logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا -4

 

 

روسلار ئاسىيادىكى ھالقىلىق جايلاردا ئۈستۈنلۈك ئىگەللىمەكتە

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ سانائەت رايونلىرىغا كېلىدىغان تەھدىتتىن ئەندىشە ئىچىدە؛ خىتايغا ئۇتتۇرۇپ قويۇش يېڭىچە تاجاۋۇز لېنىيەسىگە يول ئاچىدۇ.

مۇھەررىرنىڭ ئىزاھاتى- لوس ئانجېلىس ۋاقت گېزىتى ئاسىيا شۆبىسىدىن درېيك ۋولدو ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان خىتاينىڭ غەربىي شىمال ئۆلكىسى شىنجاڭغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى چەتئەللىك مۇخبىردۇر. ئۇ بۇ جايدىكى بوستانلىق، تاغ-ئىدىر ۋە چۆللەرنى بەش ھەپتە كېزىپ، مۇشۇ گېزىتنىڭ 3-بېتى 1-بۆلىكىگە بېسىلغان سۈرەتلەرنى تارتىپ كەلدى.


تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

درېيك ۋولدو (Drake Waldo) ، لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى ئاسىيا شۆبىسى

 

دىخۇا (ئۈرۈمچى) (شىنجاڭ ئۆلكىسى، خىتاي) – قارىغاندا مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىغا جايلاشقان بۇ جايلىرىدا كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەر ئاسىيانىڭ، ھەتتا دۇنيانىڭ تېنچلىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر شىنجاڭ (تېخىمۇ كۆپرەك چىنى تۈركىستان دەپ تونۇلىدۇ) خىتاينىڭ بىر ئۆلىسى بولۇپ قېلىۋېرىدىكەن، «ئۇرال-كۇزنېتسك-قاراغاندا» (Ural-Kuznetsk-Karaganda) سانائەت ئېمپىرىيەسىنىڭ روسىيەنىڭ بىپايان زىمىن  ئارتۇقچىلىقى بىلەن ھۇجۇم خەۋپىدىن خالىي بولۇشى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر خىتاي بوستانلىق، يېشىل ئېدىرلىق ۋە تاقىر تاغلاردىن تەركىب تاپقان بۇ كەڭ زىمىندىن ئايرىلسا، غەربنىڭ بىۋاستە تاجاۋۇزىغا ئوڭچە قالىدۇ. ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى گېنىرال جاڭ جىجۇڭ مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلارنىڭ پايتەختى غۇلجا شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندا، سوۋېت كونسۇلى گرىگورىي سېرگېيىۋىچ دوباشىن (г.С.Добашин) بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا چىنى تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى «سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق» دەپ كۆرسەتكەن. كونسۇل دوباشىننىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا خەرىتىسىگە شۇنداقلا بىر قاراش كۇپايە. «ئۇرال-كۇزنېتسك-قاراغاندا» سانائەت تورىنىڭ جەنۇبىي ئۇچى بولغان قاراغاندا (ھازىر قازاقستان چېگرىسىدە) شىنجاڭ چېگرىسىگە جايلاشقان چۆگۈچەك (چۆچەك) نىڭ 500 ھاۋا مېل غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. كۇزنىتسك ئويمانلىقىدىكى كۆمۈر-تۆمۈر-پولات سانائەت رايونىنىڭ جەنۇبىي ئۇچى بولغان ستالىنسك (Stalinsk) شىنجاڭنىڭ شىمالىي ئۇچىدىكى شاراسۈمە (سارسۈمبە) نىڭ 400 مېل شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.

 

بۇ جاينى مۇسۇلمانلار كونترول قىلىدۇ

شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى مۇنبەت ئىلى دىيارىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك شەھەر غۇلجا، تارباغاتاينىڭ مەركىزى چۈگۈچەك (چۆچەك) ۋە ئالتاي دىيارىنىڭ مەركىزى شارسۇمە (سارسۈمبە) قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قىممەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، 1946-1944 يىللىرى پارتىلىغان قانلىق قوزغىلاڭدا خىتاي ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلغان تۈركىي تىللىق يەرلىك مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ئىدى. گەرچە قوزغىلاڭچىلار ئالدىنقى يىلى ئىيۇندا ئىمزالىغان تېنچلىق بىتىمىدە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، غەربىي شىمالدىكى قازاقستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋە ناھايىتى باي بولغان ئۈچ ۋىلايەتتە خىتاينىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى ياكى مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇش رايونلىرىغا خەۋپ يەتكۈزەلەيدۇ دەپ قارىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ بۇ پارچىسى، ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربىي شىمالدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى» دىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، قىرغىز مۇسۇلمانلار خوشنىسى قازاقستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. قازاقىستاننىڭ پايتەختى بولغان ئالما ئاتا بولسا بىر زامانىۋىي شەھەر بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدا بولغان يالغۇز شەھەر قەدىمىي دىخۇا (ياكى ئۈرۈمچى) شەھىرىگە كۆلەڭگىسىنى تاشلاپ تۇراتتى.

