logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۈرىشى توغرۇلۇق ئويلىنىش

دەۋر ۋە بىز
»ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە — 2023 »ماقالىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۈرىشى توغرۇلۇق ئويلىنىش

مەھمەتئىمىن ھەزرەت

 

1. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى ۋەزىيىتى

 

ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى، تۆمۈر قەپەس ئىچىگە سۇلاپ قويۇلغان قۇشلارغا ئوخشايدۇ. بۇگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم تاللانغان يىگىت – قىزلارنىڭ قوزغىلىپ چىقىپ بىر ياكى بىر چانچە رايوننى ئازات قىلىپ بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇشىنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.

2. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۆزگۈرەمدۇ؟

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بەلكى خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى بەزى شىددەتلىك، بەزى يۇمشاق ھالدا دولقۇنسىمان بولىشى مۇمكىن، ئامما خىتايلار، ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپتىن قىرىپ تۈگىتىۋېتىش سىياسىتىدىن ھەر قانداق دەۋىردە ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى، خىتايلار ئۇزۇن بىر تارىخى جەريان ئىچىدە ، ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئېرىتىپ تۈگىتىۋېتىشنىڭ ئىمكانسىزلىغىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭلاشقا ئاشكارە ھالدا كۇچ ۋە قورالغا تايىنپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا ئىككىلىنىپ قالمىدى. شۇڭا خىتايغا ھەرقانداق شارائىتتا ئۈمىدلىك خام-خىيالدا بولۇش، مىللىي يوقۇلۇشىمىزغا ھەسسە قوشۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

3. خەلقارا ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك پايدىلىق؟

2023.يىلى ئۇيغۇر مىللىي قىرغىنچىلىغىنىڭ ئاشكارە، كەڭ كۆلەملىك ۋە شىددەتىلك داۋام قىلىنىنىۋاتقانلىقىنىڭ 7. يىلى. ۋەتەن ئىچىدىن مىللىي قىرغنچىلىققا دائىر نۇرغۇن دەلىللەر ۋە ئۈلۈم كامپلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان جانلىق پاكىتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى “ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مىللىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ” دەپ كەسكىن دىئاگۇنۇز قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كاتىگوريەسى ئىچىدىكى مەسىلە دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇ پوزىتسىيە، غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن خىتاينى ئەيىبلەش، سىياسى بېسىم ۋە ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۆلۈم كامپلىردا كوللېكتىپ ھالدا ئۆلتۈرۈلىۋاتقان ۋە ئازاب چېكىۋاتقان ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلمىدى. خىتاي يەنىلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىدىن پەرۋايى پەلەك ھالدا قىرغىنچىلىقنى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ.
پايدىسى شۇ بولدىكى، ۋەتەندە مىللىتىمىز بەرگەن بەدەللەرنىڭ قارشىلىغىدا، ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيادا تونۇلدى. خىتاي تەرىپىدىن مىللى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق بولغانلىقى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مەسىلىسى “كىشىلىك ھوقۇق “مەسىلىسى كاتۇگورىيەسىدىن چىقىرىلىپ، مىللىي قىرغىنىچىلىققا قارشى تەدبىر ئېلىش كاتىگوريەسىگە كىرگۈزۈلىشى كېرەك ئىدى. يەنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ناتو- NATO- (شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) كۈنتەرتىپىگە كېلىشى لازىم ئىدى. ئامما، كەلمىدى، يېقىندا كېلىش ئېھتىمالىمۇ ئۇپۇقتا كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.
ئازاب ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە جېنىدىن جاق تويغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار،خىتايغا قارىشى بىر قۇراللىق كۈرەشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈمىدى ئامېرىكىغا مەركەزلەشكەن ئەھۋال ئاستىدا. ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ كوزۇر ئامېرىكىنىڭ قولىدا. ئامېرىكا بۇ كوزۇرنى خىتايغا قارشى قاچان، قايسى نۇقتىدا، قانداق قوللىنىدۇ؟ ياكى قوللىنامدۇ، قوللانمامدۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز. شۇنى بىلىمىزكى، بۇ كوزۇر، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى شاخمات تاختىسىدا تۇرىۋاتىدۇ.

4. ئۇيغۇرلار، شەرقى تۈركىستان بىلەن چىگىرداش قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىرسىدە قۇراللىق ئەترەت بازىسى تەشكىللىيەلىشى مۇمكىنمۇ؟

بۇگۈنكى رايون خاراكتېرلىك ۋەزىيەتتە بۇنداق بىر ئىمكان يوق. چۈنكى، بۇنىڭغا ئۇيغۇن شەرت- شارائىت. شەكىللەنگىنى يوق. مۇشۇنداق بىر ئىمكاننىڭ بارلىقىغا بىر قىسىم ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان چەتئەللىك “تۈركىستان ئاشىقى” كىشى ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بار. بۇ ئېنىق. نۆۋەتتە، چېگرا بويلىرىدا نەتىجە بەرمەيدىغان كىچىك قۇراللىق ھەركەت، ۋەتەن ئىچىدە خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ ئەسەبىچە ئۇيغۇر قەتلىيامىنى قانات يايدۇرۇشىغا پايدىلىق، خالاس.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار قاچان ۋە قانداق شارائىتتا ۋەتەن ئازاتىغى ئۈچۈن قۇراللىق كۈرەشكە ئاتلىنالايدۇ؟ جاۋاپ، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغاندا. تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا بىلەن رەسمى ئۇرۇشقا كىرگەندە ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا جىددى ئېھتىياجى چۈشىدۇ. شەرقى تۈركىستاننىڭ بەلگىلىك رايونلىرىغا قۇرال- ياراق يامغۇرى يېغىشقا باشلايدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ 2018.يىلقى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ 55% نى شەرقى تۈركىستان تەمىنلەيدۇ. ئورتا ئاسىيادىن شەرقى تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا ئاقىدىغان تەبى گاز ۋە نىفىت ۋە باشقا ئېنىرگىيە خام ئەشيالىرىنى قوشقاندا بۇ مىقتار 70%. شەرقى تۈركىستاندىن خىتايغا تۇتىشىدىغان بارلىق تۇرۇببا يوللىرى، قاتناش لىنيەلىرى ۋە ئايرىپورتلارنىڭ ۋەيران قىلىنىش ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. (ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن قۇراللىق كۈرەشكە ئاتلىنىش يولى ئېچىلىدۇ.) ئېنېرگىيە ۋە باشقا خام ئەشيالىرى كېسىلگەن خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ قارشىسىدا ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېھتىياجى بولغاندا ئۇيغۇرلارغا ياردەم كېلىدۇ. بۇ كۆز قارىشىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىسال كۇپايە؛ . 2. دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيىنىڭ 1939. يىلى 9. ئاينىڭ 1. كۈنى پولشاغا ھۇجۇم قىلغان كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن باشلاندى. پۈتۈن ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقا ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. گىتلېر ئارمىيىسى ئەنگىلىيەدىن باشقا ياۋرۇپا قىتئەسىنى تامامەن ئىشغال قىلىپلا قالماي، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوكرائىنا، كاپكاسيا بۆلگىلىرىنى ئىشغال قىلىپ موسكوۋاغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. ياپونىيە، سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ساخالىن ئارىلىدىن باشلاپ ئاسىيا- پاسىفىك بۆلگىسىدە 36 دۆلەت ۋە رايوننى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتاتتى. بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ يالۋۇرۇپ، دات- پەريات قىلىشلىرىغا قارىماي، ئامېرىكا ئۇرۇشقا قاتناشماي بىر چەتتە ۋەزىيەتنى كۈزۈتۈپ تۇردى. تاكى، ياپونىيە 1941.يىلى 12. ئاينىڭ 7.كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋائىئى ئارىلىدىكى پەئارل ھاربور (Pearl Harbor ئۈنجە پارتى) غا ھۇجۇم قىلىپ 16 ئۇرۇش پاراخوتى، 343 ئۇرۇش ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ، 3581 ئەسكەر ۋە پۇقرا ئۆلۈپ، يارىدار بولغانغا قەدەر. يەنى دۇنيانىڭ ئەڭ كۇچلۇك دۆلىتى ئامېرىكا، ئوت ئۆزىگە تۇتاشمىغىچە باشقىلار ئۈچۈن ئۇرۇشقا كىرىشتىن باش تارتىپ تۇرغان ئىدى. 2. دۇنيا ئۇرۇشىدا 16 مىليونى ئەسكەر بولۇپ، توپلام 45 مىليون كىشى ئۇرۇشتا ئۆلدى. باشقا بىر دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشقا كىرىشى ناتايىن، ئامما، باشقا دۆلەتلەر ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغاندا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۆرۈشىنى قوللىشى، ياردەم قىلىشى مۇمكىن. مەسىلە تەھلىل قىلغاندا رېئالىست بولۇشىمىز، خەلقارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ياكى مەنپەئەت تالىشىش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.

