logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا

 

1.«خىتاينىڭ چەت-ياقا ئۆلكىسى تولۇق مۇستەقىللىق ۋە ئىسلاھات تەلەپ قىلىدۇ»

پەگىي پاركىر

1947-يىلى 13-ئۆكتەبىر

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى

غۇلجا، شىنجاڭ ئۆلكىسى، خىتاي


1947-يىلى، ئاي-يۇلتۇزلۇق جۇمھۇرىيەت بايرىقى ئېسىلغان غۇلجا كوچىلىرى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى كەڭ ۋە چەت بۇ چېگرانىڭ ئىلى رايونى يولباشچىلىرى تولۇق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماقتا ۋە ئەگەر خىتاي بۇنى تېزدىن كاپالەتكە ئىگە قىلمىسا، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 

بۇ رايون ئاساسەن تۈركىيلەردىن تەركىب تاپقان ئاسىيا قان سېستىمىسىدىكى ئارىلاشما ئىرققا تەۋە 750 مىڭ نوپۇسقا ئىگە. ئۇنىڭ پايتەختى بولغان غۇلجا شەھىرى «ئىلى» ياكى «يىنىڭ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سوۋېت روسىيەسى چېگرىسىدىن 60 مېل ئۇزاقلىققا جايلاشقان. بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق يولباشچىلىرىنىڭ بىر قىسىمى روسىيەدە تۇغۇلغان ياكى تەربىيەلەنگەن. بۇ جايدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سوۋېت ۋەتەنداشلىقى بار.

 

ئىلى خەلقى 1944-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىككى يىلدىن ئارتۇق قانلىق ۋە جاپالىق كۈرەش قىلدى. ئۇلار 1946-يىلى تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۇرغۇن يول قويۇشلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، مۇختارىيەتكە نائىل بولالمىدى. شۇندىن كېيىن ئۇلار كېلىشىمنى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۆز ئارمىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بۇ رايونغا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە داۋاملىق تۈردە سودا قىلىپ كەلگەن ساناقلىقلا كىشىلەردىن باشقا بارلىق خىتايلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. غۇلجىدىن 350 مېل شەرققە جايلاشقان شىنجاڭ ئۆلىسىنىڭ پايتەختى دىخۇا شەھىرىدە خىتاي بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا. بۇ مۇزاكىرىلەر يېقىندىن بۇيان بىر ئىزىدا توختاپ قالغان بولۇپ، ئىلى تەرەپنىڭ موسكۋادا تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇر سۆزچىسى ئەخمەتجان قاسىموۋ ئىلىغا قايتىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇ روسلاشقان ۋە ھەربىيلەشگەن پايتەختكە تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا خالىغان جايدا كېزىش ۋە خالىغان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئەركىنلىكى بەردى.

 

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئاتلىق قىسىملىرى مەشىق ئۈستىدە

دىخۇادا خىتاي ھەربىي كوماندېرى سۇڭ شىليەن شەرقىي خىتايدىن ئايروپىلان بىلەن توشۇپ كېلىنىۋاتقان ھەربىي لازىمەتلەر بىلەن ئۆز ئارمىيەسىنى يېڭىلاۋاتاتتى. چاتاق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىخۇا كوچىلىرىدا ئۇنىڭ مىلتىقلىق ئەسكەرلىرى چارلاپ يۈرەتتى. غۇلجىدا بولسا قوزغىلاڭچىلار «ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، ناھايىتى مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ» دەپ ئوچۇق ئېيتىشاتتى. مەن سۆزلەشكەن نۇرغۇن كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن بولسىمۇ، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى بىردەك ئىدى. ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى بولسا «خىتايدىن روس ياخشىراق» دېگەنلىك ئىدى. 1946-يىلىدىكى تېنچلىق بىتىمىدىن كېيىن ۋاقتنى سوزۇش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئىلى تەرەپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دىخۇادا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىنى يوققا چىقاردى ۋە ھازىر كۆپ ساندىكى خىللانغان ئاتلىق ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ماختىناتتى. ئۇلارنىڭ قوماندانى ئىسھاقجاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئىسھاقبېك بولۇپ، روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قاراقولدا تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ باش قوماندانلىقتىكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن «ئاممىنىڭ سايلىشى» بىلەن ھازىرقى ئورنىغا تەيىنلەنگەن ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكى سۇڭ شىليەننىڭ قولىدا بولسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن بېرمادىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان 10مىڭ كىشىلىك گارنىزون قىسىم بار ئىدى. مەن سۆھبەتلەشكەن ئىلى خەلقى ئۇلارنىڭ قوماندانى ئىسھاقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ھېچ قىينالماستىنلا ھەل قىلغۇچ ھۇجۇم قوزغىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار چاتاقنىڭ نەنجىڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە 1300 مېللىق ئارىلىقتىن قۇرۇقلۇق ياكى ھاۋا يولىدىن بېرىدىغان ھەربىي ياردىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.