 

خىتاينىڭ يۈرىكىگە تۇتىشىدىغان ئېچىق

شىنجاڭدا دوستانە بىر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بولۇشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ھالقىلىق ئىكەنلىكىدە يەنە بىر سەۋەبمۇ بار. بۇ جاي ئەگەر خۇددى تاشقى موڭغۇلىيەگە ئوخشاش سىياسىي كونترول ئاستىدا بولىدىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى تاغلىق قوۋۇق شىڭشىڭشىيا (ئارايۇلتۇز) كەلگۈسىدىكى تاجاۋۇزچىلار ئۈچۈن «دەريا كارىدورى» (خېشى كارىدورى) نى بويلاپ، گەنسۇ ئۆلكىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ يۈرىكىگە بىۋاستە تۇتىشىدىغان ئېچىق بولۇپ بېرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى چىنى تۈركىستاننى دوستانە ھالدا كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئەمەلىيەتچان بىر ئويۇننى ئەقىللىق ھالدا ئويناۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئاللىبۇرۇن بۇ خىل ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ بولدى. بۇ غەربىي چېگرا رايوننىڭ بارلىق جايلىرى سوۋېتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ قوزغىلاڭچىلار كونتروللىقىدىكى غەربىي شىمالدىكى جايلار قازاقىستان بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاسىتىدىكى ماناس دەرياسى ئۇرۇش لېنىيەسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى جايلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمايۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى خامى (قۇمۇل) نىڭ غەربىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى ساھەسىدە مونوپوللۇققا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل كونترولنى خىتاي بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايون ئوتتۇرىسىدا ئۆلگەن تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا توسالغۇ بولۇپ ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلەتمەكتە. گەرچە شىنجاڭنىڭ خىتاي كونتروللىقىدىكى جايلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا سودا بولمىسىمۇ (سوۋېت ئىتتىپاقى ھازىر خىتاينىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپىنى قارشى ئالىدۇ)، سوۋېت تىجارەتچىلىرى بۇ ئۆلكىنى ئەركىن كېزىپ يۈرىدۇ، ئۆز ئىشخانىلىرى ۋە ئىمارەتلىرى يۈرۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا دىخۇا (ئۈرۈمچى)، خامى (قۇمۇل)، شىڭشىڭشىيا (ئارايۇلتۇز) ۋە خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لەنجۇدا رادىئو ئىستانسىسىسلىرىمۇ ئىشلەۋاتىدۇ.

 

سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ كۈچى

پايتەخت شەھەر دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىكى سوۋېت باش كونسۇلخانىسى ئۆز ئالدىغا ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر شەھەرچە ھېسابلىناتتى. تاشتىن قوپۇرۇلغان ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان كونسۇلخانا بىناسىدا 200 گە يېقىن كىشى تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆز دوختۇرخانىسى ۋە كىنوخانىسىمۇ بار ئىدى. كونسۇلخانا بىناسى سىرتىدا يەنە بىر خەلقئارا كىتابخانا بار بولۇپ، سوۋېت مەدەنىيەتىگە ئائىت «موسكۋا خەۋەرلىرى»نىڭ تۈركچە، خىتايچە، روسچە ۋە ئېنگىلىزچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرخىل تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە ژورناللار تىزىلغان ئىدى. سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ يېنىدىكى مەھەللىدە ئاددىي سېلىنغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە بۈيۈك بېرىتانىيە كونسۇلخانىلىرى جايلاشقان بولۇپ، ھەربىر كونسۇلخانىدا غەربنىڭ بۈيۈك دېموكراتىك ئەنئەنەلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان يالغۇز كونسۇلدىن بىرى ئولتۇراتتى. سوۋېت كونسۇلخانىسى يەنە دىخۇا (ئۈرۈمچى) نىڭ يۈزمىڭغا يېقىن كۆپ تىللىق ئاھالىسىگە كۆپ ساندىكى، يېڭى، ھەتتا رەڭلىك روسچە فىلىملەرنى تەمىنلەيتتى. دىخۇا (ئۈرۈمچى) دا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان پەقەت بىرلا ئامېرىكا فىلىمى قويۇلدى.  بۇ ۋەلىي (ۋەللىس) بىرىي (Wallace Beery)رول ئالغان تۇنجى فىلىملەردىن بىرى ئىدى. شىنجاڭنىڭ قۇملۇقتىكى بوستانلىقلاردىن كەلگەن ياكى تاغلاردىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىدا ياشىغان يۈزلەرچە مۇسۇلمان ياش سوۋېتنىڭ تاشكەنت، ئەندىجان ۋە ئالما ئاتا دىكى ئۇنىۋېرىستېتلىرى ۋە تېخنىكا مەكتەپلىرىدە تەربىيە كۆردى. ئۇلار ئۆز يۇرتىغا ۋە (بۇنداق مائارىپ تەربىيەسىگە پۇرسەت بېرىلمىگەن) ئائىلەلىرىگە قايتقىنىدا يىراقتىكى خىتاينىڭ بۇ جايلاردىكى ئۈستۈنلىكىمۇ ئاجىزلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرادىكى مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زامانىۋىي سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى مەدەنىيەتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆتكەنكى ئون يىلدا نۇرغۇن كۈچ چىقاردى. بۇ خەلقلەر تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قان قېرىنداش مۇسۇلمانلار بولۇپ، شىنجاڭدىكى 4 يېرىم مىليون نوپۇسنىڭ %80نى تەشكىل قىلاتتى.

