logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەر قېرىنداش، ۋەتەنداش ۋە تەقدىرداش خەلقلەردۇر

                                                     ئېرپان مۇزەپپەر

پۈتكۈل تۈركىستان بۇ زىمىندا ماكانلاشقان ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر. بۇ بىپايان كەتكەن مۇنپەت زىمىندا ياشايدىغان ھەر قايسى تۈركىي قوۋملىرىنىڭ ئاھالىلىرى توپلاشقان ۋە تارقاقلاشقان ھالەتتىكى جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك ماكانلىشىشنى شەكىللەندۈرگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادا 9 – ئەسىردىن تارتىپ 13-  ئەسىرگە قەدەر بولغان 300  يىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى –  قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ دۆلەت تېرىتورىيىسى « تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى مىڭلاق ۋادىلىرى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەريا ۋادىسى ۋە ئىسسىقكۆل ئەتراپى شۇنىڭدەڭ ماۋەرائۇننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالغان ئىدى.» ( قەدىمكى ئۇيغۇرلار ھاجى نۇرھاجى: « ۋە قاراخانلار» دىن، 2009-  يىل نەشرى).

چىڭ مانجۇر ئىمپېرىيىسى بىلەن چارروسىيە ئىمپېرىيىسى تۈركىستاننى ئىككىگە پارچىلاپ بۆلۈپ ئالغاندىن كېيىن پۈتكۈل تۈركىستان جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستاندىن ئىبارەت نام بىلەن ئاتالدى.  شۇندىن باشلاپ  ھەر قايسى تۈرك قوۋم ئاھالىلىرىنىڭ ۋەتىنى ئۆزلىرى ئولتۇراقلاش جاي بولۇپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى توپلاشقان تۈرك قوۋمىنىڭ خەلقى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان ھەر قايسى تارقاق تۈرك قوۋملىرىنىڭ خەلقلىرى —  قازاق ، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار قاتارلىق خەلقلەرنىڭ  ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركىستان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ تارقاق تۈرك مىللەتلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى مىللەت دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ھەرگىزمۇ ياكى قازاقىستان، ياكى قىرغىزىستان، ياكى ئۆزبېكىستان،ياكى تاتارىسىتان ئەمەس. بەزىبىر ئۇيغۇر سىياسىي ئاپالىيەتچىلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك ھالدا تاراتقۇلاردا « ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆزبېكىستانى، قازاقلانىڭ قازاقىستانى، قىرغىزلارنىڭ قىرغىزىستانى، تاتارلارنىڭ تاتارىستانى بار » دېگەندەك  مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇتۇقلارنى سۆزلەپ يۈرمەكتە. ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇنداق گەپلەر تارقىتىپ يۈرۈش بىر تەرەپتىن بۇ تۈرك  قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئازا ئىتتىپاقلىقىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلسە، بىر تەرەپتىن خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي قوۋملىرىنى پارچىلاپ يوقىتىشغا پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىلدىكى تۇتۇرۇقسىز ۋە جىڭدا توختىمايدىغان گەپ- سۆزلەر ئەينى  ۋاقىتتا يەنە باشقا كىشلەرنىڭ « دۆلەت تەۋەلىكى » دىن ئىبارەت كىشلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ تارقاق ھالەتتىكى تۈركىي قوۋملىرىنىڭ ئاھالىلىرى —  قازاق ، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار قاتارلىق خەلقلەر توپلاشقان تۈرك قوۋمىنىڭ ئاھالىلىرى — ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى قوۋم- قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتە ئۆتۈپ، ئېناق ياشاپ كېلىش بىلەن بىرگە تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقىنى بىللە باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن. ھەمدە تاشقى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى بىر ياقىدىن باش ، بىر يەڭدىن مۇش چىقىرىپ قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، ئۆز ئانا يۇرتىنى  قوغدىغان ۋە ساقلىغان!

شېڭ شىسەي زامانىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى تۈركىي  مىللەت خەلقلىرى ۋە باشقا يەرلىك مىللەت خەلقلىرى جاللات شېڭ شىسەينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىغا بىردەك ئۆچرىغان. شېڭ شىسەي پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بۇيىچە يەرلىك ھەر قايسى مىللەتلەرنىىڭ بايلىرى ۋە ئىلغار زىيالىيلىرىنى ئالا  قويماي تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەردە دەھشەتلىك قىيناپ ئۆلتۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدا ھەيدەر سايرانى، ئەلى ئىبراھىموۋ قاتارلىق تاتار جەدىتلەرنىڭ ئوينىغان رولى خېلى زۆر بولغان.

« شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مىنىستىرى ئورازبەگ ( قىرغىز ) ئىدى، ئەدىلىيە مىنىستىرى زىرىف قارى ھاجى ( ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھكىمە شەرئىيسىنىڭ باشلىقىمۇ بولغان)، سەھىيە مىنىستىرى ئابدۇللاخان، سودا مىنىستىرى سېتىۋالدىجانلار (ھەربىي ۋەزىپىمۇ ئۆتىگەن ) ئۆزبېك ئىدى. بۇندىن تاشقىرى  ھۆكۈمەتنىڭ  مەمۇرىي ئاپاراتلىرىدا سۇلتان بەگ بەختىيارزادە، ئىمىن قارى  سوپىزادە، مۇسا ئەپەندى، مۇھەممەت رىزاخان قاتارلىق  يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپلەردىكى ئۆزبېك خادىملار بار ئىدى.  ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق قىسملىرىدىمۇ ئۆزبېك ئوفىتسېر- جەڭچىلەر كۆپ ئىدى.  يۇسۇپجان مىڭبېشى، مۇللا مۇھەممەت ئىبراھىم، قۇدرەتتىللا تۆرە، موللا ئابدۇراخمان، كەرىمجان قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ئۆزبېك مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزبېك ئىدى. يۇسۇپجان مىڭبېشى (ئۆزبېك) 1500 ئارتۇق ئۆزبېك ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلغان.

20- ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە يۈزبەرگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئۆزىنىڭ مىللىي تەركىپلىرىنىڭ رەڭگا- رەڭ بولۇشى بىلەن دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر مىللىي ئازادلىق ھەركىتى ( مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى) بولۇپ خاراكتېرلىنىدۇ. تاجاۋۇزچى جۇڭخۋا مىنگو ئىمپېرىيىسىگە قوراللىق قارشى تۇرۇش ئارقىلىق مۇستەقىللىق، ئازاتلىق، ئەركىنلىك، دېموكىراتىيە ۋە باراۋەرلىككە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا شۇ ئۈچ رايوندا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ھەر مىللەت خەلقلىرى — ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، رۇس، توڭگان، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، شىبە، داغۇر ۋە تاجىك  قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەلقلىرى ئاكتىپ قاتناشقان ۋە باتۇرانە، قەيسەرلىك بىلەن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان.

ئىلى ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان فاتىخ موسىلىموۋنىڭ (فاتىخ باتۇر)  مىللىتى تاتار ئىدى. بۇ ئىنقىلاپتا ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن  قەھرىمانلەرچە جەڭ قىلىپ بىرىنچى قوربان بولغان ئازادلىق جەڭچىسى خەمىت موسىلىموۋ  فاتىخ موسىلىموۋنىڭ جىيەنى ئىدى. نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن ئەكبەر ۋە سېيتلار قازاق مىللىتىدىن ئىدى

مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى بولغان قازاق ئوفىتسېر-  جەڭچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى بەش مىڭ نەچچە يۈزدىن ئارتۇق ئىدى. مىللىي ئارمىيەدە ئۇيغۇر ئوفىتسېرلەردىن  باشقا يەنە  قىرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ۋە  باشقا يەرلىك مىللەتلەردىن كۆپلىگەن  ئوفىتسېرلار بار ئىدى.

قازاق ئوفىتسېرلاردىن يۈسۈپقان كۇنبايېۋ، جاغدا بابالىكوۋ مىڭ جىلقىيوۋ، موداغالى،ئاتباچىس، ئايتقان موبائايوۋ، قازىقان مانامايوۋ، سارسىنبېك ئەبىشوۋ، مەخمۇتجان سىنبايوۋ، بالقاش ئالىم غازى،ھاكىم ئۇرايىمبايوۋ قاتارلىقلار بار ئىدى.

تاتار ئوفىتسېرلاردىن فاتىخ موسىلىموۋ ،  مەرغۇپ ئىسھاقوۋ، بايچۇرىن رەفىق، ئايتۇغان يونىچىۋ ۋە مالىك گىمادىيوۋ قاتارلىقلار بار ئىدى.