 

ھاۋا ئارمىيەسىگە كەلسەك، مەن غۇلجىدىكى بىر تۈزلەڭلىكتە ئالتە دانە روسىيەدە ئىشلەنگەن قوش ماتورلۇق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ يوشۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. ئىلى ئەسكەرلىرى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ياكى يەردە باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ئايروپىلانلارنىڭ ياخشى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى 1939-يىلى بۇ ئايروپىلانلارنى روسىيەدىن سېتىۋالغان بولۇپ، كېيىن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئولجا ئالغان ئىكەن.

 

مەن سۆھبەتلەشكەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىچىدە كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ئەپلىشىشتىن شەپە بەرگەن كىشىلەر پەقەتلا سىياسىي رەھبەرلەر بولۇپ، ئۇلار «يۈزدە توقسەن مۇختارىيەت بولسا، مۇخالىپلار تىنجىيدۇ» دەيتتى. دۇكاندارلار، ئائىلە ئاياللىرى ۋە موزدوزلارغا ئوخشىغان كىشىلەر بولسا خىتايلاردىن تولۇق ئايرىلىشتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆزلىرىنى رازى قىلالمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇراتتى. بۇنداق كىشىلەردىن بەزىلىرى 1946-1944 يىللىرىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى ئۈچۈن مېداللار بېرىلگەن ئىدى.

 

ھەممە ئۆزلىرىنىڭ تېكساس ۋە كالىفورنىيەنىڭ يەر مەيدانىغا تەڭ بولغان دۆلىتىگە قويۇلىدىغان ئىسىمدا بىردەك ئىدى. «بىز ئۇنى تۈركىستان دەپ ئاتايمىز» دەيتتى ئۇلار. بۇ ئىسىم خىتايلار بۇ جاينى شىنجاڭ ئۆلىسى دەپ ئاتاشتىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا قوللىنىلىپ كېلىنگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى رەھبەرلىرى ۋە ئەسكەرلىرى

 

مەن بىر قانچە ھەربىي ھەمشىرە ۋە يېنىك قوراللانغان پىيادە قىسىم ئايال ئەسكەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. ئۇلاردىن بەزىلىرى يىپەك پايپاق كىيگەن، لەۋسۇرۇق ئىشلەتكەن ۋە تىرناقلىرىغا لاك سۈرگەن ئىدى. گەرچە قوزغىلاڭ بىر يىل بۇرۇن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئۇلار ھېلىھەم ئالتۇن رەڭ زىغزىق تۇتۇلغان قىزىل پاگون تاقىغان، زەيتۇن رەڭلىك فورما، قېنىق كۆك رەڭلىك ھەربىي يوپكا ۋە سىپانكا دوپپا كىيگەن ئىدى.

«بىز ئىسلاھات ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق» دېدى 22 ياشلىق چىرايلىق قىز لېتىنانت راۋزا كيېپوۋا، «خىتايلار بىزگە تولىمۇ زالىم ئىدى». «بىز مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق» دېدى لېتىنانت شەفىيە ھافىزوۋا. گېنىرال ئىسھاقنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلغان بۇ قىزلار ئون مىنۇتتىن كېيىن ھەربىي لاۋازىملار تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېتىلدى. ئۇلار قىسىملىرىغا قايتىشتىن بۇرۇن قاتار تىزىلىپ ماڭا بىردەك چاس بېرىشتى.

 

كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، غۇلجىدا ياشاۋاتقان 4000 خىتاي پۇقراسىنىڭ كۈنى ھەر قايسى جەھەتتىن تەس ئىدى. ئۇلار شۇنچىلىك ئەرزان باھالىق مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرەتتىكى، ھەتتا شاڭخەيكى بىر مەدىكارمۇ بۇ جايدا پۈتۈن ئائىلىسىنى بېقىپ كېتەتتى. ئۇلار مەكتەپلەرگە بارالايتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ گېزىتىمۇ بار ئىدى. ئۇلار تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلالايتتى. ئۇلار ئېرىشەلەيدىغان ئېتىبارلار مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇجايدىكى باشقا مىللەتلەر خىتايلارنى ياتلار دەپ قارايتتى. خىتايلار شەھەرنىڭ ئەڭ نامرات جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قارىماققا چۈشكۈن، چەتكە قېقىلغان ۋە شۈبھىلىك ئىدى. « خىتايلار بۇ جايدا خوجايىن چاغلاردا بىزنى ئۆزلىرىدىن پەس ئورۇندا تۇرىدىغان چۈپرەندىلەر دەپ ھېسابلايتتى» دېدى روس مىللىتىدىن بولغان بىر قىز، « مانا ھازىر ئۇلار ئۆزلىرىگە لايىق ئورۇنغا قويۇلدى». ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ئوۋىر ئەپەندى (ئەنۋەر مۇساباي بولسا كېرەك)  «خىتايلار بۇ جايدا باشقىلارغا ئوخشاش ھوقۇقلارغا ئىگە» دېدى. ئەمما بۇنى ئىسپاتلىغۇدەك پاكىت يوق ئىدى. (تۈگىدى)