5.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىدىكى ئەڭ بۈيۈك تەھدىت تۇيۇقسىز يۈز بەرگۈسى بۈيۈك قەتلىئام

خىتاي ھاكىمىيىتى ئەگەر تەيۋەننى قۇراللىق ئىشغال قىلىش قارارىغا كەلسە، ئوخشاش بىر زاماندا،بۇگۈنكى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان يوق قىلىش نۇقتىلىرىنى ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە پىلانغا كىرگۈزۈلىدۇ. تاشقىرىدىكى يوقۇتۇش نىشانى تەيۋەن بولسا، ئىچكىرىدىكى بىرىنجى يوقۇتۇش نىشانى ئۇيغۇرلار بولىدۇ. ئۇرۇش باھانىسىدا ھەربىي ھالەت ئىلان قىلغان خىتاي، شەرقى تۇركىستانغا كىرىپ، چىقىشلارنى ۋە مەديانى تامامەن قامال قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە ۋاستىلىرىنى پۈتۈنلەي ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇپ، بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىتى توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان بۆلگىلەرنى قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاي ئارمىيىسى ۋە بىڭتۈۋەنگە ئۇيغۇرلارنى بىر باشتىن قىرىپ تۈگىتىش بۇيرۇغىنى چۈشۈرىدۇ.
ئۇيغۇرلار بۈگۈن، ھېچبىر خەلقارا تەشكىلات ياكى دۆلەت تەرىپىدىن جىسمانى جەھەتتىن قوغداش پىلانىغا كىرگۈزۈلگىنى يوق. دېموكراتىيىنىڭ ئەڭ زەئىپ تەرىپى قارار قىلىش مىخاينىزىمىنىڭ بەك ئاستا ئىشلىشىدۇر. ئەگەر بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئايلانمىسا، شىمالدىكى ئۇيغۇر، قازاقلار تامامەن تازىلىنىپ تۈگىشى، جەنۇبتىكى مۇنبەت زىمىنلار ۋە ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم بۆلگىلەردىكى ئۇيغۇرلار يوقۇتۇلۇپ، ئو يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تولدۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن قېپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى، دىن ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى 50 يىل چەكلەنسە شەرقى تۈركىستان دېگەن بۇ پايانسىز زېمىندا ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەت قالمايدۇ. يۈزبەرگۈسى بۇ تەھدىتنى ئويلىسام كېچىلىرى ئۇيقۇم قاچىدۇ. چۈنكى، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇسۇلمان بوشناقلارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن سىرىپ قەتلىيامى بۈيۈك ئىنسانىي پاجىيەلەر بىلەن ئاخىرلاشتى. 3 مىليون نۇپۇسلۇق بوسنا -ھەرسەكتە 312 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇرتلىرىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، يەنى ئېتنىك قەتلىئام باشلىنىپ 3 يىلدىن ئارتۇق زامان ئۆتكەندىن كېيىن ناتو- NATO- ئاستا- ئاستا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. 1992-1995. يىللىرى ئارىسىدا بوسنا-ھەرسەكتە يۈز بەرگەن قەتلىئام 2. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ بۈيۈك قەتلىئام دەپ ئەنگە ئېلىندى. بوسنادا ھازىرغا قەدەر 42 توپلۇ مازار تېپىلدى. 22 توپلۇ مازارنىڭ ئورنى ئىنىقلىنىۋاتىدۇ.
بوسنا – ھەرسەك 1992.يىلى 4. ئاينىڭ 5.كۈنى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر كۈندىن كېيىن، يەنى 4. ئاينىڭ 6.كۈنى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بوسنا – ھەرسەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەقىل بىر مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئۇچرىغان پاجىيەلىرى بۇ. شەرقى تۈركىستانلىقلار ياۋرۇپادىنمۇ، ئامېرىكىدىنمۇ ناھايىتى ئۇزاقتا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلق. يەنە كېلىپ خىتايدەك ۋەھشىيانە ئىپتىدائى سىياسى تۈزۈمى بولغان، ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرگە نەپرەت بىلەن قارايدىغان بىر دۆلەتنىڭ تۆمۈر قەپىسى ئىچىدە.
بىز، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ دۆلەتلىرىگە قەتئىي سۈرەتتە شۇنداق چاقىرىقتا بولىشىمىز لازىمكى، مەدىنى دۇنيا، تارىختىكى بارلىق ئېتنىڭ قەتلىياملاردىن ساۋاق ئېلىپ، 21. ئەسىردە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە تېخىمۇ دەھشەتلىك ئۇيغۇر قەتلىئامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچ كېچىكمەستىن ئەسكىرى تەدبىر ئېلىش توغرۇلۇق قەدەم ئېلىشى زۆرۈر.