ئۆزبېك ئوفتسېرلاردىن مىللىي ئارمىيە سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خوجا، پولكوۋنىك غاپپارخان شاكىرخوجايېۋ، پودپولكوۋنىك ئارسلانخان شاكىرخوجايېۋ (بۇ ئىككى ئۆزبېك ئوفىتسېر جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرەنىڭ ئوغۇللىرى بولىدۇ. ). شىمالىي فرونت گوسپىتالىنىڭ باشلىقى ئەخەت ئەززەم ئوغلى قاتارلىقلار بار ئىدى.

قازاق، تاتار ۋە ئۆزبېك ئوفىتسېرلار مىللىي ئارمىيەدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز، رۇس، موڭغۇل ۋە توڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كوماندىر پولكوۋنىكلىرى بىلەن جەڭ مەيدانلىرىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلىپ ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتتى. پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خوجا ۋە پولكوۋنىك غاپپارخان شاكىرخوجايېۋ  مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈچ فرونت بۇيىچە مۇستەقىللىق ئۇرۇشنىڭ غەلبىلىرىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئارقا سەپ تەمىنات خىزمەتلىرىنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەنلەردىن  ئىدى.

بۇ قېتىمقى ئازادلىق ئۇرۇشىىدا مۇستەقىللىق بايرىقىنى تەۋرەنمەستىن ئېگىز كۆتەرگەنلەرنىڭ بىرى « غۇلجا قوزغىلىڭى » غا رەھبەرلىك قىلغان « ئازادلىق تەشكىلاتى » نىڭ رەئىسى، جۇمھۇر رەئىس ئېلخان تۆرە ئۆزبېك ئىدى.

1945- يىلى 31- ئىيۇل مىللىي ئارمىيە چۆچەك شەھىرىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيەگە يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلغان ۋاقىتدا چۆچەك شەھەرلىك تاتار ئويۇشمىسى مىللىي ئارمىيەگە يېقىندىن ماسلىشىپ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تاتار ياشلىرىنىڭ مىللىي ئارمىيە قاتنىشىش سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى ئىشلەش نەتىجىسىدە « موتوروتا » نام بېرىلگەن  يېڭى مىللىي ئەرمىيە قىسمىنىڭ بىر ۋزۋودنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاتار ياشلىرىدىن ئىدى. بۇ روتا مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەربىي ئوپېراتسىيە–  شىخو ئوپېراتسىيە قاتنىشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىك تەشكىلاتى « شىنجاڭدا تىنچلىقنى تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ مەركىزىي تەشكىلى ھەيئىتىدە ئىسھاقبېك مونونوۋ ( قىرغىز)، شەمشى مامىيوۋ ( قازاق)،ئەسئەت ئىسھاقوۋ ( تاتار)  ۋە ئەنۋەرخانبابا ( ئۆزبېك ) لار بار ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىدا كۆپلىگەن قازاق، تاتار ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كادىر- خىزمەتچىلەر ئىشلىگەن.  مەسىلەن:

قازاقلاردىن ھۆكۈمەت ئەزاسى ئوبولخەيرى، ھۆكۈمەت ئەزاسى  جابۇقباي ئاقلاقچى، ئالتاي ۋالىسى باسباي چولاق ئوغلى باپىن،  چاغانتوقاي پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، جېمىنەي پارتىزانلىرىنىڭ رەھبىرى، ئالتاي ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى،  جېمىنەي ناھىيىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئولى رامازان بولىم، تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئورگان گېزىتى « خەلق ئاۋازى » گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى دۇبېك چالغىنبايوۋ،« ئېركنى ئالتاي » گېزىتىنىڭ مەسئول مۇھەررىرى مۇقاش جەكە ئوغلى، ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇسايىن سىيابايۇۋ،ئالتاي ۋالى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى، ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى ئالتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى قالى ئاباق،ئالتاي خانىم- قىزلار جەمئىتىنىڭ باشلىقى نۇرىلا خانىم ( دەللىقان سۇگۈربايوۋنىڭ ئاپىسى)، « شىنجاڭدا تىنچلىقنى تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» يەتتە ۋىلايەت ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزالىرى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى  مۇھەممەت ھەسەن ( قىرغىز) قاتارلىقلار بار ئىدى.