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئۈشبۇ ماقالە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پەگىي پاركىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى خاتېرىسىنىڭ بىر قىسىمىدىن ئىبارەت. پەگىي پاركىر 1947-يىلى ئىيۇل ئايلىرى ئۈرۈمچىدىكى چېغىدا، ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۈچ پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى بىلەن شۇ يىلى ئۆكتەبىردە غۇلجىغا يۈرۈپ كەتكەن. ئۇ غۇلجىدىن يېزىپ ئەۋەتكەن زىيارەت خاتېرىلىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىق تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ-كىچىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئامېرىكا جامائىتى ۋە سىياسىيونلىرىغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. 

مەزكۈر ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

2.«خىتاي ۋەكىللەر جەم بولغاندا بومبا ۋەھىمىسىدىن گۈل تەشتەكلىرىمۇ تەكشۈرۈلدى»

درېيك ۋولدو

لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى ئاسىيا شۆبىسى

نەنجىڭ، (1946)-يىلى 16-نويابىر

 


تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

خىتاي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتىيى ھال، كۆك ۋە ئاق رەڭلىك تەشتەكلەرگە قاچىلانغان ۋە ھۈپپىدە ئېچىلغان ياسىمەن گۈللىرى ئىچىدە چاقىرىلدى. لېكىن ھەر بىر تەشتەك گۈل مىنا تەكشۈرگۈچ بىلەن بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، ئاندىن بۈگۈن ئېچىۋېتىلگەن يىغىن زالىغا كىرگۈزۈلۈشكە رۇخسەت قىلىنىۋاتاتتى. شۇنداقلا ھەر بىر ۋەكىل، كۆرۈرمەن ۋە مۇخبىرلارمۇ شۇ تەرىقىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى. نېمىلا بولمىسۇن، تېنچ ۋە قاتمال يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يىغىنغا خەلقچىللىق (دېموكراتىيە)نىڭ توپ ئوقى ئېتىلدى. بۇ توپ ئوقى چەت ياقا شىنجاڭ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن تولۇق مۇختارىيەت تەلىپى شەكلىدە ئېتىلغان ئىدى. بۇ ئۇچۇر 21 كىشىلىك شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن 18 ئۇيغۇر تۈرك ۋەكىلىنىڭ بىرىدىن كەلگەن ئىدى.

 

بىتىم ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىكەن

ئەسلىدە خىتاينىڭ سىياسىي سېستىمىسىدىكى بۇ ئىنقىلاب خارەكتېرلىك ئۆزگىرىش بۇ گىگانت مەركىزىي ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمان يەرلىكلەرگە ئالدىنقى يىلىنىڭ 6-ئىيۇنىدا دىخۇا (ئۈرۈمچى) شەھىرىدە گېنىرال جاڭ جىجۇڭ بىلەن ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىكەن. بۇ كېلىشىم خىتاي ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلۈشتىن بۇرۇنلا شىنجاڭغا خەلقچىل (دېموكراتىك) مۇختار ھاكىمىيەتنى ۋەدە قىلغان ئىكەن. شىنجاڭنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ياش رەھبىرى ۋە شىنجاڭنىڭ رەئىس ئورۇنباسارى ئەخمەتجان قاسىموۋ تەرىپىدىن سۇنۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتى جەريانىدا ئەخمەتجان ئەگەر خەلقچىل (دېموكراتىك) باراۋەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولسا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان خەلقى خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

“باراۋەر مۇئامىلە”

“بىز مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە بارمىساقمۇ بولىدۇ” دېدى ئۇ، “خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسا شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. لېكىن، ئەگەر مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلسا، گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) چوقۇم بىزگە باشقا ئىنسانلار بىلەن تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك“.شىنجاڭدا ھازىر خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەخمەتجان “بۇ خىل تونۇقۇشلارنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا زور ساندا ئەسكەر يۆتكەش ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۈرگەن ناھايىتى ئېغىر ھەربىي مۇھاسىرىسىدىن كېلىپ چىققان“لىقىنى تەكىتلىدى.