6. سۈرگۈندە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى

چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئازادلىق غايىسىنى جانلىق تۇتۇش. بۇ مەقسەتتە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە (1)ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق، مىللى زۇلۇملىرىنى پاش قىلىش، دۇنيا جاماتچىلىگىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا جەلپ قىلىش. ئو دۆلەتلەردە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئو دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پارلامىنتلارغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئو دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى، خىتايغا بولغان دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. (2) چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى قوغداش يولىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇش، بىر كۈنى ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ۋەتەنگە يۈزلىنىش ئىدىيىسىنى جانلىق تۇتۇش.
مەن چەتئەلدە ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ دىياسپورو پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدىم. كەلگەن خۇلاسەم شۇ؛ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار قانچىلىك كۈچلۈك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنىڭ ئاستىدا ئېزىلگەن. بۇ توغرۇلۇق قولۇمدا ئونلىغان شانلىق،ئامما نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان تارىخى مىساللار بار. بۇ مىساللاردىن پەقەت بىرنىلا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن؛
رەسمى ئارخىپ مەنبەلىرىگە قارىغاندا،1917.يىلى رۇسيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە كوچۈپ كەلگەن مۇلتىجى رۇسلارنىڭ سانى 2 مىليون ئەتىراپىدا. بۇلارنىڭ ھەممىسى زىيالىي، ھەربىي، باي- كاپىتالستلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قىسقا زاماندا قىزىل كوممۇنىستلارنى يېڭىپ ۋەتەنگە قايتىش ئىرادىسىدىكى ئىنسانلار ئىدى.
فرانسىيەنىڭ 1920.يىلى تىزىمغا ئالغان ھەربىي ئارخىپلىرىدا، ئىستانبۇلغا كەلگەن رۇس مۇلتىجىلارنىڭ سانى 148 مىڭ 678 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيلەرنىڭ سانى 104مىڭ 942 نەپەردۇر. 1920.يىلى 6.ئايدىن 11. ئايغىچە قېرىم يېرىم ئارىلىدىن يولغا چىقىپ، قارا دېڭىز ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كىرىپ كەلگەن ھەربىي پاراخوت سانى 126 بولۇپ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەربىي پاراخوت ئىدى. ئو، زامان 900 مىڭ نوپۇسلۇق ئىستانبۇل ئۈچۈن بۇ قەدەر كۆپ ساندىكى رۇس مۇلتىجى ھەقىقەتەن ئېغىر يۈك ئىدى. 100 يىللاپ تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ كۆپۈنچە ئۇرۇشتا تۈركلەرنى يەڭگەن چار رۇس ئارمىيىسى بۈگۈن تۈرك زېمىنىدا مۇلتىجىلارغا ئايلانغان ئىدى. بۇ تارىختا ئىستانبۇل ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولغاچقا، ئىستانبۇلدىكى رۇس ئارمىيىسىنىڭ راسخۇتلىرىنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسىنى فرانسۇزلار ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
1921. يىلى 3. ئاينىڭ 16.كۈنى گېنېرال مۇستاپا كامالنىڭ لىدەرلىگىدىكى ئەنقەرە ھۆكۈمىتى بىلەن لېنىن لىدەرلىگىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا موسكوۋادا 8 ماددىلىق دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىمنىڭ 6. ماددىسىدا رۇس ئىشغالى ئاستىدا تۈرۈۋاتقان كارس، ئارداھان ۋە ئارتۋىن ۋىلايەتلىرى تۈركىيىگە قايتۇرۇلىدۇ، دەپ يېزىلغان. يېزىلمىغان ماددىسى بولسا، تۈركىيەدىكى چار رۇس ئارمىيىسىنى دۆلەت چېگرىسىدىن چىقىرىۋېتىش ئىدى. سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئالتۇن ۋە قۇرال-ياراق ياردىمى ئېلىۋاتقان ۋە بۇ ماددى ياردەملەر بىلەن ئاناتولىيەدىكى فرانسۇز، ئىتالىيان، گرېتسىيە ئىشغالچى ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىۋاتقان تۈرك ئارمىيىسىنىڭ ئىستانبۇلنىمۇ ئىشغال قىلىش ئېھتىمالىنى ھېسابقا ئالغان فرانسۇزلار، ئىستانبۇلدىكى چار رۇس ئارمىيىسىنى يۇگوسلاۋىيە، بولغارىستان… قاتارلىق سىلاۋ دۆلەتلىرىگە يۆتكەشكە باشلىدى. 1923. يىلى 10.ئاينىڭ 6.كۈنى گېنېرال مۇستاپا كامالنىڭ ئارمىيىسى ئىستانبۇلغا كىرىپ كەلگەندە، ئىستانبۇلغا يېقىن گەلىبولۇ رۇس گازارمىسىدا بىرمۇ رۇس ئەسكىرى قالمىغان ئىدى.
ئۇرۇش پاروخودلىرى، ئېغىر- يېنىك قۇرال- ياراغلىرى فرانسۇزلار تەرىپىدىن يېغىۋېلىنغان، قورالسىز ھالدا دۆلەتلەرگە تارقىتىۋېتىلگەن چار رۇس ئارمىيىسىنىڭ روھى چۈشكۈن، كەيپىياتى بۇزۇق ئىدى. ياۋروپاغا قېچىپ كەلگەن 2 مىليون نۇمۇسلۇق رۇسلارنىڭ پائالىيەتلىرى يەنىلا كۈچلۈك ئىدى. رۇسلار سىياسى مەركەزنى پارىژ، ئەسكىرى مەركەزنى بىلگىرات، مەدەنىيەت مەركىزىنى خاربىن قىلىپ بېكىتتى. رۇس تەشكىلاتلىرى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا ئونلىغان رادىئو، گېزىت ۋە يۈزلىگەن جورنال تەسىس قىلىش ئارقىلىق رۇس مىللىتىنىڭ مىللى روھىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بۈيۈك غەيرەت كۆرسەتتى. پارىژدا رۇس تىلى يەسلىسىدىن باشلاپ رۇس تولۇق ئورتا مەكتەپلىرىغىچە ئوقۇ- ئوقۇتۇش مائارىپ خىزمەتلىرى بەرپا قىلدى. چەتئەلدىكى مۇلجى رۇسلارنىڭ تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېتى ياپونلارنىڭ ياردىمى بىلەن خاربىندا قۇرۇلدى. (خاربىندا رۇس باشلانغۇچ، گىمنازىيە مەكتەپلىرى كۆپلەپ قۇرۇلغان ئىدى) خاربىن رۇس ئۇنىۋېرسىتىتى 1940.يىللىرى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئۇنىۋېرسىتىتلەر تىزىملىكىدىن يەر ئالغان ئىدى.
2. دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا ياۋروپادىكى رۇسلار ئىككىگە بۆلۈندى، گىتلېر ئارمىيىسى فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، فرانسۇز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە گېرمان ئارمىيىسىگە قارشى قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغان رۇسلار بولدى. گېرمانلار فرانسىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيىدىكى رۇسلارمۇ يەھۇدىلارغا ئوخشاش قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. ھايات قالغانلىرى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىشتى. گىتلېر سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، يوگوسلاۋىيەنى مەركەز قىلغان شەرقى ۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان رۇسلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋەتىنىنى قىزىل كومىنىستلاردىن قۇتقۇزۇش غايىسىدا تەشكىللىنىپ گېرمان ئارمىيىسىگە ئەگىشىپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى.
2. دۇنيا ئۇرۇشىنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغۇچى 3 بۈيۈك دۆلەتنىڭ لىدەرلىرى، يەنى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ۋىنستون چۇرچىلل، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى فرانكلىن د. روزۋەلت، سوۋىت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيە باش سىكىرتارى جوسەف ستالىن 1945.يىلى 2. ئاينىڭ 4-11. كۈنلىرى ئارىسىدا يالتا شەھرىدا “ يالتا كونفرانسى” دەپ ئاتالغان، دۇنيانى بۆلۈشۈش كېلىشىمىدىن كېيىن، چەتئەلدىكى مۇخالىپ رۇسلارغا ياردەم بېرىدىغان، قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ياردەملەرنى توختىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا باشلىدى. مانجۇرىيە زېمىنىغا رۇس قىزىل ئارمىيىسى بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇنلا خاربىندىن تيەنجىن، شاڭخەيگە قېچىپ كېلىۋالغان رۇسلار، كېيىن ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتتى. خاربىن شەھەر نوپۇسىنىڭ يېرىمى دېگىدەك رۇسلار ئىدى. قېپ قالغان رۇسلارنىڭ كۆپ قىسمى ستالىننىڭ “كەڭچىلىك سىياسىتى”گە ئىشىنىپ رۇسىيىگە قايتتى ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەممىسى سىبىرىيە سۈرگۈن كامپلىرىغا سۇلاندى. ئاقىۋەتلىرى پاجىيەلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.
مەركىزى پارىژدا بولغان ۋە ئاجىزلاپ كەتكەن ئاۋانگارت مۇخالىپ رۇس تەشكىلاتلار، ۋەتەن ئازادلىقىنى ئۇنتۇپ، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرىنى بىر بىرىگە يۈكلەپ ئىچكى ماجىراغا چۈشكەن ئىدى. چەتئەلدىكى رۇس مۇخالىپ ھەركەتلىرىدىكى ئىچكى جاڭ-جال ھەققىدە كوپ يىل ئىلگىرى بىر رۇسچە كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم. ئو كىتابتىكى شۇ جۈملىلەر ھېلىمۇ ئېسىمدە؛ “ ياۋروپادىكى مۇخالىپ رۇس تەشكىلاتلار ئۆزارا شۇنچىلىك شەپقەتسىز كۈرەشكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدىكى، خۇددى ئەينەك شېشە ئىچىگە سۇلاپ ئاغزى ئېتىۋېتىلگەن شېشە ئىچىدىكى قوڭغۇزلارغا ئوخشايتتى. ئاچ قالغان قوڭغۇزلار بىر بىرىنى يەيتتى. تاشقىرىدىن بۇ شېشە ئىچىدىكى قوڭغۇزلارنىڭ ئۆزئارا قىرغىنچىلىغىنى كۆرۈپ تۇرغانلارلا رۇس پاجىئەسىنىڭ نە قەدەر تىرادىگىيەلىك ئىكەنلىگىنى كۆرەلەيتتى”.
سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆزلىگىدىن تارقىلىپ كەتكەن 1991. يىلى، چەتئەلدىكى رۇسلارنىڭ رۇسىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن موسكۋاغا بىر گۇرۇپپا ھەيئەت ئەۋەتكۈچىلىك مادارى قالمىغان ئىدى.
سۈرگۈندىكى رۇسلاردىن قالغان خاتىرە ئىزناسىدىن تىلغا ئالغۇچىلىك 3 يەر بار؛ 1) ئىستانبۇلغا بەك ئۇزاق بولمىغان گەلىبولۇ يېزىسىدا بولغان رۇس مازىرى ۋە چاررۇس ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئالېكساندىر كۇتېپوۋ تەرىپىدىن سۈرگۈندىكى رۇس ئارمىيىسى خاتىرىسى ئۈچۈن 1920. يىلى بىنا قىلىنغان رۇس خاتىرە مۇنارىسى. 2) پارىجدىكى رۇس مازىرى ۋە كۇتېپوۋ خاتىرە مۇنارى (ئالىكساندىر كۇتېپوۋ 1930.يىلى K.G.B جاسۇسلىرى ۋە K.G.B تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان فرانسۇز ساقچىلىرى تەرىپىدىن سۈيىقەست قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن) 3) بىگىرات شەھىرىدىكى رۇس چىركوۋنىڭ ھويلىسىدىكى بىر قانچە رۇس گېنېرالنىڭ قەبرىسى.
بۈگۈن، لېنىن، ستالىن ھەيكەللىرى چېقىلىپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىرىدىن بۇ خاتىرە يەرلىرىنى زىيارەت قىلغان رۇس رەھبەرلىرى يوق. گەلىبولۇ يېزىسىدىكى رۇسىيە ئۈچۈن قۇربان بولغان رۇس ئارمىيە خاتىرە ئابىدىسى” نى تۈرك دۆلىتى پۇل ئاجرىتىپ ياساپ 2008.يىلى ساياھەتكە ئاچتى. ئامما، تۈركىيىگە دائىم كېلىپ تۇرىدىغان رۇس دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ھېچبىرى بۇ يەرنى زىيارەت قىلمىدى. بۇلارغا قاراپ شۇ ئۇيغۇرچە خەلق تەمسىلى ئىسىمگە كېلىدۇ “ كوزا چاققانلار ئېزىزدۇر، سۇ كۆتۈرگەن خار.”
خۇلاسە كالام؛ سۈرگۈندە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى، ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە مىللى كىملىكىنى قوغداش، مىللى روھنى جانلىق تۇتۇش، ئو، دۆلەتلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىش، دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاش، بۇ ئارقىلىق مەدىنى دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خىتايغا بولغان سىياسى ۋە دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتىش. شۇ ئاندا، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاۋانگارتلىرىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمۇ بۇ دائىرە ئىچىدە كېتىۋاتىدۇ، خالاس.

7. ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قۇراللىق كۈرەش ئارقىلىق ۋەتەن ئازادلىقىغا ئاتلىنىش پۇرسىتى قاچان كېلىدۇ؟

ياپونىيەدىن ئەنگىلىيەگىچە ئۇزارغان ئاسىيا- ياۋرۇپا قىتئەلىرى، ھەبەشىستاندىن جەنۇبى ئافرىقىغىچە سوزۇلغان ئافرىقا قىتئەسى، ئالياسكىدىن ئارگېنتىنا، چىلى’غا قەدەر ئۇزانغان ئامېرىكا قىتئەسى، يەنى يەرشارىنىڭ ئىنسان ياشاۋاتقن قۇرۇقلۇقلىرىدا نۇپۇسى 10 مىيلوندىن ئارتۇق بولغان مىللەتلەر ئارىسىدا يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىلا باشقا بىر ئىشغالىيەتچى مىللەتنىڭ بويۇنتۇرقى ئاستىدا ۋە بارلىق مىللىي ھەق- ھوقۇقلىرى تامامەن تارتىۋېلىنغان ھالدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ياشاش ھۇقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىپ كوللېكتىپ ھالدا ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي كۈچەيگەنسېرى، ئۇيغۇر مىللىتى بۇ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ زەنجىر تاپىنى ئاستىدا ئىزىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، خىتايغا قارشى قۇراللىق كۈرەش قىلىش شارائىتىنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا، بۇنداق شارائىتنىڭ خىتاي- ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىغاندىلا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا ئۆز ئېھتىياجى تۈپەيلى بىزنى قۇرال- ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەخمىن رېئاللىققا ئۇيغۇن. بىراق ئامېرىكا بەك ئۇزاقتا. شەرقى تۈركىستان ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىڭ دەل ئورتتۇرسىدا. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئارقا سەپ تەمىناتى مەسىلىسى ھاۋا لىنىيىسى ئارقىلىقلا ھەل بولىشى مۇمكىنمۇ؟ ئارقا سەپ خىزمىتىدە ھىندىستاننىڭ رولى بولامدۇ، بولمامدۇ؟ بولسا قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئالدىن پەرەز قىلىش قېيىن.
ئەگەر خىتاي بىلەن بولغۇسى بىر ئۇرۇشتا ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مەنپەئەت نوقتىسىدىن بىر ھەربىي ئىتتىپاق ھاسىل قىلالىسا، شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولى داغدام ئېچىلغان بولىدۇ.
تارىختا دۈنيانىڭ ئەڭ كۇچلۇك دۆلەتلىرى بولغان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا تىغمۇ تىغ ئۇرۇشقا كىرىپ باققىنى يوق. پۇتىن دەۋرىدىن كېيىنكى رۇسىيە يەنە ياۋرۇپا بىلەن پۈتۈنلىشىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. چۈنكى، رۇسلار ئېرق تەرىپىدىن ئاق تەنلىك، دىن تەرىپىدىن خرىستىيان، مەدەنىيەت تەرەپتىن ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مىللەت. رۇسىيىنىڭ ئەسلى مەنسۇپ بولغان ئورۇن ۋە سەپكە قايتىپ كېلىشى رۇسىيىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا پايدىلىق بولۇپ قالماي، شەرقى تۈركىستان ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. چۈنكى، خىتاي بىلەن رۇسلار قوينىدا بىر بىرىگە پىچاق ساقلاۋاتقان يالغان دوستلار.
رۇسلار، شەرقى تۈركىستاندىن ۋاز كەچمەيدۇ. ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە رۇسىيەدە تەسىرى ئەڭ كۇچلۇك بولغان ئاكادېمىسيەن ئالېكساندىر دۇگىن “رۇسىيىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىتى” دىگەن كىتابىدا شۇنداق يازىدۇ؛ “ شىنجاڭ ۋە تىبەت بولماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە غەربى سىبىريەگە ھۇجۇم قىلالىشى ئىمكانسىزدۇر. بۇ زىمىنلار خىتاينىڭ كونترولدىن چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ رايونلاردا مۇقىمسىزلىقنىڭ باشلىنىشىنىڭ ئوزىلا رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ… موڭغۇلىيە، شىنجاڭ ۋە تىبەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىم… رۇسىيە، بۇ كۆۋرۈك بېشى يەرلەرنى خىتايدىن ئاجىرتىۋېتىشى لازىم.” ( رۇس جەئوپولىتىگى – 190-191.بەت. تۈركچە- ئالېكساندىر دۇگىن. 2010.يىلى -RUS JEOPOLİTİĞİ – ALEKSANDR DUGİN-). دۇگىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى پۇتىن ۋە رۇس گېنىراللار كۈندىلىك دەپتەرلىرىگە خاتىرە قالدۇرمايدۇ دەپ ئويلامسىز؟! )خىتاي، تەيۋەن ۋە ھىندىستان چىگرىسىدا جۇۋا تاراقشىتىپ دىققەتنى ئۇ تەرەپلەرگە جەلىپ قىلىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، تۇيۇقسىز قازاقىستانغا ھۇجۇم قىلىش ئىھتىمالىنى دۇگىننىڭ تەھلىللەرەدەن ھىس قىلىش مۇمكىن. قازاقىستان بىلەن شەرقى تۇركىستاننىڭ 1700 كىلومېتىرلىق چىگرا لىنيەسى بويىچە خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەربى تەييارلىقلىرى قازاقلارنىڭ ئۇيقىسىنى ئاچالمىغان بولسىۇمۇ، رۇسلارنى جىددى بىئارام قىلىۋاتقانلىغى ئىنىق. بۇ توغرۇلۇق باشقا بىر ماقالىدا تەپسىلى توختىلىمەن.(
رۇسىيىگە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننىڭ پايدىسى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. شەرقى تۇركىستان رۇسىيىنىڭ نېفت، تەبىئىى گازلىرىنى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتاشتۇرۇشتا يىگانە ۋە ئەڭ قىسقا مەنزىلدۇر. رۇسىيە دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ تەبىئىى گاز ۋە نېفت زاپىسىغا ئىگە دۆلەت. ھىندىستان، بىنگال، مىياممار، پاكىستان قاتارلىق جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 2 مىليارتقا يېقىن نۇپۇس ياشايدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىنىرگىيەگە جىددى ئېھتىياجى بار. بۇ ئىقتىسادى مەنپەئەت، پۇرسىتى كەلگەندە رۇسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ بىرلىكتە ھەركەت قىلىشىغا تۆتكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۇنكى، شەرقى تۇركىستاننىڭ مۇستەقىللىغىدىدىن ئەڭ كوپ پايدا ئالغۇچىلار رۇسىيە بىلەن ھىندىستان بولىدۇ.

