logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش

تارىم توغراق

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۆتمۇشتىكى خىتاي سۇلالە ۋە ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمىغانلىقىنىڭ تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە ئۈچۈن ئىشنى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيەت ( كىملىك ) ئالاھىدىلىكىلىرىنى تۈپتىن يوقىتىش — مىللەت روھى، تىل-  يېزىقى، دىنىي ئىتىقادى، مەدىنىيتى ۋە ئىقتىسادىنى بەربات قىلىشتىن باشلاش كىرەك ئىكەن، يەنى شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىلىرىنى يۇقىتىشتىن باشلاش كىرەك ئىكەن، دېگەن ئاڭغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن،ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇدھىش ئىشنى–  ئۇيغۇرنىڭ  مىللەت مەۋجۇدىيەت ( كىملىك)  يەنى ئۇيغۇرلۇق ئالاھىدىلىكىلىرىنى يوقىتىشتىن باشلىدى.

بىر مىللەتنىڭ مەجۇدىيەتلىكىدىكى ( كىملىكىدىكى ) ئەڭ تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى شۇ مىللەتنىڭ ئېتنىك بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى بولسا، يەنە بىر ئامىلى شۇ مىللىتىنىڭ نامىدۇر ھەمدە بۇ نام بىلەن پەخىرلىنىش روھىدۇر. مىللەت نامى دەل شۇ مىللەتنىڭ مەجۇدىيەتلىكىنىڭ( كىملىكىنىڭ) ئوبىيېكتىپ (رېئال) سىمۋولىدۇر. بۇ مىللەت نامى– كىملىكى بولسا نۇرغۇن كاتېگورىيەلەرنى– مىللەت روھىى ، ماكانى تىلى- يېزىق ، دىنىي ئېتىقادى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، ئېتنوگرافىيىسى، مەدەنىيەت – مائارىپى، ئەدەبىيات – سەنئىتى، سىياسەت- مەمۇرىيىتى، ئىقسىسادى ، قوراللىق كۈچلىرى ۋە تۇرمۇش ئۆرپە ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى يەنى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2017- يىلدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكىدىكى  ئەڭ تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئېتنىك بىئولوگىيىلىك ئامىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەر خىل يولسىز ۋە ئىنسان قىلىپدىن چىققان ئۇسۇل ۋە ۋاستىلار بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلمىساڭ، ئاتا- ئاناڭ ، ئاكا- ئۇكاڭ، ھەدە- سىڭللىرىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭ مەڭگۈ جازا لاگېرلىرىدىن چىقمايدۇ، دەپ تەھدىت سالماقتا. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى ناھىيەلىرىدە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن كوللېكتىپ توي موراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ھالدا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۈتكىمەكتە.  ئەقلاقسىزلىق، نومۇزسسىزلىك ۋە شەرمەندىچىلىكتە دۇنيادا تەڭدىشى يوق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك بىئولوگىيىلىك ئامىل ئالاھىدىلىكلىرىنى  يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان قانداقتۇر  ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان بولۇش » سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئەرلەرنىڭ ئويلىرىگە زورلۇق- زومبۇلۇق بىلەن باستۇرۇپ كېرىپ قونماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسى  ۋە ھۆكۈمىتى « خىتاي دۆلەت  تىرىتورىيەسى » ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك  قوۋملىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن  ئىشنى ئۇلارنىڭ دەل بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللەت كىملىكىنى يەنى مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۈسىتقۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىلىرىنى يۇقىتىشتىن باشلىدى. پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ئىرقىي  قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدىكى قەتئىي تەلەپلىرىغا پەرۋا قىلماي، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرىنىڭ يىرتقۇچلۇق ماھىيىتىنى تۆلۈق ئاشكارلاپ ھىچ  قانداق ۋاستە تاللىماي، بۇ  فاشىستلىق پىلانىنى ئەمەلىيىلەشتۈرۈش ئۈچۈن غالجىرلەرچە كېرىشىپ كەتتى.

گېرمانىيەلىك ئىسلامشۇناس پروفېسسور پائۇلا شرودې شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرىلدى : « بۇ يەردە بىر ئىنسان ئۆزى تولىمۇ خاتا دەپ قارىغان بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىمدا دەل مۇشۇنداق ئەھۋاللارغىمۇ دىققەت قىلغانىدىم. باشقا بىر نەرسە يېيىش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى پەرقلەندۈرۈش، يەنى مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئايرىشتا ھالال ۋە ھارام يېمەكلىكلەر، پاكىز ۋە مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش، يەنى چوشقا گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىش ۋە ئوزۇقلانماسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتىدىكى كىملىكىنى ئېنىقلىشىدا ئالاھىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە. بۇ خىل سىمۋوللۇق مەنە تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قارىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چوشقىنىڭ مەينەت ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ناھايىتى كۆپ چۈشەنچىلەر بىلەن باغلانغان بىر نازۇك تېما. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆز ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جەمئىيەت قارىشىغا قارشى بىر ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئاشۇ كۈچلۈك جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇلارنى باشقا بىر خىل ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئىشلاردۇر. بىزنىڭ بۇ كۈنلەردە كۆرىۋاتقىنىمىزمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدۇر. بۇنداق قىلمىشلارغا مەجبۇرلاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك كىملىك قارىشىغا دەخلى-  تەرۇز يەتكۈزگەنلىكتۇر. ».

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى،سەن  بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بولغان مىللەت روھىى، ماكانى، تىلى- يېزىق ، دىنىي ئېتىقادى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، ئېتنوگرافىيىسى،  مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات – سەنئىتى قاتارلىقلارنى زوراۋانلىق بىلەن يوقىتىپ، خىتايلارنىڭ كىملىكىگە ئوخشاپ قالغان يەنى خىتايلارغا (جۇڭخۇالارغا) ئوخشاش تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلارغا  سىلەر خىتايدىكى  مىللەتلەرنىڭ بىرى  دېسەڭ ، سىلەرنىڭ  بۇ  گېپىڭلار جىڭ باسامدۇ؟!

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن جاللات شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چىداپ بولغۇسىز زۇلۇملارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق  مۇسۇلمان  تۈرك مىللەتلەرنىڭ كىملىكى– مەۋجۇدىيەتلىكىگە چىقىلمىغان ئىدى. لېكىن، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تۈرمە، جازا لاگېرى ۋە جەمىئەتتە بولمىسۇن، بارلىق تۈرك مىللەتلىرىگە قارىتا « دۆلىتىم جۇڭگو» ، « مىللىتىم جۇڭخۇا» دېگەنلەرنى زوراۋانلىق بىلەن تېڭىپ، ئۇلارنىڭ مىللەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنماقتا.

كېيىنكى قىسىمدا  خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش جەھەتتىكى ئىسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئايرىم- ئايرىم كاتېگورىيەلەر بۇيىچە بايان قىلىنىدۇ.

داۋامى بار…

Share
3226 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.