logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كادىر ۋە ھەربىيلىرىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەنلەرنىڭ قىسمەن تىزىملىكى

غالىپ ئىلى تۈزگەن

 

1949-يىلى ئۆكتەبردە خىتاي كومپارتىيسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،بۇ زىمىندا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلىقىدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكىلەپ، يەرلىك  ھەر مىللەت خەلقلىرىغا قارىتا بىر تەرەپتىن مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، بىر تەرەپتىن سىىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كادىر ۋە ھەربىيلىرىگە قارىتا يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، بۇ كىشلەرنىڭ پېيىنى قىرىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى 1957-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك مىىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە 1962-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، بۇ كىشلەرنىڭ بىر قىسىمى تۈرمەلەرگە تاشلاندى ياكى ستالىن دەۋرىدىكى گولاكلارغا ئوخشاش بولغان جازا لاگېرلىرى —  ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەىدانلىرىغا سۈرگۈن قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشلەرنىڭ  زور بىر قىسىمى بۇ يەردىكى سىياسىي بېسىملاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز ۋەتەنلىرىدىن تەرك ئېتىپ،چەت ئەللەرگە ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. تۆۋەندە بۇ كۆچمەنلەرنىڭ قىسمەن تىزىملىكى بېرىلدى:

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كادىرلىرىدىن : ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ئابدۇرۇپ مەخسۇم؛ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى » نىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئەنۋەر مۇسابايۇۋ؛ رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ،« ش ئۇ ئا ر سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى ۋاققاس ھاجى مىرشانوۋ ( تاتار) ؛ خانىم- قىزلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى،« ش ئۇ ئا ر سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى » نىڭ ئەزاسى تەۋەيخانىم مىرشانوۋا (تاتار، ۋاققاس ھاجى مىرشانوۋنىڭ رەپىقىسى) ؛ ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى پاۋىل پاپولوۋىچ موسكاليوۋ ( رۇس) ، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، « ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى » نىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى نەبىجان يۇسۇپ ( ئۆزبېك )، يەر سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مەھەممەت نىياز؛ رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلبېك يۈسۈپىكوۋ (ئۆزبېك)،ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، « شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى » نىڭ نازارى ياقۇپبەگ (ئۆزبېك )؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولكونىكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى « دۆلەت ناخشا – ئۇسسۇل، ئوپىرا ئۆمىكى » نىڭ باشلىقى،« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى » نىڭ نازىرى،« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيەت- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى  زىيا سەمىدى؛ چۆچەكنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، « شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشى » نىڭ باش كاتىپى ئالىمجان ھاكىمبايوۋ ( ئۆزبېك)؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتىنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدىكى رەھبىرىي شەخىسلەردىن تۇرسۇن ئىسراپىل،   شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتىنىڭ ئورگان گېزىتى « ئازاد شەرقىي تۈركىستان » ( كېيىن نامى « ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان » غا ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ باشلىقى ھۇسىن ناسىروۋ، تارباغاتاي ۋالى مەكىمىسى ئورگان گېزىتى « خەلق ئاۋازى» گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى، « شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇقادىر زۇنۇن، شىنجاڭ تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى ئىلى ۋىلايەتلىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ج ك پ ئىلى ۋىلايەتلىك كومتېتى» نىڭ ئەزاسى، « شىنجاڭ  ئىلى ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكمىسى » نىڭ باش تەپتىشى ئوسمان زىيا، خانىم – قىزلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەزىز پاشا ( ئۆزبېك، ئېلىخان تۆرەنىڭ قىزى)، خانىم- قىزلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئايشا مونونوۋا (قىرغىز،ئىسھاقبېكنىڭ رەپىقىسى)، تارباغاتاي خانىم- قىزلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گۈلەندەم ئاۋسىتاي ھەبيۇلىنا( تاتار)  ۋە « ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان »، « شىنجاڭ گېزىتى » گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن (تاتار)  قاتارلىقلار.  تاشقۇرغان ۋالى مەكىمىسىنىڭ ۋالىسى ئاقيولبېك (تاجىك) 1946-يىلى  سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن، ھۆكۈمەت ئەزاسى، سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى مۇيىدىن ئەخمەت 1948-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. بۇندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن « شىنجاڭ مۇزېي » غا تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ نىڭ مەسئۇلى يۇسۇپبېك مۇخلىس قاتارلىقلار بار

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى —   مىللىي ئارمىيىدىن:  مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، « شىنجاڭ ھەربىي رايون » نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى گېنېرال مايور زۇننۇن تىيىپوۋ، مىللىي ئارمىيە ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خۇجا ( ئۆزبېك )، مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇۋەققەت باش قوماندانى، 5- كورپۇسنىڭ باش قوماندانى فادىي ئىۋانوۋىچ لىسكىن ( رۇس )؛مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرى،5- كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە باش قوماندانى، « شىنجاڭ ھەربىي رايون » نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوۋ (تاتار)؛ مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرى، 5-كورپۇسنىڭ ئارقا سەپ تەمىتات بۆلىمىنىڭ مۇدىرى بايچۇرىن رەفىق (تاتار)؛ مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرلىرى  ئايتۇغان يونىچىۋ ( تاتار) ۋە مالىك گىمادىيوۋ ( تاتار) ؛ مىللىي ئارمىيە شتاب ناچالنىكى ( باشلىقى ) ۋارشانوۋ مىخايلوۋىچ ماژاروۋ (رۇس)، مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرى، غۇلجا شەھەرنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى موگۇنىتوۋ( رۇس)؛ ئوتتۇرا فرونت تەمىنات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پولكونىك غاپپارخان شاكىر خوجايېۋ، پودپولكونىك ئارسىلانخان شاكىر خوجايېۋ ( بۇ ئىككى ئوفىتسېر جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرەنىڭ ئوغۇللىرى)، چاغانتوقاي پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مىللىي ئارمىيە ئاتلىق پولكىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، « ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى » نىڭ باشلىقى جاغدا بابالىكوۋ ( قازاق)، مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرى دېسوۋ (رۇس)، نىلقا پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى، مىللىي ئارمىيە ئاتلىق پولكىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، نىلقا ناھىيە ھاكىمى فاتىخ موسىلىموۋ ( فاتىخ باتۇر، تاتار) ؛نىلقا پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ھۆكۈمەت ئەزاسى، مىللىي ئارمىيە ھەربىي سۇتىنىڭ باشلىقى،« شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت »  ئەزاسى پولكوۋنىك غېنى مەمەتباقى ( غېنى باتۇر)؛ مىللىي ئارمىيە پولك سىياسىي كومىسارى مەخمۇتجان يوسۇپوۋ، مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرى، قارا شەھەرنىڭ ۋالىسى،« بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى » نىڭ باشلىقى ئېردەنى مېڭىيوۋ، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى ئوپراتىۋ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پودپولكونىك ھۈسەيىن غازى، مىللىي ئارمىيە كاپىتانلىرى  مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ، باتۇر ئەرشىدىنوۋ،ئاسىم باقى ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى سابىت ئابدۇراخمان قاتارلىقلار. تاشقورغان ئىنقىلابى ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قەھرىمان شاھ (تاجىك) 1946-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن.

( مەلۇماتنىڭ ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومتېتىنىڭ « شنىجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » ناملىق كىتابىدىن  ئېلىندى.)

                                                                                                                2019-يىلى ئاپرېل

Share
1571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.