تاتارلاردىن رېۋىزىيە كومتېتىنىڭ مۇدىرى مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن ،مالىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاققاس ھاجى مىرشانوۋ، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى فاتىخ ئاللا يار، خانىم- قىزلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تەۋەيخانىم مىرشانوۋا (تاتار، ۋاققاس ھاجى مىرشانوۋنىڭ ئايالى)، تارباغاتاي خانىم- قىزلار جەمئىتىنىڭ باشلىقى گۈلەندەم ئاۋسىتاي ھەبيۇلىنا،« ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان »  مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن قاتالىقلار بار ئىدى.

ئۆزبېكلەردىن  يەر- سۇ مىنىستىرى سالىجانباي باباخان، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلبېك يۈسۈپوۋ، ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ، ئالىي ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پولات ئالىمى، ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نەبىجان يۇسۇپ، ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ياقۇپبەگ چۆچەكنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ئالىمجان ھاكىمبايوۋ، خانىم- قىزلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەزىز پاشا ( ئېلخان تۆرەنىڭ قىزى) قاتارلىقلار بار ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان يەرلىك ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ چېۋەر داھىسى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن  بىللە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ۋە ھۈرلۈكى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش يولىدا سۇيىقەستلىككە ئۆچراپ قۇربان بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مونونوۋ ، مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېۋلار قىرغىز ۋە قازاق مىللەتلىرىدىن ئىدى.

1951- يىلىدىن كېيىن باشلانغان سىياسىي ھەركەتلەردە  مىللىي ئارمىيە باش شتابنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خۇجا قاتارلىقلار زەربىگە ئۆچراپ، قەھرىتان قىشتا ئۇرۇمچى «  تىنچىلىق ئۆستىڭى » نى چاپتى. ئاتلىق پولك كوماندىرى  پودپولكونىك سۇپاخۇن سوپۇرۇۋقا تۆھمەت  چاپلىنىپ زەربىگە ئۇچرىدى. 1952- يىلى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىلىرى فاتىخ باتۇر ۋە غىنى باتۇر ئىككىسى تەقىپ قىلىنىپ گەنسۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىدا سىياسى ئۆگىنىشكە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلدى.

1957- يىلى چىڭداۋدا ئېچىلغان مىللەتلەر مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەرلىك ھەر مىللەت خەلقلىرىگە « ئۇيغۇرىستان » دىن ئىبارەت بولغان بىر ئالىي مۇختارىيەت — ئاپتونوم رېسپۇبلىكا  قورۇش مەقسىتىدە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇئېنلەي بىلەن يۈزتۇرانە ۋە جەسۇرانە زاكونلاشقان سىياسىيون شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىك تەشكىلاتى «  شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى »  مۇۋەققەت رەئىسى، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ( ش ئۇ ئا ر )  خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى  ئەسئەت ئىسھاقوۋ تاتار مىللىتىدىن ئىدى.

1957- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە « ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان« يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش » تە «  ش ئۇ ئا ر پارتكوم »  نىڭ دائىمىي ئەزاسى، پارتكوم سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ،« ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ ۋە ئەسئەت ئىسھاقوۋ قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللىي يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا «  مىللەتچى» ياكى « ئوڭچى » قالپاقلىرى كىيدۈرۈلدى.

1962-  يىلى ئاپتونوم رايوندا ئېلىپ بېرىلغان « رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى » دە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن كادىرلاردىن ئەسئەت ئىسھاقوۋ، ئەنۋەر جاكۇلىن ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى»  نىڭ مۇدىرى، قازاق )، ئەنۋەر خانبابا ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت- مائارىپ ئىشخانىسى » نىڭ مۇدىرى، ئۆزبېك )، ئابلىمىت ھاجىيوۋ (« ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە —  سودا ئىشخانىسى » نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى )  ۋە توختى ئەلىموۋ ( « ش ئۇ ئا ر ئالىي سوت » نىڭ باشلىقى ) لار قاتارلىقلار  تەنقىد ئوبيېكتى قىلىندى.

