپەرۋەر، سودا- سانائەتچى تېمورغەلى ئىسھاقوۋ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،  1992- يىلى ئالماتىدا ۋاپات بولدى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەزىمەت ئوفېتسىرى نازىم بىكېيىۋ

       مىللىي ئارمىيىنىڭ ئىسكادرون كوماندىرى نازىم بىكېيىۋ چۆچەك شەھرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئىنىسى نايىپ بىلەن ئانىسىنىڭ يېنىدا تەربىيىلەنگەن. نازىم دەسلەپتە سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ يېنىدىكى رۇس باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇدى. كېيىن ئىنىسى نايىپ بىلەن بىللە چۆچەك شەھەر ئىچىدىكى رۇس مەكتەپتە ئوقۇدى. 1939 – 1940 – يىللىرى نېفت ماكانى مايتاغدا ئىشلىدى. كېيىن ئۈرۈمچى يېنىدىكى مەيدان دېگەن زاۋوتتا ئىشلىدى. 1944 – يىلى ئالماتىدىكى ھەربىي كۇرسنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى گېنېرال پالىنوۋ يېنىدا ئېچىلغان كومېندانت ئىسكادرونىدا ۋىزۋوت ۋە ئىسكادرون كوماندىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1945 – يىلى چۆچەكتە تولۇقلاندۇرۇلغان دىۋىزىيونغا باشلىق بولدى. گېنېرال پالىنوۋنىڭ قوماندانلىقىدىكى دەھشەتلىك شىخۇ ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئەڭ قىيىن ئورۇنلاردا، تىببىي  بۆلۈملەردە ۋە ئاكوپلاردا ئەسكەرلەر بىلەن بىللە بولدى. ئۇنىڭ قىسىمى شىخۇ ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي جىڭدىن قاچقان بىر تۈركۈم گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. ۋاقىتلىق ھەربىي دوختۇرخانىنى (گوسپىتال) ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولغان قانلىق جەڭگە يېتەكچىلىك قىلدى. قارا ئۆتكەلدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىقىپ قىلىپ ئوق يامغۇرى ئاستىدا قالدى. نازىم ئاتلىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە بېشىدىن قاتتىق يارىدارلاندى. ھەمشىرە فازىيە ئىسكادرون ھەمشىرەسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نازىمنى جەڭ مەيدانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن نازىم قۇربان بولدى. ئۇ قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى گېنېرال پالىنوۋ دوختۇرخانىغا كېلىپ نازىم بىلەن ئاتىلارچە ۋىدالاشتى. نازىم سەپداشلىرى تەرىپىدىن ئاپتومات، مىلتىقلاردىن ئېتىلغان ساليۇتلار بىلەن ھۆرمەتلىنىپ دەپنە قىلىندى.

قارا ئۆتكەلدىكى سوقۇشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسىدە نازىمنىڭ ئىنىسى نايىپ ئېغىر يارىلىنىپ قالغانلىقتىن ئاكىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشالمىدى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ قەيسەر ھەمشىرىسى فازىيە كەرىموۋا

مىللىي ئارمىيىنىڭ پورۇچىك ئوفېتسىرى ھەمشىرە فازىيە كەرىموۋا چۆچەكتە گىمنازىيىنى (ئوتتۇرا مەكتەپنى) پۈتتۈرگەندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدى. كېيىن ئۈرۈمچى شەھرىدە قىزلار يۇقۇرى گىمنازىيسىدە ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن چۆچەك گېزىتخانىسىدا كوررېكتورلۇق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1945 – يىلى 20 – ئاۋغۇستتا شەرقىي تۈركىستاندا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشتى. شۇ كۈندىن باشلاپ 1946 – يىلى 30 – ئىيۇلغا قەدەر ئوتتۇرا فرونت بويىچە مىللىي ئارمىيە ئالدىنقى سېپىدە بويىچە كومېندات دىۋىزىيونىنىڭ ئىسكادرون ھەمشىرىسى بولۇپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىدى. بۇ دەۋردە ئۆزى ئىشلىگەن ھەربىي بۆلۈم بىلەن بىللە ئۇلانبۇلاق، چېپەيزى، كونا شىخۇ، شىخۇ ۋە قارا ئۆتكەل قاتارلىق يەرلەردىكى سوقۇشلارغا قاتنىشىپ، بۇ سوقۇشلارنىڭ بارلىق جاپا – مۇشەققەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ كۆپلىگەن يارلانغان ئوفېتسىر – جەڭچىلىرىنى جەڭ مەيدانىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، تىببىي ياردەملەرنى بېرىپ خىزمەت كۆرسەتتى. ئىسكادرون ھەمشىرىسىنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن فازىيە قارا ئۆتكەل ئۇرۇشىدا ئېغىر يارىدارلانغان ئىسكادرون كوماندىرى نازىم بىكېيىۋنى شىددەتلىك ئېتىشلار بولۇۋاتقان جەڭ مەيدانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.