 

ئىشەنمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى

يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق، خىتاي مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىشەنمەسلىكىگە دۇچار ئىدى. ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى بولسا گېنىرال شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭنى«بۈيۈك ئاقىلانە يولباشچىسى» بولۇپ باشقۇرغان 10 يىللىق قانلىق ھاكىمىيىتىنىڭ ئاچچىق خاتېرىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى 1944-يىلى سېنتەبىردە پارتىلىغان مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئاياقلاشقان بولدى. شىڭ شىسەينىڭ بۇ جايدىن شان-شەرەپ بىلەن داغدۇغا ئىچىدە كەتكەنلىكى ۋە 1944-1937 يىللىرىدىكى «تېرورلۇق ھاكىمىيەت» دەۋرىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە سىياسىي ئۆلۈملەر ئۈچۈن سوتقا تارتىلمىغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قانلىق يارىسىغا تۇز سەپكەن بولدى. يەرلىكلەر رەئىس جاڭ (جىجۇڭ)نى سەمىمىي ۋە قابىل باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئەمما خىتايغا نىسبەتەن زىيادە قىزغىن بولۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى چىنى تۈركىستاننى شىڭ شىسەي ئىستىبدات ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يوقسۇل ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۆلكە بايلىقىنىڭ %75 جايلاشقان غەربىي شىمالدىكى رايونلاردىن ئايرىلغان ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىمكان بەرگىنى يوق.

 

غەربىي شىمالدىكى قوزغىلاڭچىلار يۇڭ، تېرە، ئاشلىق، نېفىت ۋە ئالتۇنلىرى ئۈچۈن چېگرانىڭ ئۇ يېقىدىن تولىمۇ ياخشى بازارلارنى تېپىۋالدى. بۇ ماللارنى تۇراقلىق روسىيە رۇبلىسىغا ياكى جاڭ (جىجۇڭ) ھۆكۈمىتى تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغان رەخت، دورا ۋە ئۈسكۈنىلەرگە تېگىشىش مۇمكىن ئىدى. ئەگەر جاڭ (جىجۇڭ) بۇ خىل بۇيۇملارنى تەمىنلەپ بېرەلىسىمۇ، غەربكە تۇتىشىدىغان بىردىنبىر تاشيول ئۈستىدىكى كەلكۈن ۋەيران قىلىۋەتكەن ماناس دەرياسى كۆۋرۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ قادىر بولالمىغان ئىدى. نەنجىڭ گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ)غا ئۆز خىزمىتىنى لايىقىدا ئىشلەش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىمكانلار، يەنى نە تاۋار بويۇملىرىنى شىنجاڭغا توشۇيدىغان يۈك ماشىنىلىرى، نە بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدا ئىشلەيدىغان ئۈسكۈنە بۇيۇملارنى بېرىشنى خالىمىغان ئىدى. جاڭ (جىجۇڭ) ئىشلەپچىقىرىشقا (مەسىلەن، توقۇمىچىلىققا) ناھايىتى كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ھاۋا يولى ئارقىلىقمۇ توشۇپ كېلەلمەيتتى. چۈنكى، خامى(قۇمۇل)نىڭ غەربىدىن باشلاپ شىنجاڭدا سوۋېت ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى مونوپولى مەۋجۈت بولۇپ، بۇ خىلدىكى يۈك توشۇشقا رۇخسەت قىلمايتتى.