شۇ نۇقتىنى دىققىتىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك؛ غەرب دۆلەتلىرى ئارسىدا رۇسيەنى بۇرۇن پارچىلاش كېرەكمۇ ياكى خىتاينى بۇرۇن پارچىلاش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە تېخى بىر قارارغا كەلگىنى يوق. بۇگۈنكى ۋەزىيەتتىن چىقىش قىلغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسيەنى بۇرۇن پارچىلاش تەرىپىدە. ئامېرىكىنىڭ كۆزقارىشى پەرقلىق. 2022.يىللىق ئىقتىسادى كۇچ سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتىدا ئامېرىكا 25،350 ترىليون دولارلىق ئىقتىسادى ھەجىمى بىلەن بىرىنجىلىكنى ئىگەللىسە، رۇسىيە 1،829 تىرىليون دوللار بىلەن 11. قاتاردا يەر ئالىدۇ. خىتاي بولسا 19،9 تىرىليون دوللار بىلەن 2. قاتاردا يەر ئالماقتا. يەنى ئامېرىكا ئۈچۈن رۇسىيە تەھدىت بولغۇچىلىك كۈچتىن ئاللىبۇرۇن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن. ئامېرىكىغا ھەر جەھەتتىن جىددى تەھدىت يارىتىۋاتقان كۇچ خىتاي. خىتاي خاراكتېرى، پۇرسەتپەرەسلىكنى “تاكتىكا” دەپ پەدەزلەيدۇ. خىتايلار 1970. يىللىرى سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگىنىگە ئوخشاش، بىر يۇمۇلاپ، رۇسىيىگە قارشى ئامېرىكا بىلەن تەكرار ئىتىپاقداش ھالىغا كەلسە، ئامېرىكا، خىتاينىڭ سىبىريەنى ئىشغال قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يېشىل چىراق ياندۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر شارائىت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى تەقدىرىنى تېخىمۇ قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىشى مۇمكىن. ئەگەر رۇسىيە، بۇگۈنكى چىقماس ھالتا كۇچىدىن قايتىپ دېموكراتىك ئەركىن دۇنيا تەرەپتە يەر ئالسا، خىتاي تەھدىتىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش چەمبىرى شەكىللىنىشى مۇمكىن ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن “مەرتنى مەيداندا سىناش” پۇرسىتى تۇغۇلۇشى مۇمكىن. نوۋەتتىكى ۋەزىيەتتە پۇتىننىڭ سىياسى ئومرى تاماملانماي تۇرۇپ رۇسىيەنىڭ دېموكىراتىك دۇنيا سېپىدە ئورۇن ئېلىشى ناتايىن.

8. خىتايلار بىلەن شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا ئۇرۇش باشلانسا جەريان قانداق تەرەققى قىلىدۇ؟

خىتاينىڭ قارشىسىدىكى بۈيۈك دۆلەتلەر ۋە خىتاي شاھمات ئوينىغۇچىلار.ئۇيغۇرلار بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى شاھمات. ئۇيغۇرلار بۈگۈن شاھمات، ئەتىمۇ شاھمات. دەۋر ئايلىنىپ ئۇيغۇرلار قاچان شاھمات ئوينىغۇچى بولىدۇ؟ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، بىر مىللەتنىڭ مىللى خاراكتېرى ئو مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. تەبىەتنىڭ قانۇنىيىتى شۇ؛ بارلىق جانلىقلار ئىچىدە كۇچلۇق ۋە چىداملىق بولغانلار ياشايدۇ ۋە نەسلىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.
خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قولىدا بولغان ۋە بولمىغان زامانىۋى قۇرال- ياراق بىزدە بولۇش شەرتى ئاستىدا، ئەسكىرى تەلىم تەربىيە، ئىستىغبارات ۋە ئارقا سەپ تەمىناتنىڭ داۋاملىشىشى كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلب دۇنياسىدا كۆمۈلۈپ ياتقان قەھرىمانلىق روھى جۇش ئۇۇرۇپ ئورتىغا چىقىشىدا شۆھبە يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قانداق قەھرىمان مىللەت بولغانلىغى توغرۇلۇق ”سەددىچىن سېپىلى“ دىگەن كىتاپتا تەپسىلى مەلۇمات بار. 10 مىليون كىشىنىڭ جەسىدى ئۈستىدە يۈكسەلگەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ قارشىسىدا ھېچ ئىشقا يارمىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ “ مىلادى 553.يىلىدىن 572.يىلىغىچە پەقەتلا جۇ دولىتى ئۇيغۇرلارغا ھەر يىلى 100 مىڭ توپ يىپەك )ھەدىيە( بىرەتتى. ئۇيغۇرلار، خىتايلارنىڭ مەرتلىكلىرىنى كوزگە ئىلمەيدىغان دەرىجىدە باي ئىدى“.
)سەددىچىن سېپىلى – تۇركچە – 126.بەت. (Çin Seddi – Dünyaya karşı 3000 yıl – JULLİA LOVELL تارىختا سەددىچىن سېپىلىنى بوسۈپ ئوتكەن قەھرىمانلىق مىللى روھنى تەكرار ئويغانمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟

ئۇرۇش خىتاينى ھالسىرىتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنى تېخىمۇ ئېغىر چىقىمغا ئۇچۇرىتىدۇ. چۈنكى، ئۇرۇشنىڭ كۆپ قىسمى شەرقى تۈركىستان زېمىنىدا جەريان قىلىدۇ. بەزى شەھەرلەر تامامەن يوق بولىشى، بەزى شەھەرلەر ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن. خىتايلار مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەندە، ئۇيغۇرلارغا قارشى خىمىيىلىك، بىولوگىيەلىك ۋە يادرولۇق قوراللارنى ئىشلىتىشتىن چېكىنمەيدۇ. خىتاينىڭ بۇ قارا نىيىتىنى توسۇپ قېلىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل قوراللارغا ئىگە بولغان ھالدا ھازىر تۇرسا ياكى ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەر بۇ خىل قوراللارنى شەرقى تۈركىستانغا يېقىن نۇقتىلاردا ھازىر ھالدا تۇتۇپ تۇرغاندىلا خىتايلارنىڭ بۇ قارا نىيىتىنى توسۇپ قېلىش تامامەن مۇمكىن.