       بۇنىڭدىن باشقا يەنە تىف كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلانرنى بالنىتسىدا ياخشى كۈتۈپ ئۇلارنىڭ تېزرەك ساقىيشى ئۈچۈن ھەسسە قوشتى. يەنە ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنى دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا قاتناشتى. شۇنداق مۇشەقەتلىك خىزمەتلەر ئارىسىدا ئۆزى بوتكىنا (боткина) كېسىلى بىلەن ئاغرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە شىخۇ گوسپىتالىدا، كېيىن غۇلجا گوسپىتالىدا داۋالاندى. غۇلجىدىكى كېرەكلىك دورىلار يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك گېنېرال پالىنوۋنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن گنېنرال زۇنۇن تېيىپوۋ ئۆزى بىلەن بىللە چۆچەككە ئېلىپ كەلدى. 20 كۈن داۋالانغاندىن كېيىن 1945 – يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە چۆچەكتە يارىلانغانلارغا قارايدۇ. گېنېرال زۇنۇن تېيىپوۋنىڭ بۇيرۇقى بىلەن «موتوروتا» روتىسىنىڭ ( چۆچەكتىكى تاتار ياشلىرىدىن تۈزۈلگەن روتا ) يارىلانغان ئىزۋود كوماندىرى غالىمجان دومىنوۋنى ئاتلىق ھارۋا بىلەن بەش- ئالتە كۈن يول يۈرۈپ باش شتاب ئارقىلىق بالنىتسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن 1945 – يىلى 31 – دېكابىردا شىخەنزىدىكى ئۆزىنىڭ دىۋىزىيونىغا قايتىپ كەلدى. فازىيەنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم « پىدائىي » مېدالى ۋە پاگونىغا ئىككى توچكا قوشۇلۇپ مۇكاپاتلاندى ھەمدە ماددىي بۇيۇملار بېرىلدى.

1946 – يىلى يازدا كومىندات دىۋىزىيونى تارقىتىلغاندىن كېيىن، 1946 – يىلى ئىيۇلدا گېنېرال پالىنوۋنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئارمىيدىن بوشاپ چۆچەككە قايتىپ كەلدى. شۇ يىللاردىكى ئېغىر، مۇشەققەتلىك ھەربىي تۇرمۇشتىن بوشاپ چۆچەك شەھرىدە مەمۇرىي ئىشلارغا قاتناشتى.

ئەسكەرتمە :

        ئايتوغان يۇنىچىۋ، مالىك گىمادىيوۋلار ھەققىدە تولۇق ماتېرىيال بولمىغانلىقى ۋە ئەسئەت ئىسھاقوۋ ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىدە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ماقالىدە ئۇلار ھەققىدە يېزىلمىدى.      

         ___________________

پايدىلانغان كىتابلار: 

            « ئەخمەتجان ئەپەندىنى ئەسلەيمەن » (  1- كىتاب )، ماھىنۇر قاسىم ، مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 2014 – يىل 8 – ئاي 1- نەشرى 

           « دادا ئەۋلادلىرىمىز » ( خەنزۇچە ، فوتو سۆرەتلىك تەرجىمىھال كىتاپ )، باش تۈزگۈچى: ليۇ شياڭ خۇى ، مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 2010 –  يىل 1- ئاي 1 – نەشرى 

« شانلىق مىللىي ئارمىيە » (خىتايچە) ، ۋېي جىۋاڭ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئەدەبىيات- سەتئەت نەشرىياتىنىڭ 1915 – يىل 1- ئاي نەشرى

« شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى » (16) ،( شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قىرىق يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۈس سان، بۇ ساندا ساۋدانوۋ زايىرنىڭ « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت ئەھۋاللار ھەققىدە ئەسلىمە » ۋە ياسىن خۇدابەردىنىڭ :  « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدە »، قوربان ئېلى ئوسمانوۋنىڭ « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە ئەسلىمە »، ئىسمائىلوۋ مەھەممەتنىڭ « ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە 1 – سۈيدۈڭ پىيادە پولكىنىڭ دۇنيا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولى توغرىسىدا ئەسلىمە » قاتارلىق ماقالىلار بار. ) جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى ش ئۇ ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتىرىياللار تەتقىقات ھەيئىتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 5 198 –  يىل 1 – ئاي 1 – نەشرى      

« شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » ، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومىتېتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1995 – يىل 8 – ئاي 1 – نەشرى  

           « شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر »، شېرىپ نىياز خۇشتار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 2003 – يىل 1 – ئاي 1 – نەشرى

« شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى » (خىتايچە) ، دۇ روڭ كۈن، جى دا چۈن ، رىېن ىي فيېن، ليۇ ۋىن يۋەن، جۇڭگو ئېجتىماىي پەنلەر نەشرىياتىنىڭ 2013 – يىل 9 – ئاي نەشرى  

« مەن شاھىت بولغان ئىشلار » ، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ 2005- يىل 6 – ئاى نەشرى 

« ئۆمۈر داستانى » (ئەسلىمە2)،  سەيپىدىن ئەزىزى، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1990 – يىل 12 – ئاي 1 – نەشرى

« ۋەقەلەر خاتىرىسى » (سىلاۋيان يېزىقىدىكى  تاتارچە)، رەيىف بېكبايېۋ، ئالماتا، 2004 – يىل نەشرى

« ئىلى قوزغىلىڭى » (ئىنگلزچە ) ، لىن دابېن سان ( LINDA BEN SON ) ، An East Gate Book نىڭ 1989-  نەشرى 

                                                                                                                                                     2016- يىلى

Share
6134 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.