 

ھالقىلىق ئامىل

خىتاي ئۈچۈن شىنجاڭدا ئاپەت كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر ھالقىلىق ئامىل مەۋجۈت. 1944-يىلى كۈزدە غەربىي شىمالدا قوزغىلاڭ پارتىلىغاندا، خىتاي ئوپېراتىپ بۆلۈم ئوفېتسىرى گو جىچياۋ (郭寄喬)خىتاي ھەربىي قوشۇنلىرىنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم بوستانلىق شەھەرلەرگە تېزلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى خىتايلار ئۈچۈن ساقلاپ قالغان ئىدى. بۇ قوشۇنلار شۇندىن بېرى شۇنچىلىك دەرىجىدە قاتتىق كۈچەيتىلدىكى، 40مىڭ كىشىلىك 42-كورپۇسنىڭ بارلىق ئەسكىرى تەكلىماكاننىڭ شىمالىي ۋە غەربىي گىرۋەكلىرىدىكى تۇرپان، كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەركەن، يېڭىسار ۋە خوتەن قاتارلىق بوستانلىق شەھەرلەرنى قامال قىلىپ تۇرماقتا. تاشيوللارنىڭ كەمچىللىكى ۋە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يېتىشمەسلىك تۈپەيلى (گەرچە باشقا جايلاردا ئاشلىق بار بولسا) بۇ ھەربىي قىسىملارغا ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىش ئىمكانسىز بولۇپ، ئۇلار يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئېشىنچە ئاشلىق ئارقىلىق تەمىنلىنەتتى. ئۇيغۇر دېھقانلار بولسا ئېشىنچە ئاشلىقىنى بازاردا ئەركىن ساتالمىغانلىقتىن مەركىزىي ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ بۇ جايدىكى مەۋجۇدىيىتىدىن تېخىمۇ سەسكىنىدىغان بولدى. بىر قىسىم ئۈنۈملۈك تەشۋىقاتلار مانا بۇ خىل سەسكىنىشنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچكە ئايلاندۇرماقتا. بۇ خىل تەشۋىقاتلار يەرلىك خەلققە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ھەربىي قورشاۋغا ئېلىپ، ھازىرقى پېقىر ھالغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئىستىبدات شىڭ شىسەينى سوتقا تارتىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىتەتتى؛ گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) ئۇلارغا تېرىقچىلىققا كېتىدىغان سۇ، يول ۋە دورىلارنى تەمىنلەپ بېرەلمىگەن ۋەزىيەتتە، غەربىي شىمالدىكى ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ نەرسىلەرنى قوزغىلاڭ بىلەن قولغا كەلتۈرگەنلىكىمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا يەر ئالاتتى.

شىنجاڭنىڭ زىمىستان قىشى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. يەرلىكلەر ئەگەر يىراق تاغ ياقىلىرىغا ۋە يېگانە ھالدا قۇملۇقلارغا جايلاشقان خىتاي قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلسا، جاڭ (جىجۇڭ) قىسىملىرىنى تەمىنلەشتە تولىمۇ چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. چىنى تۈركىستاننىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى تەقدىرى ۋە يۇقىرى ئېھتىماللىق بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسى نەنجىڭنىڭ ئۆزىگە باغلىق. گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ئىقتىدارلىقلىقىغا قارىماستىن، ھۆكۈمەتتىن مۇسبەت ياردەم كۆرمىگەن ھالەتتە تولىمۇ چارىسىز قالىدۇ.

 

قەھرىتان قىش يېقىنلاشماقتا

مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئېگىز تاغلىرى كەينىگە جايلاشقان بۇ پايانسىز ئۆلكە دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، قايسى دۆلەت چىنى تۈركىستاننى كونترول قىلىدىكەن، ئاسىيانىڭ سىياسىي تەقدىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ قەدىمىي كارۋان يوللىرى ئارىيان كۆچمەنلىرىنى خىرىستىيان ئېراسىدىن بۇرۇنلا يۈكلەپ مېڭىپ، مەركىزىي ئاسىياغا كىرىپ چىقىدىغان بىردىنبىر ئىستىلا يولىنى ئاچقان. شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن شەرقىي چېگراسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سانائەت خەزىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى دېمەكتۇر. يەنە تەكىتلەشكە كېرەكلىكى شۇكى، خىتاي ئۈچۈن  شىنجاڭ خىتاينىڭ ئامانلىقى دېمەكتۇر.

 

مەنبە: لوس ئانجېلىس ۋاقت گېزىتى 1946-يىلى 29-نويابىرلىق سانىدىن ئېلىندى.


ماقالىگە بېسىلغان سۈرەتلەردىن تاللانما:

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

https://www.akademiye.org/ug/?p=157465
Share
2607 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.