دۇنيا ئۇرۇش تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بولۇپمۇ مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاساس قىلغان ئېتنىك ئۇرۇشلار ئۇزۇن سۈرگەن ۋە ھەر ئىككى تەرەپنى خاراب قىلىش تەسىرى زور بولغان. مەسىلەن؛ 1948.يىلى 5.ئاينىڭ 14. كۈنى ئىسرائىل مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئەرەب بىرلىكى ئىسرائىلغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى ۋە ئۇرۇش باشلاندى. ئارىدىن 78 يىل ئۆتتى ئۇرۇش توختىغىنى يوق. ئىككى تەرەپ قايىل بولغىدەك بىر تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل بولغىنى يوق. ئافغانىستانغا رۇس ئارمىيىسى 1979. يىلى بېسىپ كىرگەن، بۇ يىل ئۇرۇشنىڭ 44. يىلى، ئەزەربەيجان – ئەرمىنىيە ئارىسىدىكى قاراباغ ئۇرۇشى 1988. يىلى باشلانغان بۇ يىل 35. يىلى بولدى. ئىسرائىلدىمۇ، ئافغانىستاندىمۇ، ئەزەربەيجاندىمۇ بومبىلارنىڭ ئىس -تۈتەكلىرى پەسەيگىنى يوق.
خىتاي بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش قانچىلىك ۋاقىت داۋام قىلىدۇ؟ بۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۇچ ۋە ئىرادىسىگە باغلىق. ئەگەر ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە، ھىندىستان،ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق خىتايدىن بىۋاستە تەھدىت كۆرۈۋاتقان دۆلەتلەر بىرلىكتە خىتاينى تەكرار سەددىچىن سېپىلى ئىچىدىن چىقماي ياشايدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرەلىسە، ئۇرۇش ئۇزۇن يىللارغا يېيىلماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى بۈگۈن ئوكراينا ئارقىلىق رۇسىيەنى ئاجىزلىتىش تاكتىكىسىنى قوللانغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلار ئارقىلىق خىتاينى ئاجىزلىتىش تاكتىكىسىنى تاللىسا، خىتاي بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئۇرۇش 30 يىل، ھەتتا 50 يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. بىز شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىنمۇ، شەرقى ۋە شىمالى رايونلىرىمىزدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە ئەڭ ئاز 50 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
خىتاي، ياۋرۇپا مىللەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان بىر ياۋرۇپا دۆلىتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولغان بولسا ئىدى، 21. ئەسىردە دۇنيادىن نۇمۇس قىلىپ بولسىمۇ بۇ زېمىننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن بولاتتى. خىتاي ئۇرۇشتا يېڭىلمەي تۇرۇپ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن چېكىنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قېتىملىق ھايات ماماتلىق قانلىق ئۇرۇشتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس.
ماۋزېدوڭنىڭ “ياخشى ئىشتىن يامان نەتىجە، يامان ئىشتىن ياخشى نەتىجە چىقىشى مۇمكىن” دەيدىغان بىر سۆزى بار. خىتاينىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى گەرچە ئىنتايىن قەبىھ بىر يامان ئىش بولسىمۇ، بارلىق ئۇيغۇرلاردا، ياكى ۋەتەن ئازادلىقى ۋە ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئەركىن ياشاش يولىدا كۈرەش قىلىپ ئۆلۈپ تۈگەپ كېتىش، ياكى ۋەتەننى ئازات قىلىپ، ئازات ۋەتەندە ئەركىن ياشاش ئىرادىسىدىن ئىبارەت ياخشى نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈردى. گەرچە ئۇيغۇر مىللىتى، تارىختا ئاز كۆرىنىدىغان ئېغىر بەدەللەرنى ئۆتەشكە مەجبۇر قالغان بولسىمۇ، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، 100 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان ئۇيغۇر مىللى ئويغىنىش جەريانىنى خىتايلار 5 يىلغا سىغدۇرۇپ تاماملىدى. يەنى، ئاللاھ خىتاينىڭ غايەت زور تۆمۈر مۇشتى ئارقىلىق يوقۇلۇش گىرداۋىدىمۇ ئۇخلاپ ياتقان ئۇيغۇر مىللى روھىنىڭ چۇچۇپ ئويغۇنىشغا ۋەسىلە بولدى. تاڭ ئاتمايدىغان كېچە، ئويغانمايدىغان روھ يوقتۇر. بىر مىللەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك زەپىرى، ھەقىقى مىللى ئويغۇنىشتىن كېيىن مەيدانغا كېلىدۇ. قورقۇپ ياشاشنىڭ ئازابى ئۆلۈمدىن يامان. خىتايدىن قورقۇپ ياشىغان مىليونلىغان ئۇيغۇر قىز- يىگىتلەر، خىتايدىن قورقمايدىغان ئاز ساندىكى قەھرىمان ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاشلا سوغۇق تۇپراق ئاستىغا كۆمۈۋېتىلدى. روھى خىتايلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى. ھايات قالغان قورقۇنچاقلارنىڭمۇ يۈرىكى پىشتى. پۈتۈن مىللەتتە، “ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئورتاق ئىكەن” دېگەن پىكىرنىڭ شەكىللىنىشى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن بۈيۈك قىممەتكە ئىگە. ئۇيغۇر مىللىتى، روھىنى چىرمىۋالغان ئاسارەت زەنجىرىدىن ئاساسەن قۇتۇلدى. ئەندى، نۆۋەت جىسمانىيىتىمىزنى چىرمىغان زەنجىرنى پاچاقلاپ تاشلاشقا كەلدى. زۇلۇم، پەقەتلا خىتاي مىللىتى ئۈچۈنلا تەربىيە ۋاستىسى بولۇشى مۇمكىن. باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، زۇلۇم ئىنسان روھىنى تاۋلايدىغان بىر پىچتۇر. بىز ئۇيغۇرلار ھەممىمىز مۇسۇلمان. ئىسلام دىنى زۇلۇمغا قارشى تولغاقتىن تۇغۇلغان بىر دىن. زۇلۇمنى قوبۇل قىلىش، ئىماندىن ئاچىراپ كېتىش دىمەكتۇر.

تۈرك شائىرى مىتھات جەمال كۇنتاي (1885-1956) نىڭ شىئىرىدە مەشھۇر بىر مىسرا بار “ توپىراق،ئەگەر ئۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئۆلگۈچى بولغاندىلا ۋەتەندۇر.” ۋەتەن سۆيگۈسى ئىماندىن كېلىدۇ، دىگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەتەنگە ئېرىشىشنىڭ بەدىلى شەھىتلىكتۇر. بىز ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋەتىنىمىزدە، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋەتىنىمىزدە، دىن ۋە ئۆرف-ئادىتىمىز ۋەتىنىمىزدە، ھۇزۇر ۋە بەخت – سائادىتىمىز ۋەتىنىمىزدە، كېلەچەگىمىز ۋەتىنىمىزدە. ۋەتەننى يوقاتتۇق، ھەممىسىنى ئىلكىمىزدىن قاچۇردۇق. ۋەتەنگە ئېرىشمەي تۇرۇپ ھېچبىرسىگە ئېرىشەلمەيمىز. بۈگۈن ۋەتەن بىزدىن قان، جان تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۆزىنى شەرقى تۈركىستانلىق دېگۈچىلەر ئۈچۈن فورمۇلا شۇ؛ ۋەتەن+قان = ئازادلىق.

ئافغانىستاننىڭ 1979. يىلدىكى نوپۇسى 24 مىليون ئىدى. 2022. يىلدىكى نوپۇسى 38 مىليون 346 مىڭ. ئەگەر بىر خەلق ئۇرۇشتا ئۆلۈپ تۈگەپ كېتىدىغان بولسا ئىدى، ئافغانىستانلىقلار تۈگەپ كەتكەن بۇلاتتى. 40 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا مىليونلىغان ئادەم ئۆلۈپ، مىليونلىغان ئافغان ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، 40 يىل جەريانىدا ئافغانىستان چېگرىسى ئىچىدە 14 مىليون نۇپۇس كۆپەيگەن. بىر مىللەت ئۇرۇشتا تۈگەپ كەتمەيدۇ، سۈكۈتتە تۈگەپ كېتىدۇ.
غەلىبە كۇچى بولغانغا ئەمەس. ئېتىقادى بولغانغا مەنسۇپتۇر. ئەگەر ئۇيغۇر مىللىتى مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى خالىسا، غەرىپكە قاراپ ئەمەس، شەرىققە قاراپ ئىلگىرىلىشى شەرت.
بۇ كۈرەش قاچان، قەيەردە، قانداق باشلىنىدۇ؟ ئىشتىياق بىلەن ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى سەبىر – تاقەت بىلەن كۈتۈشى، قاراڭغۇ خالتا كوچىغا كىرىپ قېلىپ كۈچىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىشتىن قەتئىي تۈردە ساقلىنىشى لازىم.

9. ئەگەر ئۇرۇش باشلىنىپ بىر نۇقتىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارغا دوست، خىتايغا دۈشمەن بولغان كۈچلەرنىڭ مەيدانى ئۆزگىرىپ ياردەمنى توختىتىپ قويسا بىز قانداق قىلىمىز؟

