logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاندا بىخەتەرلىك چىقىمى شىددەت بىلەن ئاشتى، كەپتەر شەكىللىك جاسۇس ئايروپىلانلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى

 

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ گىرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى ئادرىئان زېنزنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)نىڭ ئۆتكەن يىللىق ئامانلىقنى ساقلاش چىقىمى شىددەت بىلەن ئېشىپ، «يۈز پىرسەنت ئېشىشقا يېقىنلاشقان». ئومۇمىي قىممىتى 58 مىليارد خەلق پۇلى (تەخمىنەن 880 مىليون دوللار) بولغان. زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ رايونىنىڭ پەقەت 2017- يىلىدىكى بىخەتەرلىك چىقىمىلا 2007- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان ئالتە يىللىق چىقىمنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان خەيكاڭ شىۋېي(hikvision)غا ئوخشاش بىر قىسىم خىتاي كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى جەھەتتە جىددىي ئېشىۋاتقان تەلىپى مۇھىم بىر «كۈتۈلمىگەن ھوسۇل» بولغان. مەركۇز ئاگېنتلىقنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەت ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدا ئاز دېگەندە بەش تۈرلۈك بىخەتەرلىككە ئالاقىدار توختام ئىمزالىغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد 850 مىڭ يۈەن بولغان. 2017- يىلىدىن باشلاپ، خەيكاڭ شىۋېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شىركەت شىنجاڭدا يەرلىك ھۆكۈمەتلار ئېلان قىلغان مىڭلىغان بىخەتەرلىككە ئالاقىدار تۈرلەرگە خېرىدار بولغان.

ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ رايونىنىڭ نازارەت قىلىش ئۈسكىنىلىرىنىڭ كۆلىمى يېقىنقى يىللاردا كەڭ كۆلەمدە ئۆسكەن، شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى كۆزىتىش كامېراسى، يۈز تونۇش سىستېمىسى، كۆز پەردىسى تەسۋىرلىگۈچ ۋە ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ مەزكۇر رايونغا ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت قىلىش ئېلىپ بارغان.

20180627_222534

ئۇنىڭدىن باشقا، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاللىبۇرۇن شىنجاڭ رايونىغا كەپتەرگە ئوخشايدىغان ئادەمسىز ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ رايونغا بولغان نازارەتنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتكەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 30 دىن ئارتۇق ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنى يېقىنى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە بەش رايونغا سىرتقى كۆرۈنۈشى كەپتەرگە ئوخشايدىغان بۇ خىل ئادەمسىز ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار كەپتەرلەرگە تەقلىد قىلىپ قانات قېقىش ئارقىلىق، يۇقىرىغا ئۆرلەش، شۇڭغۇش ۋە  ئۆرۈلۈش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى تاماملايدىكەن. جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن نەقىل قىلىپ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كەپتەر تۈرىدىكى قۇشلارغا ئىنتايىن ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەتتا ھەقىقى قۇشلار بىلەن بىرلىكتە ئۇچالايدىغانلىرى بار ئىكەن.

 

http://turkistantimes.com/uy/news-3046.html

Share
1892 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.