1966– 1976 –  يىللاردىكى ئاتالمىش « مەدەنىيەت زۆر ئىنقىلابى» دا « كاپتالىزىم يولغا ماڭغان ئۇنسۇرلەر» دەپ نام ئالغان ئابلىمىت ھاجىيوۋ، توختى ئەلىموۋ، ياسىن خۇدابەردى ( ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى )  قاتارلىقلارنىڭ قاتارىدا پاتىقان سۇگۇربايوۋ ( ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قازاق ) ، ئەسئەت ئىسھاقوۋ ، ئەنۋەر جاكۇلىن، ئەنۋەر خانبابا لار بار ئىدى.  ئەسئەت ئىسھاقوۋ ، ئەنۋەر جاكۇلىن خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلدى.

1997- يىلىدىكى « 5 – فېۆرال غۇلجا  قىرغىچىلىقى » دىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىللە ئۆزبېك ياشلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى.

نۆۋەتتىكى خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە  بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد  قىلىدىغان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقىنىڭ كۆزلىگەن ئاخىرقى نىشانى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى باشچىلىقىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىشتىن ئىبارەت.  خىتاي تىلىدا « تۈرك » سۆزىنى ئىپادىلەيدىغان «突厥族  » سۆزنىڭ «民族 中华» ( جۇڭخۇا مىللىتى ) سۆزىنىڭ كۆپلىك شەكلى بولمىغاندەك كۆپلىك شەكلى يوق. خىتايلارنىڭ نەزىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئەمەلىيەتتە بىر مىللەت دەپ قارىلىدۇ.

نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىچىلىقتا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى تۈمەنمىڭلاپ ئۇيغۇرنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاش ۋە قۇل ئەمگەك كۈچى قىلىپ جازا لاگېرلىرىدەك فابرىكىلاردا ئىشلىتىش،مىليونلاپ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ تۆگىتىش، يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرىنى جازا دارىلئېتاملىرىغا تۇتقۇن قىلىش بىلەن بىر مەزگىلدە نەچچە تۆمەن قازاقلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاش ۋە قۇل ئەمگەك كۈچى قىلىپ جازا لاگېرلىرىدەك فابرىكىلاردا ئىشلەتمەكتە. قىرغىزلاردىنمۇ نەچچە مىڭى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا سولاقلىق. ئۆزبېك ۋە تاتارلارنىڭ ئۆچراۋاتقان قىسمەتلىرىمۇ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز خەلقلىرىنىكىدەك بولماقتا. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلىمىدىن بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» پروفېسسورى، ئۆسۈملۈكشۇناس ئابدۇللا ئابباس لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. تىلشۇناس، تېرمىنشۇناس ۋە تەرجىمان ئالىم ھەسەن ( تاتار) جازا لاگېرىغا قامالغانئەزىمەت ئەنۋەر ئەزىمەت ئەنۋەر ، ئەسئەت ئىسھاقوۋنىڭ  نەۋىرىسى مارات — ئۇرۇمچى شەھەرلىك 14- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى 2018- يىلى نويابىر تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان، 2019- يىلى يازدا لاگېر يېنىدا قۇرۇلغان  بىر زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەك قىلماقتا ئىكەن. غۇلجىلىق ئۆزبېك ئوقۇغۇچى ئەزىمەت ئەنۋەر تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 15 يىل قاماق جازاسىغا كېسۋېتىلگەن. ئەزىمەت ئەنۋەرنىڭ دادىسى — « غۇلجا تاكسىم سودا سارىيى » خوجايىنى ئەنۋەر تۇرسۇن خوجا جازا لاگېرىدا ياتماقتا.

قازاق قىرىنداشلاردىن ئۆمەر بېكئالى، سايراگۈل ساۋۇتبايلار مېھىرگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، زۇمرەت داۋۇتلاردەك جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاللىق بېرىپ، پۈتۈن دۇنياغا خىتاي كومپارتىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىشتا ئاۋانگارتلىق رول ئويىندى.

زۇلۇم دېگەن زۇلۇم، زۇلۇمىنىڭ دەرىجىسى يوق. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋەكىللىك قىلغان  ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەر خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قىرىلماقتا. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشچىلىقىدا بارلىق يەرلىك ھەر مىللەت خەلقلىرى قانداق ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت ئارمىيىسىگە قاغشاتقۇچ زەربىلەرنى بىرىپ، بىر مەزگىل بولسىمۇ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، ھازىرمۇ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمە- جازا لاگېرلىرىنى پاچاقلاپ تاشلايلى !

Share
6221 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.