ئۇيغۇر مىللىتى شۇنى بىلىشى لازىمكى، ھېچبىر دۆلەت ئۇيغۇرلارغا قارشىلىقسىز ياردەم قىلمايدۇ. بىزمۇ، چەتئەلدىن ياردەم كۈتۈپلا تىلەمچىلىككە قول ئېچىپ تۇرىدىغان بىر مىللەت ئەمەس. تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەندىلا، چەئەللىكلەردىن ياردەم ئەمەس، قەرز ئالىمىز. شەرقى تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم بۆلگىسىنى ئازات قىلىش بىلانلا ئۇرۇش چىقىمىنى ئۆتەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئېرىشىمىز. شەرقى تۈركىستاندىن خىتايغا سوزۇلغان 4 تۇررۇبا لىنىيىسىدىن خىتايغا نېفت، تەبىئىى گاز ئېقىۋاتىدۇ. پاكىستاننىڭ گۋادار- قەشقەر تۇررۇبا يولىمۇ تەييارلىنىۋاتىدۇ. بۇ تۇررۇبا يوللىرىنى ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ خىتايغا ئەمەس، چەتئەلگە ئاقىدىغان ھالغا كەلتۈرىمىز. يەنى بۇگۈنكى پومپىلاش تەسىسلىرىنى ئىېقىش يۆنۈلىشىنى تەتۈر تەرەپكە ئاقىدىغان قىلىپ تۈزىتىمىز. (ئەلبەتتە چەتئەلنىڭ ئىلغار تەخنولوگىيەسىگە ئېھتىياجىمىز بولىدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا يۇرتىمىزنىڭ ھەر يېرى يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولۇپ تاشقان. ئۇلارنىمۇ نەخ پۇلغا ئايلاندۇرىدىغان مىخاينىزىمنى قۇرىمىز. بۇ توغرۇلۇق ھازىرچە تەپسىلى توختالمايمەن. خەلقىمىز شۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلىشى لازىمكى، بىز ياردەمگە تايىنىپ ئەمەس، ئۆز كۇچىمىزغا تايىنىپ ۋەتەننىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىنى تاللايمىز. ئەنە شۇ چاغدا، شاھمات بولۇشتىن چىقىپ، شاھمات ئوينىغۇچى نامىزاتقا ئايلىنالايمىز. تەقدىرىمىزنىڭ كىلەچەگى توغرۇلۇق ئۆزىمىز قارار قىلىپ، ئۆز قارارىمىز بويىچە ھەركەت قىلالىشىمىز ئۈچۈن ئىقتىسادى مەنبەنى ئۆزىمىز ھەل قىلالايدىغان ئىمكان ۋە قابىلىيىتىمىزنىڭ بولىشى شەرت.

شۇ مۇھىم نۇقتىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، خىتاينىڭ ”بىر يول، بىر بەلۋاغ“ پىلانى قىسمەن ئەمەلىيلەشتى. خىتاينىڭ پەقەتلا گۋادار – قەشقەر “بىر يول- بىر بەلۋاغ” پىلانى ئۈچۈن 2018. يىلىغىچە خەجلىگەن پۇلى 63 مىليارد دوللار. 2030.يىلىغىچە خەجلەش پىلانلانغان مىقدار 100 مىليارد دوللار. خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى ئورتا ئاسىيا، ئىران ۋە ئەرەب قولتۇقى ئىنىرگىيەسىنى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق خىتايغا توشۇش. شەرقى تۈركىستانسىز خىتاينىڭ “بىر يول، بىر بەلۋاغ“ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل پىلانىدىن ئامېرىكىلقلارنىڭ ئاشكارە، رۇسلارنىڭ مەخپى شەكىلدە قىزغانچلىقى تۇتماقتا.ئامېرىكا، “بىر يول، بىر بەلۋاغ”نىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان ئىرانغا ئېمبارگو قويۇش ئارقىلىق، تۈركىيەنى سۈرىيەلىك كۈرتلەر بىلەن مەشغۇل قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئالغان بەزى تەدبىرلىرى خىتايغا بەك كۆپ تەسىر كۆرسەتكىنى يوق. بۇلتۇر باشلانغان رۇسىيە- ئوكراينا ئۇرۇشى خىتاينىڭ شىمالى لىنىيە “بىر يول، بىر بەلۋاغ” نى رەسمى كەسىپ تاشلىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا بىر فرونت ئېچىشى ئۈچۈن ئامېرىكا يېشىل چىراق ياقسا، خىتاينى تارىخنىڭ 100 يىل ئارقىسىغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، “بىر يول، بىر بەلۋاغ” پىلانى ئەبەدىي ئەخلەتكە تاشلانغان پېتى قالىدۇ.
ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىپ، ماۋنىڭ رەسىمى بولغان يۇۋەننىڭ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بېشىغا يانچىپ چۆكۈرىۋېتىشىگە چىداپ تۇرالمايدىغان بولسا ( مېنىڭچە چىداپ تۇرالمايدۇ)، ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئۈنۈملۈك چارە يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى، شەرقى تۈركىستان ۋە ئورتا ئاسىيا ئىنىرگىيەسىنى تۇررۇبا يولى ئارقىلىق غەرب ۋە جەنۇبقا تۇشۇشتىن ئىبارەت ئۇيغۇر پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۇچ چىقىرىش، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

10. ئەگەر خىتاي دېموكراتىيىگە ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارغا ھەقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرسىچۇ؟

كېلەچەك، ئۆتمۈشنى ئۇنۇتمىغانلارنىڭ كونتىرلىدا بولىدۇ. “ئىككى يىلىم ئۈرۈمچى تۈرمىلىرىدا ئۆتتى. (1915-1916.يىلى)… مۇسۇلمان (ئۇيغۇرلار)نىڭ كىچىككىنە بىر سەۋەنلىكى كۆرۈلسە، (خىتايلار) ئۇلارنىڭ ۋۇجۇتلىرىغا قىزىتىلغان تۆمۈر تامغىلارنى باساتتى، كېيىملىرىنى سالدۇرۇپ، قىپيالىڭاچ قىلىپ قويۇپ تىكەنلىك سىم قامچىلار بىلەن چارچىغىچە ئۇراتتى. بويۇنلىرىنى قېلىن، ئۇزۇن زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا، مەھەللىلەردە، ئۈرۈمچى كوچىلاردا ئىتنى سۆرىگەندەك سۆرەپ سازايى قىلاتتى… ئىرقى ۋە ئەخلاقى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بۇ قېرىنداشلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئازراق ھېسداشلىق قىلىشمۇ كەچۈرۈلمەس جىنايەت ھېسابلىناتتى.” ( چىن- تۈركىستان خاتىرالىرى – Habibzade Ahmed Kemal-Çin- Türkistan Hatıralarıı 191-192. بەت.- تۈركچە -ھەبىبزادە ئەھمەت كامال).
مېھرىگۈل تۇرسۇن؛ “ 2015.يىلى 5. ئاينىڭ 15. كۈنى ئۈچكېزەك بوۋاق بالام بىلەن ئۈرۈمچى ئايدۇرومىغا چۈشتۈم. تېخى 2 ئايلىق بولغان، ئانا سۈتى ئېمىۋاتقان بوۋاق بالىلىرىمنى تارتىۋالدى. مىنىڭ بېشىمغا خالتا كىيگۈزۈپ، قولۇمغا كويزا سېلىپ خىجاسەن تۇرمىسىغا سۇلاپ قويدى. تۇرمىدا بېشىمغا تۆمۈر چەمبەر كەيدۈرۈپ توك ئۆتكۈزگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى. ئاغرىق ئازاۋى سۈڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ..تەستەكلەر بىلەن ئۇردى. شۇڭا بىر قۇلۇغۇم بەك ئاڭلىماس بولۇپ قالدى… 60-70 دەك ئايال بىلەن بىللە قالدىم. مەن تۇرىۋاتقان كامېردا 3 ئايدا 9 ئۇيغۇر ئايال ئۆلدى….بىر بالامنىڭ ئۆلۈكىنى بەردى. قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمەن….ئېرىم مىسىرلىق بولغانلىغى ئۈچۈن مىسىر ئەلچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن 2018.يىلى 4. ئاينىڭ 28.كۈنى ھاياتتا قالغان 2 بالام بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدىم. مىسىرغا كەلگەندە، مەن ۋە بالىلىرىمنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ ۋەتەنگە كەلگەن يولدۇشۇمنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن 16 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئۆگەندىم….” (ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى)
ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشتا 1915. يىلدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن 2015.يىلدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر پەرقى بارمۇ؟ يىلان پوستىنى تاشلىسىمۇ خۇيىنى تاشلىمايدۇ.