 

سۇقۇنۇپ كىرگۈچىلەر ئەيىپلەندى

ئۇ يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ)نىڭ نامراتلىق ئىچىدىكى ئۆلكىدە ئاسايىشلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە “گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ)نىڭ خەلقىمىزنى بۆلۈش ۋە يەرلىكلەردە زىددىيەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن تەتۈر ئامىللارنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان»لىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى. ئەخمەتجان يەنە “لېكىن بىز غۇلجا ھۆكۈمىتى (غەربىي شىمالدىكى يەرلىك قوزغىلاڭچىلار رايونى) دە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە خەنلەر (يەرلىك خىتايلار) بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. يېقىندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدا سۈركۈلۈشلەر ۋە بەختكە قارشى ئۆلۈملەر مەيدانغا كەلدى. ئەمما بۇ يەرلىك خەلقنىڭ خەنلەرنى شىڭ شىسەينىڭ ۋەكىللىرى دەپ قارىغانلىقىدىن بولدى” دېدى. (شىڭ شىسەي ئۆلكىنى ئون يىلغا يېقىن ۋاقت شۇ قەدەر رەھىمسىزلەرچە باشقۇرغان پۇرسەتپەرەس بولۇپ، ئۇ 1944-يىلى خىتايغا كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ تەلىپى بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سوتلىنىشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى).

“شىڭ شىسەينى شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن سوتلاشقا كەلسەك، بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىز بىر كىشى ياكى بىر گۇرۇھنى سوتلاش بىلەن ھەل بولمايدۇ” دەپ تەكىتلىدى ئەخمەتجان. “ئۇنىڭغا قارىغاندا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋە ھەربىي باستۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن ئەسلىگە كېلىدۇ“.

 

سىياسىي مەھبۇس

ئەخمەتجان چىنى تۈركىستاندا تېنچلىق ۋە ئاسايىشلىقنىڭ گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) تۆۋەندىكى بەش خىل ئسىلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىر بولمىغىچە ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. بۇلار مىللىي باراۋەرلىك، يەرلىك سانائەتنى ئالغا سۈرۈش، ئۆلكىنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل «بېسىشى»نى توختىتىش، يەرلىكلەرگە سودا قىلىش ھوقۇقى بېرىش، شىنجاڭنىڭ يوقنىڭ ئورنىدىكى تاشيوللىرىنى ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئەسلى شىڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچى ۋە چۆچەكتىكى تۈرمىسىدە يەتتە يىل ياتقان بىر سىياسىي مەھبۇس بولۇپ،  1944-يىلى سېنتەبىردە قويۇپ بېرىلگىچە ئۆزىنىڭ ئاۋۋال شىڭ شىسەي، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەن ئۆلكە رەئىسى ۋۇ جۇڭشىننىڭ قايتا-قايتا قىيىن قىستاقلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەخمەتجان شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۈچ باي رايون، يەنى ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاينى خىتاي قولىدىن يۇلۇپ ئالغان مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى- يەنى ئاتالمىش غۇلجا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان چاغقا توغرا كەلگەن پەيتتە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. ئۇلار ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا ئۈرۈمچىدە كېلىشىمگە قول قويغان بولسىمۇ، ھېلىھەم بۇ رايونلارنى تولۇق باشقۇرۇپ كەلمەكتە.

 

«لوس ئانجېلىس ۋاقت گېزىتى»نىڭ 1946-يىلى 17-نويابىردىكى سانىدىن


مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

مەزكۇر ماقالە ئاپتورى درېيك ۋولدو ئامېرىكا «لوس ئانجېلىس ۋاقتى» (Los Angeles Times) گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقتتا شاڭخەي ۋە نەنجىڭدىن خەۋەر يوللىغان. ئۇ 1945-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت خەۋەرلەرنىمۇ يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىگىمۇ كېلىپ زىيارەت قىلغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋە نەنجىڭدە ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ۋە ۋەتەننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خەۋەرلىرى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرگە بېسىلىپ تۇرغان.

 

مەزكۇر ماقالىنىڭ «لوس ئانجېلىس ۋاقتى»گېزىتىنىڭ 1946-يىلى 17-نويابىردىكى سانىغا بېسىلغان ئەسلى نۇسخىسى

 

 

https://www.akademiye.org/ug/?p=157343
Share
3801 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.