ئەنگلىيىلىك تارىخچى جوھن كەئا( JOHN KEAY ) “ 1759.يىلى ئاخىرىدا ئىمپېراتور چىئان لوڭ، جۇڭغارىيەدە 600 مىڭ موڭغولنى قىرىپ تۈگەتتى.” دەپ يازىدۇ ۋە بۇنىڭ بىر مىللى قىرغىنچىلىق بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ موڭغۇللارنىڭ چارۋا مال،يايلاق ۋە ئورمانلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، موڭغۇللارنىڭ ئۇزۇق- تۈلۈك، كېيىم -كېچەكلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن كەلگەنلىكىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئىنتىزاملىق ئارمىيىسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن ۋە بولاڭ – تالاڭ قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ تىل، دىن، ئۆرپ- ئادەتلىرىگە قىلچىمۇ ئىتىۋار قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. (Çin Tarihi-431-432. بەت. تۈركچە- جون كەئاي) بۇگۈنكى خىتايلارنىڭ 1759. يىللىرىدىكى خىتايلاردىن بىر پەرقى بارمۇ؟

بەزىلەر، خىتايلار دېموكراتىيىگە ئۆتسە سىياسەت بىرئاز يۇمشايدۇ، دىن، تىل، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە گۈنللەندۈرۈش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ. مىللى مائارىپنى رىۋاجىلاندۇرالايمىز، ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ گۈللىنىش بولىدۇ… دىيىشىدۇ. بەلكى شۇنداق بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ بىر ئۆتكۈنچى دەۋىر. خىتايلار يېڭى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، يەنە بىر باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنى قېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنداق پاكىتلار گومىنداڭ، گوڭچەنداقنىڭ يېڭى دەۋرلىرىدە بولمىدىمۇ؟

شەرقى تۈركىستاندا مىللى زۇلۇم سىياسىتىنى ئەڭ قاتتىق يۈرگۈزۈۋاتقان “شىڭ شىسەينىڭ ئەسكەر سانى 20 مىڭ ئىدى…شىڭ شىسەينىڭ 10 يىللق دىكتاتۇرلۇق ھاكىمىيىتى جەريانىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇرمىلارغا سولاندى، تەن جازاسىغا ئۇچرىدى، سۈرگۈنگە يوللاندى. مىڭلىغان ئىنسان ئۆلتۈرۈلدى.” ( شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇرۇشقاق بەگلەر 279-295.بەتلەر. تۈركچە – ئاندرەۋ د.ۋ. فوربەسDoğu Türkistan’daki Harp Beyleri -Andrew D:W. Forbes-).

1945. يىلى 8. ئاينىڭ 15. كۈنى ياپونىيە تەسلىم بولدى. گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قۇرال تاپشۇرغان ياپون ئەسكىرى سانى 1 مىليون 870 مىڭ نەپەر ئىدى. ياپونلار تەسلىم بولغاندا خىتاينىڭ پەقەتلا گومىنداڭغا ئائىت مۇنتىزىم ئەسكەر سانى 2 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئەينى زاماندىكى زامانىۋى قوراللىرى بىلەن قوراللانغان. ئۇرۇشىدىغان دۈشمەنسىز قالغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يۇنۇلۇش نىشانى شەرقى تۇركىستان ئىدى. لەنجۇ ھەربى قىسىمنىڭ باش قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جاڭ جى جوڭ گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن 1945. يىلى 9. ئاينىڭ 13. كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، لەنجۇ ھەربىي قىسىمغا ئائىت 50 مىڭ خىتاي ئەسكىرى شەرقى تۈركىستان چىگىسى ئىچىگە كىرىپ بولغان. 10. ئاينىڭ 14. كۈنى غۇلجىدىن كەلگەن شەرقى تۈركىستان ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ۋەكىللىرى كېلىشىم ئۈستىلىگە ئولتۇردى. كېلىشىم داۋام قىلدى. كېلىشىم باشلىنىپ 1945. يىلى 12. ئاينىڭ 30. كۈنىگە قەدەر گەنسۇ ئارقىلىق يەنە 50 مىڭ خىتاي ئەسكىرى شەرقى تۈركىستانغا كىرىپ كەلدى. 1946. يىلى 6. ئاينىڭ 6. كۈنى كېلىشىم ئىمازالاندغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقى تۈركىستانغا يەنە 100 مىڭ خىتاي ئەسكىرى كەلدى ۋە يەرلەشتى. گەرچە ئۇيغۇر، قازاقلار مۇستەملىكە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت دائىرلىرىدە ھاكىمىيەتكە ئورتاق قىلىنغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، بۇ ۋاقىت ئىچىدە قۇمۇل- تۇرپان، تارىم ۋادىسى ۋە ئۈرۈمچى ئەتىراپىغا خىتاي ئەسكەرلىرى توشۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ كۆپۈكچىسى ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان، ئامېرىكا ۋە ياپونلارنىڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەر ئىدى. كېلىشىم پەقەت ۋاقىت قازىنىش ئۈچۈنلا ئىدى. خىتايلارنىڭ ھەربىي پىلانلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن كېلىشىمنى بۇزدى. 1947. يىلىدىن باشلاپ شەرقى تۈركىستان ئارمىيىسى بىلەن ئوسمان باتۇر قۇشۇنلىرىنى ئۆزئارا قىردۇرۇش تاكتىكىسى باشلاندى…ئاخىردا شەرقى تۈركىستان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن پاجىيەلىك بىر شەكىلدە ئايرىلىپ قالغان بىز، مىللەت سۈپىتىدە باشسىز يېتىم قالدۇرۇلدۇق.

خىتاي كومىنىستىك پارتىيسى 5-6 يىل كەڭچىلىك قىلغاندەك كۆرۈندى-يۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتىنى قانداق قان قۇستۇرغانلىقىنى ھەممىمىز ئازاپ ئىچىدە ياشاپ كەلدۇق.
ماركسىزمنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىدىن بىرى مىللەتچىلىكنى رەت قىلىشتۇر. ماركىسىزم ئېتىقادىنى قىبلىنەما قىلغان خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن مىللى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان تۇرسا، ئۆزلىرىنى دېموكرات دەپ كېلىدىغان خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بىزگە شاپائەت كېلىشى مۇمكىنمۇ؟ خىتايلار بىزگە جەننەت ۋەدە قىلسىمۇ، بىز ئۇ “جەننەت”كە كىرمەيمىز. خىتاينىڭ جەننىتىي بىز ئۈچۈن دوزاق.
خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتىشى دېمەك، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سېپىدە يەر ئېلىشى دېمەكتۇر. ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە يەر ئالغان خىتايدىن ئۇرۇش ۋەھىمىسى ئۇزاقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇش ۋەھىمىسى خىتايدىن ئۇزاقلىشىپ كەتتى دېمەك، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئۆلۈم ۋەھىمىسىنىڭ تەكرار قايتىپ كېلىشى دېمەكتۇر. چۈنكى غەرب، بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە خىتاي بازىرىنىڭ ئىشتىياقىدا، ئۇيغۇردىن ئىبارەت كىچىككىنە كوزۇرنى قولىدىن تاشلىۋېتىپ قالىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارغا يېقىنلاپ كەلگەن ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق قوياشىنى قارا بولۇت توسۇۋالىدۇ ۋە ئەبەدىي قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىلىمىز. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى دۈشمەنلىك مەيدانىدا تەلۋىلەرچە تۇرۇشى پايدىلىقمۇ ياكى بىر دومىلاپ دەېمۇكىراتىگە ئوتۈۋېلىشى پايدىلىقمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالى قاتلىمى تەپەككۇر قىلىشى ۋە كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى پايدىلىق. غايە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق دەيدىكەنمىز، بۇ مەنزىلگە ئۇلىشىش ئۈچۈن قايسى يول، قانداق ۋاسىتە ۋە ئىمكانلاردىن قانداق پايدىلىنىش ياكى پايدىلانماسلىق مەسىلىسى، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىكنى ياكى قوللۇقنى تاللاش پۇزىتسىيىمىزنى ئۆلچەشنىڭ تارازىسىدۇر.

ئاخىردا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ شۇ مەشھۇر سۆزلىرىنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم؛ “بىر مىللەتنىڭ شان- شەرىپىنىڭ، غۇرۇر- ئىپتىخارىنىڭ، ئىپپەت- نۇمۇسىنىڭ، ئىنسانلىق خىسلىتىنىڭ قوغدىلىپ قېلىنىشى، ئۇ مىللەت ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققا ئىگە بولغاندىلا كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ.”

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:
Türkçe, 191-190بەت., 2010,  Avrasyacı Yaklaşım Jeopolitiği Rus. Dugin Aleksandr] 1[
126.P, 2008, Yıl 3000 Karşı Dünyaya Seddi Çin. Lowell Julia] 2[
192-191.pp, 1996,  Türkistan-Çin Hatıraları.-Habibzade Ahmed Kemal  ] 3[
432-P431, 2011, Çin Tarihi. Keay John] 4[
295-279.pp, 1991, Beyleri Harp daki’Doğu Türkistan . Forbes. W.D Andrew] 5[

Share
2648 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.